oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئازاپ

دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 897
نادىر تېما : 22
يازما سانى : 257
شۆھرىتى: 3235 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3920 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 432 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 77(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز بېلىق گۆشى تەييارلىندىغان قورىمىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-10-31)
ئىلھام توختى"ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەكلىپ لايىھىسىنى ئېلان قىلدى.
بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفىسورى ئىلھامتوختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلانغان "ئانا تىل قايغۇسى ۋە قوش تىللىق مائارىپقا تەلەپ" ناملىق تەلەپنامىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتى، تىل-يېزىق سىياسىتى ۋە مىللىي سىياسىتىگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك چاقىرىق ھەم 12 ماددىلىق كونكرېت تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان
ئىلھام توختى ئەپەندى ئېلان قىلغان قوش تىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە سۇنۇلماقچى بولغان بۇ تەلەپ لايىھىسى 2010- يىلى 11-نويابىر كۈنى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلىپ، 12-نويابىر كۈنى تۇنجى قېتىم ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن لېكسىيە تەرىقىسىدە بېيجىڭدىكى ئوقۇغۇچى زىيالىيلار ئارىسىدا سۆزلەنگەن ھەم شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدىلا تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىغا 200 دىن ئارتۇق كىشى ئىمزاسىنى قويغان.
بۈگۈن ئىلھام توختى ئەپەندى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتى تورىدا بۇ تەلەپنامىنىڭ، تىبەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ قارارىغا قارشى نامايىشىدىن كېيىن، بېيجىڭدا ئۇيغۇر، خەنزۇ، تىبەت، قازاق ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلار شۇنداقلا ئىتالىيە، گېرمانىيە، كورىيە، ياپونىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن چەتئەللىكلەر ھەم جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ قاتناشقان 400 كىشىلىك چوڭ زالدا سۆزلەنگەن مەخسۇس تېمىدىكى لېكسىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىلھام توختى ئەپەندى قاتارلىقلار تەييارلىغان تەلەپنامىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ھازىر رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ھەم تىل-يېزىق سىياسىتىگە قارىتا ئالتە تۈرلۈك چاقىرىق 12 ماددىلىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
تۈرلۈك چاقىرىقتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1951-يىلى، 1995-يىلى ھەم 1996-يىللاردا ئېلان قىلىنغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئىشلىتىش، ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى چاقىرىقى مىسالغا ئېلىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى جۇڭگودىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىش، ئانا تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىرغان.
ئالتە تۈرلۈك چاقىرىقنىڭ ئاساسى مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1. تىل ھەم مەدەنىيەتنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بولۇش پرىنسىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارىدىن ئۆتكەن، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ پرىنسىپ بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك
2. ئانا تىل مائارىپىنى بىلەن تەربىيىلىنىش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقى ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاساسى ھوقۇقى، چوقۇم مائارىپ قانۇنىدا ئىجرا قىلىنىشى كېرەك.
3. دۆلەت تىلىنىڭ ئورنى جەزىملەشتۈرۈلۈشى، بۇ خەلقئارا تىل-يېزىق قانۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئەمما بۇ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنمىغان ئاساستا بۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلى مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئەھۋالدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى تىل-يېزىقنىڭ كۆپ خىل بولۇشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك.
4. ئانا تىل - ئۇ بىر مىللەتنىڭ روھى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى، مىللەتنىڭ بەلگىسى، مىللەتنىڭ غۇرۇرى ۋە ئورنى، شۇڭا ئانا تىل مائارىپىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ھەم ئۇنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى ئاساسىدا ئەركىن تەرەققىي قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك.
5. ئانا تىل مائارىپى ئەڭ بىۋاسىتە ئۈنۈم بېرىدىغان مائارىپ، ئۇ مىللەتنىڭ مىللىي غۇرۇرىنى تەربىيىلەيدۇ. مىللىي ئىپتىخارىنى كۈچەيتىپ مىللىي روھىنى ئۇرغۇتىدۇ. شۇڭا مىللەت ئەۋلادلىرى ئۆز ئانا تىل مائارىپىدىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.
6. ھازىرقى رېئال ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى تىل-يېزىق، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىقلاردا خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغان يەككە تىللىق مائارىپنى تەشەببۇس قىلىش ھەم مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى پەقەتلا مىللەتلەر ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشنى ھەم ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ؛ ئەكسىچە كۆپ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىغا يول قويۇش، ھەم باشقا تىللارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىلھام توختى ئەپەندى بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى قوغداشنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقۇقى ھەم دۆلەتنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بۇ ھوقۇقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
تەلەپنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 12 ماددىلىق تەلەپتە دائىرىلەردىن تۆۋەندىكى ئالتە مەزمۇن تەلەپ قىلىنغان:
1. دائىرىلەر خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ھەم مائارىپتا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلىرىنى رايوندا كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
2. ھازىر تەكىتلەۋاتقان ھەم ئىجرا قىلىۋاتقان يەككە تىللىق يەنى خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپ سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مىللەتلەر مائارىپىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق ھەم ئەركىن تەرەققىياتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك.
3. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن مائارىپ قانۇنى، دۆلەتنىڭ مىللىي تىل-يېزىق قانۇنى، مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى قاتارلىقلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر تىلىدىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل مائارىپىدا تەربىيىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
4. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قاتارلىق جايلاردا يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار زىيادە جىق بولۇپ كېتىش، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان ئوقۇتقۇچىلار زىيادە كەمچىل بولۇشتەك شارائىتنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.
5. ھۆكۈمەت مىللىي تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، دەرسلىك كىتاب، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى قاتارلىقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
6. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھازىر تەرىپلەۋاتقان قوش تىللىق يەسلى ۋە مەكتەپلەردىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇش ئىقتىدارى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ ئەنئەنىۋى پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى، مىللەتلەرنىڭ مائارىپ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكەئىگە قىلىشى كېرەك.
ئەسلى مەنبە: بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تورى
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى
★ھۇررا مۇنبىرى ★ http://urraclub.com/bbs,:
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-05-23 16:28 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئازاپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سىمىز
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2166
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 226
شۆھرىتى: 2370 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2370 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 244 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ تەكلىپ ئەمىلىيلىشەرمۇ؟
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-23 22:59 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سىمىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 818
شۆھرىتى: 8635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8630 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 873 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەمىلىيلىشىشى   تەسرەكمىكىن     ئاشۇ    قەغەز    يۈزىدىلا    قالىدۇ    ھەقاچان....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 09:53 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

رەھىمسىز
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1785
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 944
شۆھرىتى: 9580 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9630 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 960 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 236(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-11-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىلھام توختى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى كىشلەرنىڭ ياخشى ئىشلار ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن!!!
تىل -يېزىقىمىزنى قوغداشتىكى ياخشى بىر باشلىنىش بولغۇسى!!!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 11:50 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( رەھىمسىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سەۋسەبىن
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 1059
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 368
شۆھرىتى: 4085 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5070 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 406 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىلھام توختى ئاكىمىزغا ،  مەندىن  ئالاھىدە ھۆرمەت بولسۇن !  
                                                  
                                       ئانا  تىلىم !
                                  
                                    ( قۇتلۇق  شەۋقي   )

ئانا  تىل بىلگەن  كىشىنىڭ  ئىززىتىنى قىلغۇم  كىلۇر  ،  
ئانا  تىلنى ئاغزىدىن  ئالتۇن  بېرىپ  ئالغۇم  كىلۇر   .

بۇ  ئانا تىل بولسا  ئەگەر ئامىرىكا  -  يۇ  ئافىرىقىدا ،  
سەرىپ ئېتىپ  مىڭلارچە  تىللاھ  ئاندى  مەن  بارغۇم كىلۇر .

ھەي !  ئانا  تىل  بىزگە  قالغان  ئۇلۇغلاردىن  سەن  نىشان  ،
سەن  بىلەن  روھى زېمىندا  ئىپتىخارلانغۇم   كىلۇر  !!!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 11:58 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەۋسەبىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۇلخان
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 447
شۆھرىتى: 4620 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4821 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 497 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 145(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئانا تىلنى قوغداش قانداقتۇر ئىلھام توختى ئەپەندەنىڭلا ئىشى ئەمەس.بارلىق مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىز.شۇنداقمۇ؟
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 14:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

نائىلە

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 3090
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 598
شۆھرىتى: 6290 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7161 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 736 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  مۇشۇ لايىھە ئەمەلىيلەشسە بۇلاتتى . ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىنىپتا خەنزوتىلىدا ئۆتكەن دەرسنى چۈشەنمەي ، ھاڭۋاقتىلەرچە ئولتۇرۇپ كىتىشلىرى ئادەمنى بەك ئازاپلايدۇ !
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 17:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نائىلە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۇرت
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 3073
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرىتى: 460 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 460 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 46 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

      
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-24 18:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۇرت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

halmurat
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 2842
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 77
شۆھرىتى: 790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1110 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 93 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-10-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

2010- يىلى 11-نويابىر ئوتتورغا قۇيۇلدى دەپتۇ دىمەك بىر يىل بوپتۇ .ھازىرغىچە ھىچقانداق
ئوزگىرىش يۇق .مەنغۇ مۇشۇنداق بولۇشىنىڭ ھەممە سەۋەبى ئوزىمىزدە دەيمەن.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 00:57 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( halmurat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

abdul
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 720
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 232
شۆھرىتى: 2375 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2530 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 260 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ پەقەت بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپ، مۇنداق ۋاقتى كەلسە خوشى تۇتسا مۇنداق قاش-قاپاققا قاراپ بېقىپ تېخى بىر مەزگىلگۈچە سۈلىھلىشىپ باقىدىغان گەپ، ئاشۇ ئىلھامكامنىمۇ سالامەت قىلسۇن...........
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-05-26 10:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( abdul ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تارىخقا نەزەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا