hantagri illikdunya.biz sohpat
گۇلخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1288
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 417
شۆھرىتى: 4220 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4421 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 456 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


1.تېرىنى نەمخۇش قىلىدۇ. ھەسەل تەركىبىدە گىلىكۇزا، مېۋە شىكىرى، ئاقسىل، كۆپ خىل ۋېتامىن، 20نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا، كۆپ خىل مىكرو ئىلمېنت ۋە ۋە ئېنزىم قاتارلىق تېرە ئاسرىغۇچى تەركىبلەر بار بولۇپ ، ئۇلار ئۈستۈنكى ۋە ھەقىقى تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، ھۈجەيرىلەرنى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىن ئېتىپ ئۇلارنىڭ بۆلۈنىشى ۋە ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا ھەسەلنىڭ ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ تېرىسىنى ياخشىلاش، پىگمىنتلارنىڭ چۆكمىگە چۈشۈشىنى ئازايتىش، تېرىنىڭ قۇرغاقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش، تېرىنى نەمخۇش قىلىش جەھەتلەردە ناھايىتى ئوبدان رولى بار. ئەگەر ھەسەل ئىستىمال قىلىشنى كۈندۈلۈك ئوزۇقلۇق ئىستىمالىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرالىغانلاردا بۇنىڭ رولى ئىنتايىن كۆرىنەرلىك بولىدۇ.

2.قورۇقنى يوقۇتۇپ، تېرىنى ئاقارتىدۇ. ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل قورۇقنى يوقۇتۇش رولىغا ئىگە بولۇپ ، تېرە ئاستىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى تولغان ھەم ئىلاستىك ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بولۇپمۇ ھەسەل ئاقسىلى تەركىبىدىكى كوللاگېن تېرى ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىدىكى ئاساسلىق خام ئەشيا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تېرىنىڭ سۇ ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېرىنىڭ ئىچى-سېرتىدىكى سۇ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، تېرىنى نەمخۇش قىلىش رولىنى ئويناپ، تېرىنى تولغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئادەمنىڭ چىرايىنى تېخىمۇ ياش، نۇرلۇق، چىرايلىق كۆرىنىدىغان قىلىدۇ. ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتالارمۇ قېرىغان ۋە قاتتىقلاشقان تېرىنى يۇمشىتىپ ، مۈڭگۈز ماددا قەۋتىدىكى نەملىكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى توسۇپ، تېرىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلايدۇ.

ھەسەل تەركىبىدىكى كۆپ خىل ۋېتامىنلارغا كەلسەك، ۋېتامىن س قارا پېگمىنتىنىڭ <<رەقىبى>>. ۋېتامىن ئې نىڭ تېرىنىڭ قېرىشنى كىچىكتۈرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قىل قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھايات كەچۈرۈش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە پىگمېنتلارنىڭ چىقىرۋېتىلىشىگە پايدىلىق رولى بار، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە تېرە ئاستىدىكى ئوشۇقچە ياغنىڭ ئوكسىدلىنىشقا پايدىلىق بولۇپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى كۈچەيتىپ. تېرىنى سىلىقلايدۇ ھەمدە قاشتىشىدەك سۈزۈك قىلىدۇ.

ھەسەل تەركىبىدىكى ۋېتامىن ئا قورۇق چۈشۈشكە قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، تېرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى يۇمشاق، سېلىق، ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆزنى رۇشەن، چاقناپ تۇرىدىغان قىلىدۇ؛ ۋېتامىن ب بولسا تېرە ياللۇقىغا قارشى تۇرىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ماددا بولۇپ يۈزدىكى پېگمىنت دېغى ۋە دانخورەكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇلارنى يوقىتىشقا ياردەم بىرىدۇ. ۋېتامىن ب 3 تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرۋېتىش، فونكىسيېسىنى ياخشىلاپ، قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ۋېتامىن ب 6 تېرە ياغ بېزىنىڭ ھەركىتىنى تورمۇزلاپ ، تېرە مېيىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئازايتىپ ، دانخورەك چىقىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.؛ ۋېتامىن ب 12 قان ھاسىل قىلغۇچى ماددا بولۇپ، قان رەڭ ماددىسىنى كۆپەيتىپ، تېرىنىڭ رەڭگىنى ئانار دانچىسىدەك چىھرىلىك ۋە جۇشقۇنلۇققا ئىگە قىلىدۇ، تېرىنى سۈزۈك ۋە يۇمشاق قىلىدۇ.

3.چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ.

قەۋزىيەت چىراي گۈزەللەشتۈرۈشنىڭ دۈشمىنى، چوڭ تەرەت راۋان بولمىسا، چوڭ تەرەتتىكى زەھەر(توكسىن) قان تەرپىدىن سۈمۈرلۈپ، تېرىنىڭ فىزئولوگىيلىك فونكىسيېسىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.، نەتىجىدە تېرە پارقىراقلىقى ۋە ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىنىڭ قېرىشى تېزلىشىدۇ. بۇ تېرىگە قورۇق چۈشۈش، داغ پەيدا بولۇش، مۇدۇر-ئەسۋە چىقىشنىڭ سەۋەبىدۇر. ھەسەل بولسا چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئەڭ ئېسىل، بىخەتەر دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولماسلىقمۇ چىراي گۈزەللىكىنىڭ چوڭ دۈشمىنى. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا قاننىڭ ئايلىنىشى ئاستىلاپ، كۆز ئەتراپى قارىداش، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىقى كىلىپ چىقىپ تېرە پارقىراقلىنى يوقىتىدۇ - دە، ئادەمنىڭ چىرايى تاتىراڭغۇ، خۇنۈك، قان رەڭگىدىن خالى سارغىيىپ كۆرىنىدۇ. ھەسەلنىڭ تەركىبىدىكى گىلكۇزا، ۋېتامىن ۋە ماگنىي، فوسفۇر، كالتىسىي قاتارلىق ماددىلار نېرۋىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا دائىم ھەسەل ئىستىمال قىلىپ بەرسە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ چىراي گۈزەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمگە ئېرىشكى بولىدۇ.

چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى:

ھەسەل تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن چىراي گۈزەللەشتۈرۈش بۇيۇمى بولۇپ، ئۇنى مەيلى سىرتتىن سۈركەپ بەرسىمۇ ياكى ئىچىدىن ئىچىپ بەرسىمۇ، بەدەنگە ۋە تېرىگە ئىنتايىن چوڭ پايدىسى بار.

* ئەگەر 10يىلدىن كىيىن كۆپ پۇل خەجلەپ تېرە تارتىش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرماي ھەم گۈزەللەشتۈرۈش ئوكۇلى ئۇردۇرماي دېسىڭىز ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا لىق بىر قوشۇق ھەسەل سىلىپ ئىرىتىپ ئاچ قورساققا ئىچىپ بىرىڭ، مۇشۇنداق قىلغاندا جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارنى كۈچەيتىپ، قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇپ بەدەننى تازىلاپ داغلارنى يوقۇتۇپ يۈز تېرىسىنى ئاق ۋە يۇمۇران قىلغىلى بولىدۇ.

ھەسەل بىلەن يۈز يۇيۇپ چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلى:

يېڭى، ساپ، سۇس رەڭلىك، سۇيۇقراق ھەم سۈزۈك بولغان، پۇرىقى تەبئىي بولغان سۈپەتلىك ھەسەل سېتىۋېلىپ ھەر قېتىم يۈز يۇيغاندا، ئالدى بىلەن يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش، ئاندىن ھەسەلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئالقانغا تۆكۈپ، ئىككى قولنى جۈپلەپ ئىشقىلاش (ھەسەل قويۇق بولسا ئازىراق سۇ قوشۇپ سۈيەلتسە بولىدۇ)، ئاندىن ئىككى قولنى يۈزگە يېقىپ تۇرۇپ يۇقۇرىغا ۋە سىرتقا قارىتىپ چەمبەر شەكلىدە ئۇۋۇلاش لازىم. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئورۇننى ئىنچىكىلىك بىلەن نۇقتىلىق ئۇۋۇلاش لازىم. كۆز قۇيرۇقىدىكى بېلىق قۇيرۇقىسىمان قورۇق بار ئورۇننى ئىككى قولنى بارماق يۈزى بىلەن ھالقا شەكلىدە ئايلاندۇرۇپ ئۇۋلاش، پىشانىدىكى قورۇق بار ئورۇننى تىك يۆلىنىشتە ئۇۋۇلاش؛ بۇرۇن لىپىلدىقىنىڭ ئىككى يېنىنى ھالقا شەكلىدە ئۇۋۇلاش؛ قاڭشار قېرىنى يۇقۇرى-تۆۋەن ئۇۋۇلاش؛ بويۇننى تۆۋەندىن يۇقۇرىغا قارىتىپ ئۇۋۇلاش؛ قۇلاقنىڭ ئىككى يېنىنى يۇقۇرى-تۆۋەن ئۇۋۇلاش؛ ئېغىز ئەتراپىنى <<八>> شەكلىدە ئۇۋۇلاش كېرەك. ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن، يۈز - قولىنى ئىلىمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىپ، تېرە ئاسراش مايلىرىنى سۈركىۋالسا بولىدۇ
تېما تەستىقلىغۇچى : axtuzi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-04-07, 09:41

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( گۇلخان )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-04-07 13:06 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۇلخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 844
شۆھرىتى: 8495 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8590 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 859 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 332(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇبارەك قۇرئان كەرىمدىمۇ بىرنەچچە ئورۇندا ھەسەلنىڭ پايدىلىق تەرىپى تىلغا ئېلىنغان ........... مەنمۇ ھەركۈنى ئەتتىگەن ھەسەلنى سوغوق قايناقسۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئىچىمەن ئۈنىمى راستىنلا ياخشى بولىدىكەن
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 17:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىۈ

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2447
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 578
شۆھرىتى: 5800 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5799 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 587 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 169(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كۆپ رەھمەت. شۇنداق پايدىلىق بىلىمكەن.مەنمۇ سىناپ باقاي.
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 09:09 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىۈ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
قارلەيلىسى
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2726
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 61
شۆھرىتى: 610 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 610 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 61 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قىزلارنىڭ ھەممىسى گۈزەللككە ئىنتىلىدۇ  ........ رەخمەت سىزگە .  مەنمۇ سىناپ  كۆرەي .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 11:12 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قارلەيلىسى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 868
شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 911 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاشقازان كىسىلى بارلار ھەسەلنى قايناق سۇغا ئارلاشتۇرۇپ ئچىپ بەرسەكىسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-08 12:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » خانىم - قىزلار سەمىگە
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا