توزنىڭ قىرغاۋۇلدىن ئىسىل بولىشى ،سۇمرۇغنىڭ بىركۈتتىن ئىقتىدارلىق بولىشى ،ئەينەكنىڭمۇز پارچسىدىن سۈزۈك بولىشى ناتايىن . نىمىشقا بەزى ئەرلەر قارىماققا ھامان ((ئىسىل سۈپەت)) كۆرىنىدۇ؟ بەزى ئاياللار قارىماققا ئانچە چىرايلىق ھەم ئۇز ئەمەس ،لىكىن ئادەمنى ئۆزىگە ((مەھلىيا)) قىلالايدۇ .
((ئادەم سەتى ئەمەس ،كيىم سەتى )).كۆزنى يۇمۇشقا بولمايدىغان بىرھەقىقەت شۇكى ،كىشىلەر ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ سىرىتقى قىياپىتىگە قاراپ باھا بىرىدۇ. ئىتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى ،جەمىيەت تەرەققى قىلغانسىرى كىشىلەر ئادەمگە قانچىلىىك پۇلى بارلىقىغا قاراپ باھا بىرىدۇ . كىم پۇل تاپالىسا ، شۇنىڭ ئىقتىدارى بار دەپ قارىلىدۇ ھەم جەمىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ .
مەن بىر قىتىم ، كىيىم ئادەم ئۈچۈن زادى قانچىلىك مۇھىم ؟ دىگەننى سىناق قىلىپ باقتىم . يەنە بىرتويغا قەستەن ئىنتايىن ئاددى بىر كۆينەكنى كىيىپ باردىم ، مەن بىلەن بىللە بارغان يەنە بىر ئايال ئەلۋەتتە ئىنتايىن ئىسىل كىيىنگەن ئىدى . ئۆيدىن چىقىشىمغىلا ئۆزۈمنىڭ سەل بىئارام بولۋاتقانلىقىنى ھس قىلدىم ھەم سىناق نەتىجىسىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ بولدۇم . شۇنداقتىمۇ ھەقىقى سىناقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن مەردانە ھالدا زالغا كىردىم .ئەلۋەتتە مەن باشقىلارنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنى قوزغىيالمىدىم ،دىمەك ،ئاخىرقى نەتىجە ،سىزنىڭ قانچىلىك بىلىملىك ،پەزىلەتلىك ،ياخشى بولۇپ كىتىشىڭىزدىن قەتئى نەزەر ،باشقىلارغا ئالدى بىلەن چىلىقىدىغىن تاشقى قىياپەت ، كىيىم-كىچەك ، باشقىلارجەلىپ قىلارلىق تاشقى قىياپەت ئارقىلىق ئاندىن سىز بىلەن يىقىنلىشىدۇ، مۇئامىلە قىلىدۇ.
دىمەك ،((چوڭ )) ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىردىغان ئەرنىڭ كىيىم-كىچىكى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ يۈرىشىشى ، سودىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ۋە باشقىلارغا ياخشى تەسىر بىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ .شۇڭا ، ئىرىڭىزگە كىيىم ئالسىڭىز سۈپەتلىكنى ئىلىپ بىرىڭ (گەرچە ئانچە قىممەت بولمىسىمۇ ) .سۈپەتلىكىنى تاللاڭ .
مەنبە ؛ ئاياللارغا 101نەسھەت (كىتاپ)
[ بۇ يازمائەلقاينارتەرپىدىن2011-04-24 12:37دە قايتا ]