oznur.cn abduheni
Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1325
شۆھرىتى: 14045 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 23048 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1420 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىملادىكى خاتالىقنىڭ ئېغىر بولۇشى يازما ماتېرىياللىرىمىزدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك. تور دۇنياسىدا بۇ ھالنىڭ تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. ئۇشبۇ مەسىلىنى تۈزىتىشنىڭ تۈپكى يولى تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېزىۋاتقۇچىلارنىڭ ئىملا بىلىمىنى ئاشۇرۇش دەپ قارايدىغان بولساقمۇ، ئىككىلەمچى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ يېزىش جەريانىدا ئىملاغا تەكشۈرۈش ۋە تەۋسىيە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، يازغۇچىنىڭ خاتالىقىنى بايقىشىغا ۋە يازمىلارنىڭ ئىملا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى ئاقىلانىلىك دەپ قارايمىز. « ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرگۈچ» لەر دەل ئاشۇنداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداپ كېلىۋاتقانلار قاتارىدا سانىلىۋاتىدۇ. ئاتالمىش «تور ئىملاچىسى» ئۇيغۇر تىلى ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىمىزنىڭ تەجرىبە نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلارنى ھازىرلىدى:  

1. تور بەت يۈزىدە تۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرچە تېكىستقا نىسبەتەن ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئېلىپ بارالايدۇ.  

ھەر قېتىم مۇنبەرگە تېما ياكى ئىنكاس يازغىنىڭىزدا رەسمىي يوللاشتىن بۇرۇن مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئۇشبۇ «تور ئىملاچىسىدىن» بىر ئۆتكۈزۈپ كەلسىڭىز، ئىشىنىمىزكى يازمىڭىزنىڭ ئىملا سۈپىتىدە خېلىلا ياخشىلىنىش بولىدۇ.  


1-رەسىم   ئىملا تەكشۈرۈش تەييارلىق ھالىتىدىن مىسال  


2-رەسىم  «ئىملا تەكشۈرۈش» تىن كېيىنكى كاندىدات سۆز كۆرسىتىشتىن مىسال  


3-رەسىم  ئەسلىگە قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن مىسال  


4-رەسىم  كاندىدات سۆز كۆرسىتىشتىن يەنە بىر مىسال  

2. ئۇيغۇرچە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم تور بەتنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرەلەيدۇ ۋە مۇناسىپ ستاتىستىكا ئۇچۇرى تەمىنلىيەلەيدۇ.  

ئەگەر سىز توت بېكەت قۇرغۇچى بولسىڭىز، تور بېكىتىڭىزدىكى چىقىرىلىپ بولغان مەزمۇنلارنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. قايسى جايلاردا سىز بايقىمىغان خاتالىقلار ساقلانغانكى...  
ئەگەر سىز بۇرۇن بىر چاغدا مۇنبەرگە تېما يوللىغان بولسىڭىز، تېما ئادرېسى ئارقىلىق مەزمۇندىكى ئىملا خاتالىقلارنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ. شۇ چاغدا قايسى سۆزلەنى خاتا يازدىڭىزكى...  

مۇناسىپ رامكىغا ئىملاسى تەكشۈرۈلمەكچى بولغان تور بەتنىڭ ئادرېسىنى تولدۇرۇپ «تەكشۈرۈش» كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ. (بۇ جەريان سەل ئاستا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە قايتا سىناپ بېقىڭ)  


5-رەسىم  تور بەت ئادرېسىنى تولدۇرۇش    

تەكشۈرۈلگەندىن كېين بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئىملا ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرى قوشۇلىدۇ.  


6-رەسىم   ئىملا ستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىدىن مىسال  

ئىملاسى خاتا سۆزلەر قىزىل رەڭدە بويۇلۇپ سېرىق رەڭلىك تەگلىككە ئېلىنىدۇ.  

  
7-رەسىم  تور بەتتىكى ئىملاسى خاتا سۆزلەرنى گەۋدىلىك كۆرسىتىشتىن بىر مىسال  

ئىملاسى خاتا سۆزنىڭ ئۈستىگە مائۇس سىتىرىلكىسىنى توغۇرلاپ بىر دەم ساقلىسىڭىز مۇناسىپ كاندىدات سۆزلەر كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئالماشتۇرالمايدۇ.  

  
8-رەسىم  تور بەت يۈزىدىكى كاندىداتلاردىن بىر كۆرۈنۈش  

دۇنيادا مۇكەممەل شەيئى بولمىغىنىدەك، مەزكۇر ماقالە يېزىلىۋاتقان پەيتتە ئۇشبۇ تور ئىملاچىسىدىمۇ بىر قىسىم بىز بايقىغان ۋە كۆپچىلىك بايقايدىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا. مەسىلەن، ئىملا ئامبىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بەزى توغرا سۆزنىڭمۇ خاتا دەپ قارىلىپ قېلىشى ۋە قىسمەن كاندىدات سۆزلەر ئارىسىدا ئىملاسى خاتا سۆزلەرنىڭ ئۇچراپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.  

نۆۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىقتىدارلاردىن باشقا، بىز يەنە تۆۋەندىكى تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى بار دەپ قارايمىز:  

1. Microsoft Office ھۆججەتلىرىدىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنىڭ ئىملاسىنى توردا تۇرۇپ تەكشۈرۈش.  
2. ئىملا تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى سىتاتىستىكىلاش.  
3. ئۆلچەملىك بولغان ئىملا تور مۇلازىمىتىنى ئېچىپ باشقا قوللانمىلاردىمۇ يۆتكەپ ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. (مۇنبەرلەرنىڭ مەزمۇن يېزىش رامكىلىرىغا ۋە Microsoft Office سىستېمىلىرىغا بىۋاسىتە باغلىۋېتىش بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ)  
4. لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇننىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش.  
5. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرى سۆز قوشۇش ئىقتىدارىنى تەمىنلەش.  
6. ئىملا تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تېخىمۇ توغرا بولغا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش.  

بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز ياكى پىكىر-تەكلىپ بەرمەكچى بولسىڭىز «تور ئىملاچىسى» بېكىتىدىن مۇناسىپ ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تاپالايسىز.  


ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ئىملاغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.  

«تور ئىملاچىسى» نىڭ ئەپچىل كىرىش ئادرېسلىرى:  

ئىملا چېكىت ئۇيغۇردېۋ چېكىت نېت  
imla.uyghurdev.net  

ئىملا چېكىت ئىزچى چېكىت بىز  
imla.izchi.biz  


ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورى تەجرىبىخانىسى  

=====================
قوشۇمچە: ئىملا تۈزىتىش مۇلازىمىتىنى مۇنبەر ۋە بىلوگلارنىڭ كىرگۈزۈش رامكىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنگىمىز بار. كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇرچە مۇنبەر، بىلوگ سىستېمىلىرىنىڭ قانداق تەھرىرلىگۈچلەرنى ئىشلىتىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىڭلارنى سورايمىز. بۇ ھەقتىكى بىلىملىرىمىز يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ
مەنبە:نۇرقۇت تورى
بۇ ماقالە پايدىلىق قىممىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ مۇئەللىم  بلوگىدىن يۆتكەپ كىلىندى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى :  http://muallimman.blogbus.com/logs/132419394.html



كىم ئىلىم ئوقۇپ ھىدايەت تاپمىسا، اللە دىن داۋاملىق يىراقلىشىدۇ.

مۇنبەرداشلار بۇ بەك ياخشى تېماكەنتوق ئەپسۇس سۈرەتلەر چىقماي قاپتۇ   سەۋىيىسى  .ئۈستۈن مۇنبەرداشلىرمنىڭ ئەسلى ئادىرسىغا كىرىپ قاراپ باقسىكەن دەپ ئۈمۈت قىلىمەن ،
پايدىلىنىش قىمىتى بار تىمىكەنتۇق.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-06-01 13:13 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

زۇلپىقار
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 1436
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 4
شۆھرىتى: 40 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 120 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 5 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرغۇچىلارغا  ئاسانلىق تۇغدۇرۇلۇپ بىرىلپتۇدە  
لىكىن ئۇنىڭغا  ئىسلىۋالماي ئۆز قولىمىزغا  تاينايلى  
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-01 17:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زۇلپىقار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69690 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70128 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 840 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياخشى  تەكلىپكەن رەھمەت
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-01 18:54 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 838
شۆھرىتى: 8930 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9040 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 929 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پايدىلىنىش قىممىتى باركەن. ئىملا تەكشۇرگۇچى دىتالنى نەدىن چۇشۇرىمىز؟
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-01 23:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھزادە
دەرىجىسى : VIP ئەزا


UID نۇمۇرى : 761
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 286
شۆھرىتى: 3065 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3269 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 370 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 49(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پايدىلىنىش قىممىتى باركەن .رەھمەت سىز گە
تىرىشايلى
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-06-02 10:56 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھزادە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تور بەت ۋە يۇمشاق دىتاللار
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/