زىرە تەملىك كاۋا قورىمىسى ماتىرىيالى :
چاقما كاۋا ، زىرە ، سامساق ، سۇڭپىياز
ئېتىش ئۇسولى :
1. قازانغا ماي قويۇپ قىزىتىپ ، توغرالغان سۇڭپىياز ، سامساقلارنى سېلىپ ، مىزىلىك پۇرىغۇچە قورىۋالىمىز .
2.ياپىلاق توغرالغان كاۋىنى سېلىپ كۈچلۈك ئوتتا قورۇيمىز .
3.تۈز ۋە بىر پىيالە سۇ قوشۇپ ، يۇمشىغۇچە دۈملەيمىز .
4. سۈيى تۈگەي دىگەندە ، زىرە سېلىپ ئېلەشتۈرۈپ قورۇيمىز .
5.سۇڭپىياز كۆكىنى سىپىپلا تەخسىگە ئۇسىمىز . تامام .