ھايۋانات مەنبەلىك غىزالار
بىرىنچىسى : گۆش ؛ بۇ ئىنسان بەدىنىنى كۈچلەندۈرگۈچى ئۇزۇقلۇق بولۇپ ، بۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. گۆشتە ئاقسىل تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، بەدەننى مول ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئۇيغۇرلار قوي ، كالا ، تۆگە، كىيىك، قوتازن توشقان ، تۇخۇ ، ئۆردەك ، غاز ، بېلىق، كەپتەر ، قۇشقاچ، پاختەك، تۇرۇلغا، بېغىرتاق، كەكلىك، ئۇلار، قىېغاۋۇل، قاشقالداق، بۈدۈنە، ۋىتىلداق، جىگدىچى قاتارلىقلارنىڭ گۆشىنى ئىستىمال قىلىدۇ. قۇشلارنىڭ گۆشى ھايۋانلارنىڭ گۆشىگە قارىغاندا تەركىبىدە ئاسان سىڭىدىغان ياغ ۋە ئاقسىل ماددىلىرىدىن ئازراق بولغاچقا ، تېبابەتتە بۇ گۆشلەر ئوبدان گۆش ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بىمارلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بۇيرۇلىدۇ.
بىرىنچىسى : قوي گۆشى؛ قوي گۆشى ئۆچكە گۆشىگە قارىغاندا مايلىقراق بولىدۇ. قوي گۆشىنىڭ خېمىيىۋى تەركىبى قوينىڭ تۈرى ، يېشى ، ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى قوي تىپىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. ئۇرۇق قوي گۆشىنى مىسالغا ئالساق ، ئۇنىڭدا سۇ %68 ، ئاقسىل %17.3، ياغ %13.6، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى %0.5 ، كالتسىي %15، فوسفور %16.8 ، تۆمۈر %3 نى ئىگەللەيدۇ. بۇلارنىڭ سىرتىدا بىر قانچە خىل ۋېتامىنلار، خولىستىرىنلار بار.
سېمىز پاقلان گۆشى ياخشى ، لېكىن ئۇرۇق ۋە قېرى قويلارنىڭ گۆشى ياخشى ئەمەس. قوينىڭ بەك سېمىز ، ياغلىق گۆشى ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەرگە، ھەزىم قىلىشى ئاجىز كىشىلەرگە ئاسان سىڭمەيدۇ. قوي يېغى، سېمىز ۋە ياغلىق گۆشلەر ئادەمنى سەمرىتىش، ، ھەر قايسى ئەزالارغا ياغ قاتلىمى پەيدا قىلىش ئارقىلىق ، قان تومۇرلاردا چۆكمە ھاسىل قىلىپ ، قان تۇمۇرلارنى قاتۇرۇش، قان تەركىبىدىكى ياغ ماددىسىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇيىغان يغلار قان ئېقىمىدا توسالغۇ پەيدا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ ھايۋانات ياغلىرىنى ئاق ئۇن ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ ، كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار تېخىمۇ كۆپرەك پەيدا بولىدۇ. ھاراق بىلەن ئىستىمال قىلىنغان سېمىز گۆشلەر ئادەم بەدىنىنى تېخىمۇ سەمرىتىۋېتىدۇ، قان بېسىمىنى يۇقىرىلىۋېتىدۇ. يۈرەك ۋە قان تۇمۇر كېسەللىكى بارلار بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى لازىم.
ئىككىنچىسى : ئۆچكە گۆشى؛ ئۆچكە گۆشى قوي گۆشىگە قارىغاندا ياخشى ئەمەس ، لېكىن ئاسان ھەزىم بولىدۇ.
ئۈچىنچىسى: كالا گۆشى؛ كالا گۆشى كالىنىڭ تۈرى ، بېقىلىشى، بېقىلغان ئۇرۇن قاتارلىق شارائىتلارغا قاراپ ھەر خىل بولىدۇ. ئۇرۇق كالا گۆشىنى ، ئاقسىل %20 ، ياغ %2-%6 بولىدۇ. سېمىز كالا گۆشىدە ياغ %5-%8 ، ھەر خىل ۋېتامىنلار ، كالتسىي ، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلار بولىدۇ. كالا گۆشى ئاقسىلىدا بەدەنگە كېرەكلىك ئامىنو كىسلاتالىرى مول. شۇنىڭ ئۈچۈن ، ياۋروپالىقلار كالا گۆشىنى قوي گۆشىدىن ياخشى كۆرىدۇ ۋە قۇۋۋىتىنى زىيادە ھېسابلايدۇ. كالا گۆشى تەستە ھەزىم بولىدۇ ، دائىم ئىستىمال قىلىنسا ، بولۇپمۇ ياخشى پىشۇرۇلماي ئىستىمال قىلىنسا قاپاق ئۇرۇقىسىمان مەددە كېسەللىكى ، تۈرلۈك تېرە كىسەللىكلىرى، مۇپاسىل كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. كالا گۆشى خانازىر، بۇۋاسىر ، ئۈچەي مەددىلىرى، تېرە كېسەللىكلىرى ئۈچۈن زىيانلىق. چۈنكى، كالا گۆشى تۆتىنچى ھەزىمدە تەستە ھەزىم بولىدۇ.
ياخشى گۆشنى تونۇش: قوي، ئۆچكە ۋە كالىنىڭ گۆشى ئاچ قىزىل ۋە سۈزۈك بولۇشى كېرەك. گۆشنىڭ يۈزىدە سىمابقا ئوخشاش لىغىرلاپ تۇرىدىغان نىپىز پەردىسى بولسا ياخشى گۆش ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر گۆشنىڭ رەڭگى قانغا ئوخشاش قىزىل ياكى كۆكۈچ بولسا ناچار ھېسابلىنىدۇ. رەڭگى سېرىغ ۋە قارىداپ قالغان گۆش بۇزۇلغان گۆش ھېسابلىنىدۇ. گۆشلەرنى ۋاقتىدا ئىستىمال قىلىش، ساقلاشقا توغرا كەلسە ھەمىشە تۇزلۇق ساندۇقلاردا ياكى توڭلاتقۇدا ساقلاش، توپا – چاڭ ۋە چىۋىنلەر ، ھاشاراتلارنىڭ قونۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كونىرىغان گۆشلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بۇۋاسىر ، گال ئاغرىقى، ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى قوزغايدۇ. گۆشلەرنىڭ پاكىز ساقلىنىشى ناھايىتى مۇھىم. چىۋىن قونغان، ھەرە چاپلىشىۋالغان، چاڭ-توزان قونغان، قان ، تېزەكلەر يۇقۇپ قالغان ۋە باشقا جەھەتتە بۇزۇلۇپ قالغان گۆشلەرنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنداق گۆشلەر ئىستىمال قىلىنسا ئېغىر كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ كونا گۆش ئىنتايىن زىيانلىق. 20 سىلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ئىسسىقلىقتا سەككىز سائەت تۇرغان گۆش بۇزۇلىدۇ. سىل كېسەللىكى بار ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستىقمال قىلىشقا بولمايدۇ. بولمىسا ھايۋانلارنىڭ كېسىلى ئادەملەرگە يۇقۇپ قالىدۇ.
كېيىنكى مەزمۇن قۇش گۆشلىرى ، بېلىق ۋە تۇخۇ گۆشى.
ھاياتلىق دەستۇرى.
تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
مەنزىلى:
http://www.4tadu.com/?p=862