يوقالغان ئىلھام
غۇربەتلىكتە تىترىدى ئىلھام،
يىتىرقايدۇ يازمىغان تېمام.
ئوخشىمايلا قالدىم ئۆزۈمگە،
رەڭسىز چىقىپ قالدى ھەم سىزمام.
دات بېسىپتۇ ئەنە قەلەمنى،
يازالمىدىم بارچە ئەلەمنى.
ئۆزۈم خالاپ بىزىدىم يەنە،
ئازاپ بىلەن قەلىب خانەمنى.
مۇڭسىرىغان مىسرالىرىم يوق،
سۈكۈتلەرگە قاپتىمەن كۈنۈپ.
يۈكسەكلىكىم ئىدى ئاشىقلىق،
ھازىدارمەن چىن سۆيگۈم ئۈلۈپ .
ھەسرىتىمگە يۆلۈنۈپ ئۈمۈد،
كېتىپ قالدى شىرىن ئۇيقىغا.
چۈشكۈنلۈكنى قالدىممەن چۈشەپ،
تۇتۇنلەردەك تارىدىم ئاستا.
ناتۇنۇشتۇر ھايات مەناسى،
چالغانلىرىم بۇرۇنقى ئاھاڭ.
ئېزىقتۇردى سېھىرلىك دۇنيا،
روھلىرىممۇ يۈتۈپتىغۇ تاڭ.
كۈن كۆرمىگەچ بىر رەت قانغۇچە،
غورورۇممۇ قاپتۇ كۆكىرىپ.
نۇمۇس ئەمەس يېقىلغانلىرىم،
سۇ ئىچسەممۇ يۈردۈم كىكىرىپ.