oznur.cn abduheni
سەمەندەر
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2598
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 48
شۆھرىتى: 500 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 970 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 58 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


                                                          ئاناڭ ئايمۇ، ئاتاڭ كۈنمۇ؟
                                                          تۇغۇپتۇ سەن قىزىلگۈلنى .
                                                         سېنىڭ كويۇڭغا سېلىپتۇ .
                                                         مېنىڭدەك بىر غېرىپ قۇلنى.
                                                         ئاللا ، جان ئانانۇرخان،
                                                         شەرىڭگە مۇساپىرمەن...
   «ئانانۇرخان »دىگەن بۇ ناخشىنى ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ ، ئەمما بۇ ناخشىنىڭ بۇنداق تارىخىي ئارقا كۈرۈنۈشى بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن . يېقىندا كىتابخانىدىن «پادىچى ۋاڭ» ناملىق تارىخىي رۇماننى سېتىۋىلىپ ئوقۇغاندىن كېىيىن ئاندىن بىلدىم. بەلكىم كۆپچىلىكمۇ بۇ ناخشىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن ،بۇ پارچىنى ئوقۇغاندىن كىيىن بۇ ناخشا توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچىگە ئېرىشىپ قالساڭلار ئەجەپ ئەمەس.گەرچە بۇ ئاشپەز مۇنبىرى بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم ، زېرىكىپ قالغاندا كۈرۈپ قۇيارسىلەر.


                                                              پادىچى ۋاڭ (تارىخىي رۇمان )
                                                                  ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت
                                                                           16 -باب
                                                                                 1
   لۈكچۈن شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر مەھەللىدە نامراتلىق جىسمىنىمۇ ، روھىنىمۇ مىجىپ تاشلىغان موللاخۇن ئىسىملىك ، دىننىي تەلىملەردىن خېلى خەۋىرى بار بىر كىشى بولۇپ ، نامراتلىق دەستىدىن مەھەللىسىىدىكى بالىلارنى يىغىىپ ئوقۇتۇش بىلەن كۈن ئۆتكۈزەتتى. موللاخۇن لۈكچۈن مەدرىسىدە خېلى ئوقۇغان ئادەم بولسىمۇ قورقۇنچاق ، تاماخور ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا مەسچىتنىڭ ئىماملىقىمۇ تەگمىگەن ،جامائەت ئىچىدە بولسا ئىناۋىتى يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. گەرچە ، ئۇ ئۆزىنىڭ دىننىي بىلىملىرىنى يۇقىرى چاغلاپ يۈرسىمۇ، لېكىن خەلق ئۇنىڭغا ئاددىي كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەكلا مۇئامىلە قىلاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن دىلى رەنجىپ ، دائىم خاپا بولۇپ يۈرەتتى.
  ئوتتۇرا بوي ، ئاۋاق كەلگەن موللاخۇن ئادەتتىكى چاغلاردا بۆزدىن پەشمەت، بېشىغا كىرلىشىپ كەتكەن شاپاق دوپپا كىيسە، توي – تۆكۈن ، ئۆلۈم – يېتىم ئىشلىرىغا بىردىنبىر مېھمانلىق كىيىمى بولغان بەقەسەم يوللۇق پەرىجە ۋە داكىدىن ئاددىيلا ئورىۋالغان سەللىسىنى كىيىپ باراتتى ۋە ئۆزىنى مۆتىۋەرلەر سېپىگە قوياتتى. كىشىلەرنىڭ كۇسۇرلاشلىرىغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويۇپ پىسەنت قىلماي سالاپەت بىلەن ئولتۇرۇشقا تىرىشاتتى كىشى ئۆز كۆڭلى بىلەن ئۆزىگە پادىشاھ.شۇڭىمۇ موللاخۇن بەقەسەم پەرىجىسى بىلەن سەللىسى ئىچىگە چۆككىنىچە ،ئۆچكە ساقىلىنى تاراپ كۆڭلىدە ئۆزىنى خاتىپلار قاتارىغا قويۇپ، مۆتىۋەرلەرچە قەدەملەر بىلەن ماڭغىنىدا موللاخۇننىڭ كۆڭلى يايراپ كىتەتتى.
    جاھاننىڭ قىزىقچىلىقىنى ، ئاچچىق تەنىسىنى كۆرۈڭ: ئەنە شۇ موللاخۇننىڭ ئانانۇرخان ئىسىملىك بىر گۈزەل قىزى بار ئىدى. ئانانۇرخاننىڭ ھېچبىر يېرى موللاخۇنغا ئوخشاشمايتتى. ئانانۇرخان 15ياشقا قەدەم قويغان چاغلىرىدا پەرىزاتتەك گۈزەل ھۆسىن – جامالى بىلەن يىگىتلەرنى مەھلىيا قىلاتتى. ئۇنىڭ قۇندۇزدەك قاپقارا بوستان چاچلىرى گويا مەجنۇنتالدەك نازۇك بېلىنى يېپىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ياساپ قويغاندەك ئەگىمەك سۈرمە رەڭ قېشى ، جادۇ كىرپىكلىرى، قاپقارا كېيىك كۆزلىرى ، ئېقىپ چۈشكەندەك يارىشىملىق بۇرنى ئاناردەك مەڭزى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇنى تولىمۇ گۈزەل كۆرسىتەتتى.
كىشىلەر ئانانۇرخاننى كۆرگەن چاغلىرىدا بىر – بىرىگە :
-توۋا ، موللاخۇندەك بىر ئاۋاق، كۆرۈمسىز، ئىچىدە توڭگۇز قاترايدىغان ئادەمدىن پەرىزاتتەك بىر قىزنىڭ تۇغۇلغىنىنى ! قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدايىم تاشتا گۈل ، تاغ بېشىدا كۆل يارىتىۋېرىدۇ- دە؟!-دېيىشەتتى. ھەتتا بەزىلەر تىلىنى تاتلىق قىلىپ :
- مۇشۇ پەرى كىمنىڭمۇ رىزقىدۇر – ھە؟ - دەپ كېتەتتى. يىگىتلەر بولسا : «بىر پەيتى كەلسە ، بۇ نازىنىننى ئۆزۈمگە رام قىلىۋالسام » دەپ ئارمان قىلىشاتتى. دېمىسىمۇ ، ئۇ قىزنى بۇ مەھەللىدە نۇرغۇن كىشىنىڭ كېلىن قىلىۋالغۇسى كېلەتتى.
   ئانانۇرخان ئاتىسى موللاخۇندا ئوقۇپ خەت – ساۋاتىنى چىقىرىپ نەۋائى قاتارلىقلارنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولدى. شۇنداق بولغاچقا ، كۆڭلىدە سان قىلىپ يۈرگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاغزىدا ئىلىپنىڭ سۇنۇقى يوق ئوغۇللىرىدىن قاقشىشىپ ئاغزىنى تاتلىق قىلغانچە قىلىشاتتى.
    ئانانۇرخان بالىلىق چاغلىرىدا موللىدا ئوقۇيدىغان شۇ مەھەللىك تۆمۈرچىنىڭ جېلىل ئىسىملىك ئوغلى بىلەن ناھايىتى ياخشى ئۆتەتتى. كېيىنكى كۈنلەردە ئانانۇرخان بىلەن جېلىل بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ، يېشىنىڭ چوڭىيىشى بىلەن ئىشق بۇ ئىككى ياشنى كۆزگە كۆرۈنمەس ئۇلۇغ يىپى بىلەن بىر – بىرىگە چىڭ باغلىدى . جېلىل ئاتا كەسپىي تۆمۈرچىلىك ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ ، داڭلىق ئۇستىغا ئايلانغانىدى.
   بىر – بىرىگە كۆڭۈل بېرىشكەن جېلىل بىلەن ئانانۇرخان ئۆمۈرلۈك جۈپلەردىن بولۇشقا ۋەدىمۇ بېرىشىپ ، بۇ يولدا ھەرقانداق جاپا – مۈشكۈللەرنى بىرلىكتە يىڭىشكە ئەھدە قىلىشقانىدى .
   ئانانۇرخان 16ياشقا تولغان يىلى چىلانباغ مەھەللىسىدىكى ئاتا جەمەت تۇغقانلىرىنىڭ تويى بولۇپ ئانانۇرخان ئاپىسى بىلەن ئەنە شۇ تويغا باردى. سۇلتان مامۇتنىڭ مېلىس باشلىقى سارىخان لولا تويمۇ توي قاتراپ يۈرۈپ ھەپتىدە بىر ئۈتكۈزىلىدىغان ئوردا مېلىسىگە چىرايلىق قىز – جۇۋانلارنى تاللايتتى. شۇڭا سارىخان لولا مۇشۇ ئىش بىلەن بۇ تويغىمۇ كەلگەنىدى.
توي مەشرىپى باشلاندى.
   سارىخان لولا ئۇسسۇلغا چۈشكەن قىز – جۇۋانلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ بىر نەچچىنى تاللىدى- دە، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ،قەيەرلىكلىكىنى پىششىق سورىۋالغاندىن كېيىن، توي كۆرۈپ ئولتۇرغان ئاياللارغا سەپسېلىپ يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى ئايدەك ئولتۇرغان ئانانۇرخانغا كۆزى چۈشۈپ ، ئۇنىڭ ھۆسن – جامالىغا ھەيران قالدى. سارىخان لولا ئانانۇرخاننى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلىدە سۇلتان مامۇتنى خۇش قىلىپ ، ئۇنىڭدىن چوڭ ئىنئام ئېلىشنى ئويلىدى – دە، ئانانۇرخاننى كېلەركى مېلىسقا ئەكىلىش ئۈچۈن توي ئىگىسىنىڭ يېنىغا پايپاسلاپ بېرىپ ، شېرىن –شېكەر كۈلكىسى بىلەن ئۇنىڭغا ھەمدەم بولۇشقا باشلىدى . بۇنىڭدىن ، ھەم ھەيران بولغان، ھەم خۇشاللانغان توي ئىگىسى سارىخان لولىنىڭ غەرەزلىك ياپتا گەپلىرىگە ئالدىنىپ ، سۆز جەريانىدا ئانانۇرخاننىڭ ئولتۇرىدىغان جايى، ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسىملىرىنى دەۋەتكەنلىكىنى تۇيماي قالدى.
   سارىخان لولا توي ئىگىسىنىڭ ئاغزىدىن لازىملىق ئۇچۇرغا ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن بىردىنلا تەلەتىنى ئۆزگەرتىپ قولىدىكى نۇغۇچنى تاشلاپ سىرتقا ماڭدى.
-ھوي ، نەگە ئالدىرايلا ، قولىمىز بوشىسا سېلى بىلەن دېيىشىدىغان ئايرىم گەپلىرىمىز بار تېخى ،-دېدى توي ئىگىسى ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىپ .
-مەن ماڭمىسام بولمايدىغان بولۇپ قالدى. سىلى بىلەن مۇڭداشقاچ ، قوينىڭ بايا ئېلىپ قويغان ئارقا پۇتىنى يېگىلى ئەتە كېلىمەن ، خوش،- سارىخان لولا شۇنداق دېگىنىچە يۈگۈرگەندەك كېتىپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ توي ئىگىسىنىڭ شۇنچە تۇتقىنىغا قارىماي تويدىن بالدۇر قايتتى.
   چۈنكى، ئۇ شۇ تاپتا ئانانۇرخاننى سۇلتان مامۇتقا تېزرەك تونۇشتۇرۇشقا ئالدىراۋاتاتتى.
   ئانانۇرخان سۇلتان مامۇتنىڭ قىز – جۇۋانلارنى مېلىسقا يىغىپ ئاياغ ئاستى قىلىدىغانلىقىنى باشقىلاردىن كۆپ ئاڭلىغانىدى. بۈگۈن سارىخان لولىنىڭ بۇ تويدا پەيدا بولۇشى ،ئۇنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراشلىرى كۆڭلىدە ئەنسىزلىك پەيدا قىلىپ ، كۆڭلىنى غەش قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئانانۇرخان ئاپىسىغا :
-ئاپا، باشقىچە بولۇپ تۇرۇپتىمەن ، ئۆيگە كەتسەكچۇ،- دېدى.
- بىر نەۋرە تۇغقىنىمنىڭ تويى تۇرسا ، توي تۈگىمەي كەتسەك سەت بولىدۇ. ئىچىڭ پۇشقان بولسا ئۆيگە كىرىپ ئۇخلىۋالغىن ،- دېدى ئاپىسى .
    كۆڭلى غەشلىك ئىچىدە قالغان ئانانۇرخان تويدىن چىقىپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى.
ئانانۇرخان خالىي بىر ئۆينى تېىپىپ بىردەم ئۇخلىماقچى بولدى،بۇرتى ئەمدىلەتىن خەت تارتقان ، خۇش پېئىل جېلىل كۆز ئالدىدا پەيدا بولۇپ ، ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراۋاتقاندەك بىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئانانۇرخان تورۇسقا تىكىلگىنىچە جېلىل بىلەن خىيالەن سۆزلىشىشكە باشلىدى:
  -جېلىل ، ۋاڭنىڭ سارەم دېگەن ھېلىقى قانجۇقى – پەس خوتۇن تويدا ماڭا ئەجەپمۇ قاراپ كەتتى، شۇندىن بېرى كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس.
-«ئىتنىڭ كۆزى بار، خانغا قاراپتۇ» دېگەن گەپ بار ئانارىم، ئۇنداق نېمىلەر قارىسا قاراۋەرمەمدۇ؟ يا ، كۆز تېگىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز ، سىزگە «ئىسمى ئەئىزەم »پۈتۈلگەن تۇماردىن بىرنى ياسىتىپ بوينىڭىزغا ئېسىپ قويايمۇ – يە؟- دېدى جېلىل چاقچاق قىلىپ .
-ياق جېلىل ، بۇنى چاقچاققا ئايلاندۇرماڭ !سارە دېگەن لولىنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، جۇمۇ....
ئانانۇرخان گويا جېلىل ئالدىدا باردەكلا پىچىرلاپ سۆزلەيتتى ، ئۆيگە كىمدۇر بىرى كىرىپ ئانانۇرخاننىڭ خىيالىي سۆھبىتىنى بۇزۇۋەتتى.

                                                                                        2            
    سارىخان لولا تويدىن قايتىپ كېلىپلا ، سۇلتان مامۇتنىڭ ئالدىغا كىرىشكە ئىجازەت ئالدى، سارە ئۆزىنى تۈزەشتۈرگەندىن كېيىن سۇلتان مامۇتنىڭ ئالدىغا كىرىپ جاھاندىكى ئەڭ قۇۋ، ئەڭ ھىيلىگەر ئاياللارنىڭ خۇشامەت ۋە نازۇ كەرەشمىلىرى بىلەن كۆرۈنۈش قىلىپ ئانانۇرخاننى سۇلتان مامۇتقا تونۇشتۇردى:
- بېگىم ، بۈگۈن تويدا شۇنداق بىر گۈزەل قىزنى كۆردۈمكى، جەننەتنىڭ ھۆرلىنىڭ ئۆزى. كۆزلىرى قاينام بۇلاقتەك، چاچلىرى يىپەكتەك ، مەڭىزلىرى پىشقان ئاناردەك ، ئەۋرىشىم بەللىرى چۈمۈلىدەك ، قاراشلىرى بىر ئوت... شۇنچە نۇرغۇن قىز – چوكانلار ئارىسىدا ، خىرە يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى نۇرلۇق ئايدەك ئولتۇرۇپتۇ. مەن بۇ قىزنىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قىلىپ ، كۆڭلۈمدە نەسلىنى سۈرۈشتۈرمىسەك بۇ قىز بېگىمگە لايىق دەپ ئويلىدىم،- دېدى.
-ئۇيقۇ بېسىپ ، مەستخۇش ئولتۇرغان سۇلتان مامۇت بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تېتىكلەشتى. ئۇنىڭ شەھۋەتپەرەسلىكى قوزغىلىپ ، ئانانۇرخاننى كۆرۈشكە ئالدىراپ:
-ئۇ قىز قەيەرلىك ؟ كىمنىڭ قىزىكەن؟- دەپ سورىدى.
-موللاخۇن دېگەن نامراتنىڭ قىزىكەن ، نەسلىنى دېمىسەك ، بۇ قىز ئوردىغا تازا لايىق،- دېدى سارىخان لولا.
- نەسلى – پەسلىنى قوي، مېلىسقا ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي، سەن دېگەندەك ئوردىغا لايىق بولسا ئەكەلسەكلا بولدىغۇ،- دېدى سۇلتان مامۇت .
     سارىخان لولا قۇللۇق بىلدۈرۈپ ۋاڭنىڭ ئالدىدىن قايتىپ چىققاندىن كېيىن ھېمىت كاھنى تېپىپ ، ئانانۇرخاننى مېلىسقا ئەكېلىشنىڭ يولىنى مەسلىھەتلەشتى.
    مېلىستىن بىر كۈن بۇرۇن ھېمىت كاھ بىلەن سارە مەپىگە ئولتۇرۇپ ، ئانانۇرخانلارنىڭ مەھەللىسىگە كىرىپ كەلدى. ئۇلار بىرلا سۈرۈشتۈرۈپ ئانچە قىينالمايلا موللاخۇننىڭ ئائىلىسىنى تاپتى. موللاخۇن ئىشىك ئالدىغا ۋاڭلىق مەپىنىڭ كېلىپ توختىغانلىقىنى كۆرۈپ :«خاتا توختاپ قالدىمۇ، نېمە؟» دەپ ئويلىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئالدىراپ مەپىنىڭ قېشىغا باردى.
-كىمنى ئىزدەپ كېلىشتىلە ؟بۇ مېنىڭ ئۆيۈم،-دېدى ئۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن .
-سىلىنىڭ ئۆيلىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ھەم سىلىنى ئىزدەپ كەلدۇق،- دېدى ھىمىت كاھ زورىغا كۈلۈپ . بۇنى ئاڭلىغان موللاخۇننىڭ نېمە ئىشلىقىنى بىلمەيلا خۇشاللىقتىن بېشى كۆككە يەتتى. ئۇنىڭچە بولغاندابۇ ئۆزى ئۈچۈن چوڭ ئابرۇي ئىدى.
شۇڭا ئۇ تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى.
سالام – سائەتتىن كېيىن سارىخان گەپ باشلىدى:
     گاڭ غۇجامنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قىزلىرى ئانانۇرخاننى ئوردا مېلىسىگە چىللاپ كەلدۇق، - دىدى.
     «ئوردىدىن مېلىسقا چىللاپ كەلدۇق »دېگەندە ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىز – كېلىنلىرىنى ئەۋەتمەي ھەددى ئەمەس ئىدى.
سارىخان لولىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئانانۇرخاننىڭ ئاپىسىنىڭ يۈرۈكى «چىممىدە »قىلىپ قالدى. موللاخۇن بولسا تاماخۇر ، قورقۇنچاق ئادەم بولغاچقا لايىقىدا قىلىدىغان گەپنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ خىيالىدىن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈۋاتقان ۋاڭ ، مېلىستا لەرزان پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقان قىزى ، ئۆزىگە كېلىدىغان ئاتاق – مەرتىۋە چاقماق تېزلىكىدە ئۆتتى. بۇنى سەزگەن سارىخان لولا:
-غەم قىلىشمىسىلا ، ئەتە كەچقۇرۇن ئۆزۈم ئەكېلىپ قويىمەن. گاڭ غۇجامنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشسىمۇ ئەجەپ ئەمەس،- دېدى.
- ھەرقايسىلىرىنىڭ بىزنى ئادەم ئېتىپ كەلگەنلىكلىرىگە رەھمەت،- دېدى ئانانۇرخاننىڭ ئاپىسىنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ ئۆيۈپ ،-تۇغقانلارنىڭ تويىنىڭ قالدى – قاتتى ئىشلىرى بار ئىدى. قىزىم شۇ ئىشلارغا ياردەملەشمەكچىدى. شۇڭا كېيىنكى قېتىملىق مېلىسقا قاتناشقان بولسا....
      بۇ گەپنى ئاڭلىغان موللاخۇننىڭ تەرى تۈرۈلدى. ئۇنىڭغا مۇشۇ گەپ بىلەن بۇ ئىش تۈگەيدىغاندەك ، خانلىق مەپىسى قوشنىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ياكى كوچا بېشىدىكى ئۆزىنى ياراتمايدىغان ، ئۆزىمۇ ياراتمايدىغان ئىمامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېتىپ قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ئالدىراپ قالدى. شۇڭا:
- بارسۇن، ۋاڭ غوجامغا سالىمىمىزنى يەتكۈزۈپ قويالا، بىزلەرنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن . ھە.... ئەمدى شۇ، قىزىمىز كىچىك ، ئىگە بولۇپ قويالا،- دېدى موللاخۇن تاماخورلۇق بىلەن قوللىرىنى ئىشقىلاپ.
     بۇنى ماڭا قويۇپ بەرسىلە موللاخۇن ،- دېدى سارىخان لولا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،- ۋاڭ غوجامغا شۇنداقلا بىر پۇرىتىپ قويىدىغان بولساق، ئەتىلا ئۆزلىرىنى خانلىق مەدرىسەدە كۆرىلا، شۇنداقمۇ كاھ بېگىم؟
-ۋاي ، شۇنداق بولمامدىغان ، بۇنچىلىك ئىشلار دېگەن ۋاڭ خوجامنىڭ بىرلا ئىشارىتى بىلەن پۈتىدىغان ئىشلارغۇ؟-دېدى ھېمىت كاھ كۈچ بېرىپ .
-ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت، ئىلتىپاتلىرىنى قايتۇرارمەن،-دېدى موللاخۇن تەزىم قىلغۇدەك بولۇپ.
بۇنى ئاڭلىغان ئانانۇرخان ئاپىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ :
-مەن بارمايمەن، مەن قورقىمەن ،-دېدى .
-قورقماڭ قىزىم، جەننەتتەك باغدا يۈزلىگەن قىز – جۇۋانلار بىلەن ئويناپ كېلىسىز، مېلىس تۈگىگەندە مانا ئۆزۈم بىللە ئەكېلىپ قويىمەن،- دېدى سارىخان لولا. ئۇنىڭ گېپىگەئۇلاپ ھېمىت كاھ قاتتىق – قاتتىق قىلىپ گېلىنى قىرىپ قويدى.
-بارغىن قىزىم، گاڭ غوجام ئۆزى چاقىرتىپتۇ. بۇ دېگەن چوڭ ئابرۇي، بىزنىڭ يۈزىمىزنى يەرگە قاراتمايمەن دىسەڭ ، بۇ ئاپاڭ بىلەن ماڭغىن،-دېدى موللاخۇن .
     قىزى مۇشۇنداق ئىززىتى بىلەن ماڭمىسا ، ئۇلارنىڭ بەرىبىر قاتتىق – يۇمشاق ۋاستىلەر بىلەن ئەكېتىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئاپىسىمۇ ، ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى چڭڭىدە چشىلىگىنىچە يەرگە قاراپ تارام – تارام ياش تۆكۈپ ، ئۇنسىز تۇرۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسىز قالغان ئانانۇرخان سارىخان لولىنىڭ تارتىپ سۆرىشى بىلەن مەپىگە چىقتى. بۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى جېلىلدا ئىدى. ئۇ ، جېلىل تاسادىپىي ئۇچراپ ئۆزىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەتتى.
   خورلۇقتىن ئانانۇرخاننىڭ نۇرلۇق چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەنىدى. بۇرۇن ئۇ باشقىلاردىن نۇرغۇن قىزلارنىڭ ئاچچىق كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغانىدى. سۇلتان مامۇتنىڭ خوتۇن – قىزلارنى ئاياغ ئاستى قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى ۋە ئۇنى دەھشەتلىك قورقۇنچ باستى. شۇ تاپتا جېلىل بولسا ،ئۇنى مەپىدىن يۇلۇپ ئەپقاچسا ، ئۇلار ۋاڭنىڭ غالچىلىرى تاپالمايدىغان يەرگە كەتسە، ئۇ يەردە ئۇلارغا ھېچكىم دەخلى قىلمىسا ، ئۇلار ۋىسالىغا يەتسە.....
   ئەمما، سارىخان لولا بىلەن ھېمىت كاھ يول بويى كاپىلدىشىپ ئانانۇرخاندىن ئۇنى – بۇنى سوراپ ، ئۇنىڭ شېرىن خىياللىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا پۇرسەت بەرمىدى....
   ئەتىسى مېلىس مەشرىپىگە لازىملىق نەرسىلەر ھەرقاچان تەييارلا بولغاچقا ، مېلىس ۋاقتىدا باشلاندى. بىر نەچچە داپەندىلەر مېلىس ناخشىسىنى ئېيتىشتى. سورۇنغا يىغىلغان قىز – جۇۋانلار نەپىس ئايلىنىپ بىر – بىرىگە پوتا سېلىشاتتى.
سارىخان لولا ئانانۇرخاننى ئاتايىن سۇلتان مامۇتقا كۆرسەتمەكچى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ، پوتا سېلىپ ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى. ئانانۇرخان پوتا سېلىۋاتقانلار ئارىسدا گۈزەللىكتە ئەڭ چىرايلىق بىر تاللا قىزىلگۈلدەك ، نۇر جەھەتتە جىمىرلاۋاتقان يۇلتۇزلار ئارىسىدىكى تولۇن ئايدەك كۆرۈنەتتى.
  ئانانۇرخاننىڭ گۈزەل ھۆسىن – جامالى خوتۇنپەرەس سۇلتان مامۇتنى ئاشىق بىقارار قىلدى. ئۇ ئاشۇ غۇبارسىز گۈلنى بالدۇرراق ئۈزۈشكە ، خالىغانچە پۇراشقا ئالدىراشقا باشلىدى.
   مېلىس بىر نۆۋەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن سارىخان لولا سالام بەجا كەلتۈرۈپ ۋاڭدىن ئېسەنلىك سورىغانىدى، ۋاڭ:
-يارايسەن سارىخان ئايلا! ئۇ قىزغا بىر كىيىملىك دۇردۇن تارتۇق قىلدىم، سېنىڭ خىزمىتىڭنى ئالاھىدە ھېسابقا ئالىمەن ، بولدى. مېلىس مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ، ئانانۇرخان ماڭا يارىدى، ئۇنى ئوردىغا ئەكېلىشىنىڭ يولىنى قىلىڭلا،- دېدى. سارىخان لولا «خوش » دېگىنىچە ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.
    سۇلتان مامۇت ئۈلپەتلىرى بىلەن شاراپ زىياپىتىگە كىرىشتى. مېلىس ئەھلى تارقالدى. تۈۋرۈك ئايۋاندىكى ھاپىزلار مۇقام نەغمىلىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. كەيپ بولۇشقا باشلىغان سۇلتان مامۇت شەھۋەت خىياللىرىغا غەرق بولغىنىچە ئۇخلاپ قالدى.

                                                                              3
    سارىخان لولا ئەتىسى راست دېگەندەك ئانانۇرخاننى ساق – سالامەت ئەكېلىپ قويدى.
-دېمىدىممۇ ، ۋاڭ غۇجامنىڭ نەزىرى چۈشكەننى بىلمەي يۈرگىلى تاس قاپتىمىز ،- دېدى موللاخۇن كېرىلىپ ،- ۋاڭ غۇجامنىڭ نەزىرىگە چۈشتۈقمۇ ،بولدى، ئەمدى مېنىڭمۇ پاك نىيەتلىرىم مەقبۇل بولۇر.
-خۇداغا شۈكۈر،- دېدى ئاپىسى يۈرىكىنى تۇتۇپ .ئانانۇرخان بولسا ساق – سالامەت كېلىۋالغىنىغا خۇش بۇلۇپ ئاپىسىنىڭ بىقىنىغا كىرىۋالدى . موللاخۇن بۇ ئىككىىسنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ قاپىقىنى تۈرۈپ : «كالتە پەملەر»دەپ قويۇپ سىرتقا ماڭدى. مېلىسنىڭ گەپلىرى بېسىلغاندىن كېيىن ، كەچقۇرۇن ئانانۇرخان سۇغا بېرىش باھانىسى بىلەن جېلىل بىلەن ئۇچراشتى. ئانانۇرخان غەمكىن ھالدا:
-جېلىل ، ئەمدى ئىش يامان يەردىن چىققىلى تۇردى. ئارىمىزغا تىكەن ئۈنىدىغاندەك قىلىدۇ. مېنى گاڭنىڭ مېلىسىغا مەجبۇرىي ئاپاردى. ساق – سالامەت چىققان بولساممۇ، كۆڭلۈم ئەنسىرەۋاتىدۇ،- دېدى.
-مېلىستا باشقا گەپ – سۆز بولمىغاندۇ؟- دەپ سورىدى جېلىل سەل جىددىيلىىشپ .
- باشقا گەپ – سۆزغۇ بولمىدى. لېكىن ئۆزۈمدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
- ئورۇنسىز ئەنسىرىمەڭ!مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن. سىزگە ھېچكىم كۆز تىكەلمەيدۇ.
-ئۇنداق ساددا ئويلىماڭ جېلىل !باشقا كۈن چۈشكەندە پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ. كۆڭلۈم بىر يامانلىقنى تۇيۇپلا تۇرۇۋاتىدۇ .
- ئۇنداق بولسا مەن ئاپامغا دەپ ئەتىلا ئۆيىڭىزگە كىشى كىرگۈزەي ، توينى تىز قىلىۋىتىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلايلى ،- دېدى جېلىل ھاياجان بىلەن . ئەمما ، ئانانۇرخان نېمىشقىدۇر بۇ ھاياجانغا پەقەت ماس كەلمىگەن بىر گەپ قىلدى:
-جېلىل ، ماڭا تازا ئىشلەپ، ئىتتىك بىر ئۇستىرا سوقۇپ بېرەلەمسىز؟
-قىز بالا تۇرۇپ ئۇستىرىنى نېمە قىلىسىز؟-سورىدى جېلىل ھەيران بولۇپ .
ماڭا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇستىرا يانچۇقۇمدا بولسا سىز يېنىمدا باردەكلا ھېس قىلىمەن . قاچان سوقۇپ بېرىسىز ؟ئەتە سىڭلىم مەستۇرەنى ئەۋەتىمەن.
-ماقۇل ، لېكىنزە كۆڭلىڭىزنى پاراكەندە قىلماڭ، سىزگە يامان كۆزى بىلەن قارىغانلارنىڭ بوينىنى ئۈزۈۋېتىمەن،- دېدى جېلىل قەسەم بەرگەندەك ، سوغىسىنى سۇغا لىق تۇشقۇزغان ئانانۇرخان ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغاندەك:
- خوش ئەمىسە، گەپ بولسا مەستۇرەنى ئەۋەتىمەن،- دېدى-دە، يۈرۈپ كەتتى.
     جېلىلنىڭ كۆڭلى پەرىشان بولۇپ قالدى. ئۆيگە بارغاندىن كېيىن قولى ئىشقا بارمىدى. شۇنداقتىمۇ ئانانۇرخاننىڭ سۆزىنى ئۆزىگە تەسەللى قىلىپ بولقىنى قولىغا ئالدى.ئوچاقتا ئوت گۈرۈلدەپ كۈيەتتى. كۆڭلى بىسەرەمجانلىقتىن ئوت جېلىلغا بىردە ئېچىلىۋاتقان گۈلدەك كۆرۈنسە، بىردە ئالۋاستىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئوت – يالقۇندەك كۆرۈنەتتى. جېلىل بېشىنى سىلكىۋىتىپ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. قىزىرىپ لۆمشۈپ تۇرغان تۆمۈر پارچىسى سەندەلگە قويۇلدى .جېلىلنىڭ قولىدىكى كىچىك بولقا ھەرىكەتكە كەلدى. بولقا ھەر قېتىم تۆمۈر پارچىسىغا تەگكەندە ئەتراپقا ئۇششاق ئوت ئۇچقۇنلىرى چاچرايتتى. جېلىل ئىچى سىقىلغاندەك بولۇپ، خۇددى تۆمۈر پارچىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئۆچمەنلىكى باردەك بولقىنى كۈچەپ ئۇرۇشقا باشلىدى.

    موللاخۇن ۋاڭ تارتۇق قىلغان دۇردۇننى قولىغا ئېلىپ بەكمۇ خۇشال بولدى. ئۇ قوشنىلىرىم كۆرسۇن دېگەندەك دۇردۇننى ئىشىك ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ ، ئۇيان – بۇيان ئۆرۈپ كۆرۈپ كەتتى. ئۇ خۇشاللىقىدىن :«ۋاڭنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشمەك ئوڭايمۇ؟ ۋاڭنىڭ نەزىرىگە چۈشكىنىم مېنىڭ بەخت – تەلىيىم. مەھەللىدىكىلەر مېنىڭ قەدرىمنى بىلمىگەن بىلەن ۋاڭ غۇجام بىلىدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاللا نېسىپ قىلسا ئانانۇر گاڭ غۇجامغا ياراپ قالسا...»دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتى. ئەمما ، ئانانۇرخان بىلەن ئاپىسى ئۇ رەختكە يىرگىنچ بىلەن قاراپ بىر چەتتە تۇرۇشتى.
      سارىخان لولا قايتىپ كەتكۈچە موللاخۇننى بىر چەتكە تارتىپ قۇلىقىغا:
ئەتە ئۆيلىرىگە مېھمان چىقىدۇ، بىر يەرگە كېتىپ قالمىسىلا،- دەپ پىچىرلىغانىدى، موللاخۇننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى:
-يوللىرىغا قارايمىز!
    سارىخان لولىلار قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ، موللاخۇن ئايالىغا بۇيرۇدى:
- ئانىسى ، ئەتە ئوردىدىن مېھمان چىقىدىغاندەك قىلىدۇ.ئۆيلەرنى سىيرىپ –سۈپۈرۈپ تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلا. ئۆيىمىزنىڭ ئوردىدىن كەلگەن مېھمانلارغا لايىق كەلگۈدەك ھەشەمىتى بولمىسىمۇ ،پاكىزە تۇرسۇن .
-بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايسىخان بىرەر يامانلىقنىڭ شەپىسىنى سەزگەندەك كۆڭلى غەش بولدى .ئانانۇرخان بولسا ئەلەم بىلەن لېۋىنى چىشلىدى. موللاخۇن باشقا ئىشلاردا قورقۇنچاق بولغىنى بىلەن ئايالى ۋە بالىلىرىغا ناھايىتى قاتتىق قول ئىدى.ئۇنىڭ دېگىنى بولمىسا ، ئۇ ئاچچىقتىن ئەسەبىيلىشىپ قولىغا تاياق ئالاتتى. شۇ سەۋەپتىن ئايالىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىدى.
تاڭ ئېتىشى بىلەنلا موللاخۇن ئايالىنىڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ ئىشىك ئالدىلىرىنى ئۆزى سۈپۈرۈپ ، سۇ سەپتى. كۆپ ئويلىنىپ ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئانانۇرخاننى كىچىك قىزى مەستۇرە بىلەن قوشۇپ يۇقىرىقى مەھەللىدىكى چوڭ دادىلىرىنى يوقلاپ كېلىشكە ئەۋەتىۋېتىپ ، ئوردىدىن چىقىدىغان مېھمانلارنى كۈتۈپ تۇردى.
    ئاشۋاقتى بىلەن ئاسىم تەيجى باشچىلىقىدىكى بىر نەچچە ئەر – ئايال ئوردا خىزمەتچىلىرى سۇلتان مامۇت ۋاڭغا ئەلچى بولۇپ يېتىپ كېلىشتى. سالام – سائەتتىن كېيىن سارىخان لولا ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي:
-موللاخۇن ، ئايسىخان ، قىزلىرىغا كۆپ دۇئا قىلغان ئوخشايلا، مانا ئەمدى ئانانۇرخانغا بەخت قۇشى قۇنۇۋاتىدۇ. سۇلتان مامۇت بېگىمگە يۇرتتا قىز كەممۇ؟ مېنىڭمۇ بويىغا يەتكەن قىزىم بار. گاڭ ئالىيلىرىغا تۇتقۇدەك قىلىۋاتىمەن. لېكىن بۇ ئىلتىپات بىزگە نېسىپ بولماي سېلىگە نېسىپ بوپتۇ. قىزلىرى ئانانۇرخاننى گاڭ ئالىيلىرى ھالال نىكاھىغا ئېلىشقا سورىتىپ ئاسىم تەيجى ھەر قايسىمىزنى ئەۋەتتى.بۇنىڭغا نېمە دەيلا؟- دېدى. موللاخۇن بۇ گەپنىڭ بولىدىغانلىقىنى خېلى بۇرۇنلا پەملەپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەلچىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغاندە قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتتى. شۇڭا ئۇ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىغاندەك:
- گاڭ ئالىيلىرى ئۆز نىكاھىغىما؟- دەپ قايتا سورىدى.
-شۇنداق ، ئىشەنمەيۋاتاملا؟ مانا ئوردىنىڭ يۈزلۈكلىرى ئەلچى بولۇپ ھۇزۇرلىرىدا تۇرۇپتىمىزغۇ ،- دېدى سارىخان لولا يالغان كۈلۈپ .
     ھاياجىنىنى باسالمىغان موللاخۇن بىر چەتتە تىتىلداپ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ تۇرغان ئايالىغا مەسلىھەتمۇ قىلماي:
-كەلگەن قەدەملىرىگە رەھمەت، گاڭ غۇجام بىزنى نامرات كۆرمەي نەزەر كۆزىنى سالغان بولسا ، بۇ بىزگە چوڭ ئىلتىپات. گاڭ غۇجام ھېلىغۇ قىزىمىزنى سوراپتۇ،جېنىمىزنى سورىسىمۇ ئايىمايمىز ، گاڭ ئالىيلىرىنىڭ يولىدا پەرمانبەردارمىز،- دېدى قوللىرىنى قوۋۇشتۇرغىنىچە.
   موللاخۇننىڭ ئايالى ئايسىخان ياۋاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىقچان بولغاچقا، قىزى ئانانۇرخانغا ئىچى ئاغرىپ، كۆڭلىدە بۇ ئىشقا نارازى بولسىمۇ، قۇدرىتىنىڭ ھېچنىمىگە يەتمەيدىغانلىقىنى، بىرەر نەرسە دېسە موللاخۇندىن كۆڭلىنى ئاغرىتىۋالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئارتۇقچە گەپ قىلالماي قالدى.
كەلگەن ئەلچىلەر ئەكەلگەن تويلۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا موللاخۇن ھەيران قالدى. كۆڭلىدە مەھەللىنى يىغىپ ، بۇ نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تازا بىر كۆرسىتىۋالغۇسى كەلدى. تويلۇق رەسمىيىتى تۈگىگەندىن كېىيىن ھىمىت كاھ:
- موللاخۇن :«تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق » دېگەن گەپ بار. ئانانۇرخاننى ئەتىلا كۆچۈرۈپ كەتسەك دەۋاتىمىز،- دېدى. يۈرىكى پۇچىلىنىۋاتقان ئايسىخان ئانا ئەمدى چىداپ تۇرالمىدى- دە:
- نېمانچە تېز ، ئاز – تولا تەييارلىقنى قىلمايمىزمۇ؟- دەۋەتتى.
- ھەي ئايسىخان ، توي دېگەننى ئوردىدا قىلىمىز. ئوردا دېگەندە ھەممە نەرسە تەل. تەييارلىق قىلىش كەتمەيدۇ. سەۋەب:گاڭ غۇجامنىڭ يىراققا سەپەرگە چىقىدىغان ئىشى بار ، شۇڭا كېچىكتۈرۈپ نېمە قىلىمىز؟ ئەتىگە كۆڭۈللىرىنى توختاتسىلا، تويغا كېرەكلىكىنى بىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز،- دېدى سارىخان لولا.
موللاخۇن ئۇلار گېپىدىن يېنىۋالمىسۇن دېگەندەك ئالدىراپ:
-شۇنداق ، شۇنداق، ھەر قايسىلىرى دېگەندەك بولسۇن، بۈگۈن نىكاھ ئوقۇتۇپ ئېلىپ كېتىمىز دېسىلىمۇ ، بىز رازى،- دېدى.
سارىخان لولا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ۋاڭغا خوتۇن تېپىش بىلەن شۇغۇللانغاچقا تەجرىبىلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ:
-بۇنى ئانانۇرخانغا ئۇقتۇرمىسىلا، كىچىك بالا ئەمەسمۇ؟
-نادانلىق قىلمىسۇن دەيمەن، ئەتە ئۇقسۇن ، نىكاھ دېگەن ئۇلۇغ، ئوڭايلا ئۆگىنپ قالىدۇ،- دېدى.
- غەم قىلىشمىسىلا ، قىزىمىزغا بىز ئىگە،- دېدى موللاخۇن . ئەسلىي ئۇ «كۈيئوغلىمىز غەم قىلمىسۇن» دېمەكچى ئىدى، پېتىنالمىدى. «دېمىسىمۇ ، قىزىمنى ئالغاندىكىن كۈيئوغلۇم بولىدۇ- دە» شۇنداق ئويلىغان موللاخۇننىڭ يۈرىكى ئويناپ كەتتى.
ئەلچىلەر قايتىپ كېتىشتى. ئۇلار كېتىشىگىلا موللاخۇننىڭ ئايالى ئايسىخان ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى.
-ھەي ، نى –نى ئادەملەر قىزلىرىنى ئوردىغا خىزمەتچىلىككە كىرگۈزەلمەي ئاۋارە. ئەمدى گاڭغا قېيىنئانا بولۇشقا خۇشال بولماي ، نېمىگە يىغلايسەن؟ - دېدى موللاخۇن.
- قىزىمىزنىڭ رايىغا باقماي ، ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپمۇ قويماي ، پۇل – مال، ئەمەلنى كۆزلەپ ئاتىسىدەك ئادەمگە توقاللىققا بېرىشكە ئىچىلىرى ئاغرىمامدۇ؟ بىچارە قىزىم نېمە كۈنلەرنى كۆرەر ئەمدى؟- دېدى.
- ھەي، ئەخمەق خوتۇن، سۇلتان مامۇت گاڭ دېگەن كىم؟ خۇدايىم قىزىمىزنى تەلەيلىك يارىتىپتىكەن، ھەر نامىزىمدا قىلغان دۇئا – تىلاۋىتىم ئاللاغا يېتىپتۇ. بەخت قۇشى قوندى دېگەن شۇ، تەلىيى كەلدى دېگەن شۇ، بۇنىڭغا خۇشال بولماي يىغلىغىنىنى.
- بەخت قۇشى قونامدۇ، ئەجەل قۇشى قونامدۇ، كىم بىلىدۇ؟ گۈل – گۈلى بىلەن ، خىلى – خىل بىلەن بولغىنى تۈزۈكتى. بۇنى ئانانۇرخان ئاڭلىسا نېمە دەر؟ - ئايسىخاننىڭ كۆڭلىدىن نى – نى قىسمەتلەر كېچىپ يۈرىكى چاك – چاك يېرىلىپ كەتتى.
- سىلەر ئانا – بالا ئەخمەق بولماڭلار، ئەمدىچۇ، بۇ يۇرت بىزنىڭ ، ئەتىلا نى – نى مۆتىۋەرلەرنىڭ ، گىدىيىپ يۈرگەن دورغىلارنىڭ بىزگە قانداق سالام قىلغىنىنى كۆرىسەن. ئانانۇرخان قايتىپ كەلسە بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا دېمە، ئەتىلا ئاڭلىسۇن جۇمۇ،- دېدى موللاخۇن قاتتىق جېكىلەپ ، ئاندىن : «خوتۇن كىشى نېمانچە كالتە پەم كېلىدىغاندۇ؟ » دەپ غۇدۇراپ قويدى. ئامالسىز قالغان ئايسىخان ئاللادىن سۇلتان مامۇتقا ئىنساپ تىلەشتىن باشقا ئىش قىلالمىدى .

                                                                                              4
    بېشىغا كېلىۋاتقان كەلگۈسى قىسمەتلەردىن ، نە ئانانۇرخان ، نە جېلىل بىخەۋەر ئىدى. ئۇلار ئەلچى كىرگۈزۈشنىڭ تاتلىق خىيالىنى قىلىپ يۈرۈۋەردى. ھەرگىزمۇ ئىشنىڭ مۇنچە تېز بۇلۇشىنى – ئانانۇرخاننى ۋاڭنىڭ خوتۇنلۇققا ئېلىشىنى ئويلاپمۇ كۆرمىگەنىدى. ئانانۇرخان چوڭ ئانىسىنىڭكىدىن قايتىشىدا سىڭلىسى مەستۇرەنى جېلىلنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۆزى خىلۋەت يول چىتىدە كۈتۈپ تۇردى. ئازدىن كېيىن مەستۇرەنى ئەگەشتۈرۈپ جېلىل كەلدى.
بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن بۇ قىز – يىگىتنىڭ كۆڭلىدە بىر – بىرىگە ئېيتىدىغان نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرى بولسىمۇ، تارتىنىشىپ دېيىشەلمىدى. لېكىن ئۇلار بىر –بىرىگە يۈرەك سۆزلىرىنى كەڭ – كۇشادە ئېيتالمىسىمۇ، كۆزى ۋە تۇرقىدىن بىر – بېرىنىڭ ئىچىدىكىنى بىلىشىپ تۇرۇشاتتى.
پالۋان سۈپەت، بەستلىك كەلگەن جېلىل ئانانۇرخانغا تىكىلىپ قاراشتىن ئەيمىنىپ :
-ئانارگۈل ، سىز جولاتقان ئۇستىرىنى ھەرە تىغىدىن ياسىدىم ، كۆرۈپ بىقىڭ ،يارامدۇ؟ - دېدى.
ئانانۇرخان جېلىل ئۇزاتقان ئۇستىرىنى ئېلىۋاتقاندا قولى بىر – بىرىگە تېگىپ ، ئىسسىق بىر ئېقىم يۈرەكلىرىگە ئۆتكەندەك بولدى.
-رەھمەت سىزگە ، بۇ يادىكارىڭىزنى ئوبدان ساقلايمەن،-دېدى ئانانۇرخان.
      ئۇلار ئارتۇقچە سۆزلىشەلمەي خوشلاشتى. ئانانۇرخان ئۇزاپ كەتكەندىمۇ جېلىل ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ خېلى بىر ۋاققىچە تۇردى ۋە: «ئاپامغا ئېيتىپ ئەلچىنى مۇشۇ جۈمەگىچە كىرگۈزىمەن» دەپ پىچىرلىدى.
     ئانانۇرخان قايتىپ كېلىپ ئانىسىنىڭ ناھايىتى سولغۇن ، نەچچە يىللار ئېغىر كېسەل ئازابىنى تارتقان ئادەمدەك تۈگىشىپلا كەتكىنىنى ، يۈزلىرىنىڭ بىر كۈندىلا ياداپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران بولدى. كۆڭلىدە مۇتەئەسسىپ دادىسىنى ئانىسىنى قاتتىق رەنجىتكەنمىكىن دېگەنلەرنى گۇمان قىلىپ :
ئاپا، بىرەر يېرىڭ ئاغرىمدۇ؟ بىر كۈندىلا شۇنچە ياداپ كېتىپسەنغۇ؟ - دەپ سورىدى ئانانۇرخان.
ئانا يىغىدىن ئۆزىنى ئاران – ئاران تۇتۇۋېلىپ :
-يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ قىزىم،- دېدى ۋە يەر تېگىدىن موللاخۇنغا قاراپ قويدى.
موللاخۇن ئايالىنىڭ توينىڭ ھەممە گەپلىرىنى ئانانۇرخانغا ئېيتىپ ، ئىشنى بۇزۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئانا – بالىنىڭ قېشىدىن نېرى كەتمىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ گېپىنى باشقا ياققا بۇرىۋېتىپ ، ئانانۇرخانغا باشقا ئىش تاپشۇردى.
ئانانۇرخان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن موللاخۇن:
-ئانىسى ، كۆڭلۈم ئاغرىمىسۇن دېسەڭ، ئەتىگىچە توينىڭ گېپىنى ئانارغا دېمە! ئەگەر ئۇ ئاڭلاپ ئىش بۇزۇلىدىغان بولسا مەندىن ئاغرىنمىغىن!- دەپ ئاگاھلاندۇردى.
     ئانانۇرخان كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ «يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ» دېگەن گېپىدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى، شۇنداقلا ، بۇ گەپ سىرلىق بىلىنىپ كۆڭلىدە تۈگۈن پەيدا بولدى، ئەمما نېمىلىكىنى پەقەت بىلەلمىدى.
                                                                                 5                   
       تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ، موللاخۇن مەھەللىدىكى تويلاردا دائىم قىز يەڭگىسى بولىدىغان ئايالغا بىر كىيىملىك ئاددىي رەخت بېرىپ ، قىزى ئانانۇرخاننى كۆچۈرۈپ كەتكۈچە ئۆيدىن چىقارماي ساقلاپ بېرىشكە چاقىرىپ كەلدى. ئانانۇرخان ئۆيگە نەزەربەنت قىلىنغاندىن كېيىن ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ ئىككى كۈندىن بېرى بولۇنغان ئەھۋاللارنى بىرمۇ بىر ئېيتىپ بەردى. داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئانانۇرخان «ئاپا» دەپ يىغلاپ ئۆزىنى ئاپىسىنىڭ قۇچىقىغا ئاتتى. ئانىسىنىڭ ئسسىق باغرىغا باش قويۇپ خۇدىنى يۇقاتقان ھالدا يىغلىدى. ئۇنىڭغا شۇ ئايانكى ، ئەمدى قارشىلىق قىلىپمۇ ، قېچىپمۇ قوتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئانانۇرخان بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن ئەس – ھوشىنى يىغىپ بىر پارچە قەغەز ئالدى – دە،ئۆز ئەلچىلىرىنىڭ غېمىدە يۈرگەن جېلىلغا بولۇنغان ئەھۋالنى خەۋەر قىلىپ خەت يازدى ۋە سىڭلىسى مەستۇرەنى چاقىرىپ مەخپىي ھالدا خەتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ:
-جېنىم سىڭلىم ، ھېچكىمگە بىلدۈرمەي بۇ خەتنى جېلىل ئاكاڭغا بېرىپ كەل ، جېلىل ئاكاڭ بولمىسا ئۇنىڭ ئاپىسى مەخان چوڭ ئاناڭغا بېرىپ ، جىلىل كەلگەن ھامان بېرىشنى ئېيتىپ قايتىپ كەل، يۈگۈر، تېز بار سىڭلىم !- دىدى.
   مەستۇرە ئاچىسىغا بەكمۇ ئامراق ئىدى. ئۇ ، كېيىكتەك سەكرەپ چىقىپ كەتتى. ئانانۇرخان قۇتۇلۇشنىڭ نۇرغۇن يوللىرىنى ئويلاپ ، كۆڭلىنى بىر يەرگە توختىتالماي ، جېلىلدىن ئۈمىد كۈتۈشكە باشلىدى. ئانانۇرخان كۆڭلىدە :«ئەگەر ، جېلىل بىر ياققا كەتكەن بولۇپ ، ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇ قاچان قۇتقۇزغىچە ۋاڭغا خوتۇن بولۇپ تۇرىمەنمۇ؟ ياق ، ياق، بىر كۈن ، ھەتتا بىردەملىككە بولسىمۇ خوتۇن بولسام بولمايدۇ! ئۇنىڭدىن كۆرە ، جېلىلدىن سوقۇپ بەرگەن ئۇستىرا يېنىمدا ، ئۆلۈپلىۋالسامچۇ؟.... ياق، ياق ، مۇنداقلا ئۆلۈۋالسام قانداق بولغىنى !توختا ، ئەھۋالغا قاراي، ئامال بولماي ، نۇرغۇن خوتۇن- قىزلارغا ئوخشاش كۈنگە قالار بولۇپ قالسام ...ۋاڭ ھەر قانچە قۇدرەتلىك بولسىمۇ پاك قەلبىمنى ئۇنىڭغا ئاياغ ئاستى قىلغۇزمايمەن» دېگەنلەرنى ئويلىدى- دە، ئىچ يانچۇقىدىكى جېلىل سوقۇپ بەرگەن ئۇستىرىنى سىلاپ قويدى.
     توي كۆچۈرگۈچىلەر داغدۇغا بىلەن يېتىپ كېلىشتى. بۇ تويدا ھەممىدىن بەكرەك خوش بولغىنى مۇللاخۇن ئىدى. سارىخان لولىنىڭ قولىدىكى بوپىنى ئاچ كۆزلەرچە يۇلۇپ ئالغان موللاخۇن ئۆيگە كىرىپ كىتىپ بىردەمدىلا باشقىچە ھالدا توي ئەھلى ئارىسىدا پەيدا بولدى. شۇ تاپتىكى ئۇنىڭ قىلىقىغا قولۇم – قوشنىلىرى ھەيران قېلىشتى: موللاخۇن ۋاڭ تارتۇق قىلغان بەقەسەم يوللۇق پەرىجىنى كىيىپ، بېشىغا ئاق شايىدىن سەللە ئوراپ ، مەھەللىدىكى مۇبارەكلەپ كەلگۈچىلەرگە گىدەيگىنىچە سالام بەرسە ، ئوردىدىن توي كۆچۈرگىلى كەلگەنلەرگە كۈچۈكلىنىپ خۇشامەت قىلاتتى.
     تولا يىغلاپ ئانانۇرخاننىڭ ئۈنلىرى پۈتۈپ كەتتى. ئۆز خۇشلىقىدىن باشقىنى ئويلىماس بولۇپ قالغان موللاخۇن بولسا كۆڭلىدە:«توي دېگەندە كۈلكە بىلەن يىغا بولىدۇ» دەپ قىزىنىڭ يىغىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. نىكاھمۇ ئوقۇلدى، جېلىلدىن تېخىچە خەۋەر يوق ! ئانانۇرخاننىڭ داد – پەريادىغا قارىماي تۆت كىشى ئۇنى گىلەمگە ئولتۇرغۇزۇپ ، مەپىگە تاشلاشتى. بىچارە ئايسىخان ئانا يۈرىكىنى تۇتقىنىچە يىغلاپ يىقىلدى. ئانانۇرخان مەپىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كەتمەكچى بولغاندا ، بىر نەچچە قول ئۇنى ئامبۇردەك قىسىۋېلىشتى. بۇنى قىز كۆچۈرۈش دېگەندىن كۆرە ، قىز بۇلاش دېسە توغرا بولاتتى.
    خۇددى بۇلارنى كۆزى كۆرمەيۋاتقاندەك تۇرغان موللاخۇن ئاق يول تىلەپ خۇشاللىق بىلەن دۇئا بەرگەندىن كېيىن ، ئانانۇرخاننىڭ قايغۇلۇق يىغىسى ئىچىدە مەپە يۈرۈپ كەتتى.

                                                                                            17 - باب
    ئانانۇرخان يولدا تولا يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى ۋە ئاخىر كېلىپ بىر ئاز تىنچلاندى. سارىخان لولا بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ ئۆزىنى يەلپۈپ ئولتۇرۇۋەردى. بولمىسا ئۇ خېلىدىن بېرى كىشىلەرنىڭ مەپىدىكى ئېچىنىشلىق يىغىدىن ئەجەبلىنىپ ، مەپىگە گۇمانلىنىپ قاراۋاتقانلىقىدىن ئارامسىزلىنىپ ئولتۇرغانىدى.
     ئوردىغا يېقىنلاشقاندىن كېيىن سارىخان لولىنىڭ يۈزىگە سۇ سېپىشى بىلەن ئۇ ھوشىغا كەلدى.
-خېنىم ئاغىچام ، ئىززەتلىرىنى بىلىپ تولا يىغلاۋەرمىسىلە. جەننەتكە كېتىۋاتىدىلا،- دېدى سارىخان لولا زەردە بىلەن.
- جېنىم ئاچا ، مەن ئوردىنىنىڭ لايىقى ئەمەس، مېنى بېگىمدىن تىلەپ ئاجرىتىپ قويسىلا،- دەپ يالۋۇردى ئانانۇرخان.
- سىلى لايىقمۇ ئەمەسمۇ ، سىلى ئەمەس ، ۋاڭ غۇجام بىلىدۇ خېنىم ،- دېدى سارىخان لولا ھاياسىزلارچە كۈلۈپ .
      ئانانۇرخان يەنە يالۋۇرماقچى بولۇۋىدى، ئۇنىڭغىچە مەپە يوغان قارا ئىرمۇڭدىن (چوڭ دەرۋازا) كىرىپ توختىدى. سارىخان لولا باشلىق نەچچەئايال ئانانۇرخاننى مەپىدىن سۆرەپ ئېلىپ چۈشتى.
      تەييار تۇرغان كاھلاردىن تۆت نەپىرى ئىلەڭ – سىلەڭ بولۇپ قالغان ئانانۇرخاننى گىلەمگە سېلىپ كۆتۈرۈپ 41 تارتمىدىمۇ بىر توختىماي دېگۈدەك چىقىپ ۋاڭنىڭ مەخسۇس خانىسىغا ئېلىپ كىرىشتى.
ئانانۇرخاننىڭ يۈزىگە يەنە سوغۇق سۇ سېىپىپ ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن سارىخان لولا:
-خېنىم ، كۆزلىرىنى ئېچىپ ،تۇرغان ئۆيلىرىگە قاراپ باقسىلا،بۇنداق ئۆيلەرگە يىل – يىللاپمۇ قوڭىمىزنى قويۇش نېسىپ بولمايدۇ. ئەجەبمۇ تۇغۇۋېتىپتىكەن ئۇ خوتۇن....ھە، بولدى، تولا يىغلاۋەرمەي ،بېگىمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ئوردىدا يۈز- ئابروي تېپىشنى ئويلىسىلا،- دېدى.
-ئاچا ، ماڭا رەھىم قىلىپ مېنى بۇ دوزاختىن چىقىرىۋەتسىلە!-دېدى ئانانۇرخان سارىخان لولىنىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ .
- ئاغزىمغا كەلدى دەپ جۆيلۈمىسىلە خېنىم . نىكاھلىرى ئوقۇلۇپ بېگىمنىڭ ئەمرىگە ئۆتتىلە! بۇ سەت چىرايلىرىنى بىگىمگە كۆرسەتمەي ، يۇيۇنۇپ – تارىنىپ بېگىمنى كۈتۈشكە تەييارلانسىلا ،-دېدى سارىخان لولا.
    ئانانۇرخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قايتىدىن يىغلاشقا باشلىدى. تولا يىغلاپ ئۇنىڭ كۆز ياشىلىرى قۇرۇغانىدى ،شەھلا كۆزلىرىمۇ قىزىرىپ كەتكەنىدى.
    ئوردا كېنىزەكلىرىدىن نەچچىسى ئۇنى يۆلەشتۈرۈپ داستىخان كەلتۈردى. ئۇنى تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. لېكىن ئۇ :« گېلىمدىن بىر نېمە ئۆتمەيدۇ» دەپ زادىلا يېمىدى. داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن ئانانۇرخاننىڭ كىيىملىرىگە ئەتىر سېپىشتى. ئۇنىڭ يۈز – كۆزىنى مەجبۇرىي يۇيدى.
         ئۇ ئۈنسىز نىدا قىلاتتى: «جېلىل ! مېنىڭ خېتىمنى ئوقۇپ قانچە ئازابلىنىۋاتقانسەن؟ قىلتاققا چۈشۈپ دوزاخقا بەند قىلىنغان ئانارىڭنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئويلاۋاتامسەن؟ ئۆزۈڭ سوققان قىلىچىڭنى كۆتۈرۈپ كەل، بۇ زالىملارنىڭ بوينىنى ئۈز!...»
كېنىزەكلەر ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسايتتى، بىر ئىشلارنى ئۆگىتەتتى.بەزى نازلىق گەپلەرنى قانداق ۋاقىتتا قىلىش كېرەكلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلەيتتى... ئەمما ئانانۇرخان ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلىۋاتقان گەپ – سۆزلىرى ۋە ئىشلىرى بىلەن كارى بولماي بۇ يەردىن تىنچ قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئويلاۋاتاتتى:« گاڭ ھەر قانچە ۋەھشىي بولسىمۇ ئادەمغۇ، مۇسۇلمانغۇ؟ مەن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ نامى بىلەن يالۋۇرسام ، ئۆزۈمنى تىلىسەم مېنىڭ نالە – پەريادلىرىمغا قاراپ رەھىم قىلسا ئەجەپ ئەمەس. ھېچبولمىغاندا جېلىلنىڭ سوقۇپ بەرگەن ئىتتىك ئۇستىرىسى يېنىمدا ، جاننى ئالىقانغا ئېلىپ ، ئىلگىرى ئاياغ ئاستى قىلىنغان خوتۇن – قىزلارنىڭ ئىنتىقامىنى بىراقلا ئالارمەن» ئۇنچىۋالا يىغلاشنىڭ ھېچبىر پايدىسى بولمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئانانۇرخان ئاخىر شۇنداق قارارغا كەلگەن بولدى.
تۇرۇپ ئۇنىڭغا جېلىل كېلىپ قۇتقۇزۇۋالىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى.
    «جېلىل ئامال قىلىدۇ، قۇتقۇزۇۋالىدۇ» دېيىلگەندە ، ئالدى بىلەن يەردىن يىگىرمە نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوردىغا كىرەلىسە، ئاندىن مۇمكىن .
         توققۇز ئىشىك، تارتما ، ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ ئوردىغا كىرمەك بىر گەپ ، شۇنداقتىمۇ ئانانۇرخان جېلىلدىن ئۈمىد كۈتۈپ دېرىزە ۋە ئىشككە ئۈمىد بىلەن دممۇدەم قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى.
بارغانسىرى كەچ بولماقتا ، كېنىزەكلەر ھەشەمەتلىك ياسالغان ئۆيگە مامۇق تۆشەكلەرنى راسلاپ «يىگىت» نى ھۇجرىغا ئەكىرىشكە تەييارلانماقتا. ئانانۇرخاننىڭ ئۈمىدى ئۈزۈلۈشكە باشلىدى.«خەير ،جېلىل!» ئۇ ئۇستىرىنى ئاستا تۇتۇپ قويدى.

                                                                                           2          
        مەستۇرە خەتنى ئېلىپ بارغىنىدا جېلىل يوق ئىدى. ئۇ تاڭ سەھەردىلا نېمە ئىش بىلەندۇر بازارغا كەتكەن بولۇپ ، ئەتىسى چىقماقچىكەن. شۇڭا مەستۇرە ئاچىسىنىڭ تاپشۇرغىنى بويىچە خەتنى مەخان چوڭ ئانىغا بېرىپ قايتىپ كەلگەنىدى. بۇ دەردۇ ئەلەملەردىن بىخەۋەر يۈرگەن جېلىل بىر مۇنچە بازارلىق ئېلىپ ئەتىسى ئاشۋاقتى بىلەن ئۆيىگە قايتتى.
ئانىسى خەتنى ئېلىپ ئوغلىغا ئۇزاتقاندا، جېلىل ئانانۇرخاننىڭ خېتى ئىكەنلىكىنى بېلىپ ، خەتكە ئالدىراش كۆز يۈگۈرتتى، خەتتە مۇنۇلار يېزىلغانىدى:
       «مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك كىشىم جېلىل، بىز جاھانغا يورۇقلۇق بەرگۈچى قۇياشنى گۇۋاھ قىلىپ ئۆمۈر بويى بىللە ئۆتۈشكە ۋەدىلەشكەنىدۇق. ئارىغا تىكەن ئۈندى، زالىم سۇلتان مامۇت بىزگە سەزدۈمەي مېنى بۈگۈن مەجبۇرىي ئۆز نىكاھىغا ئالدى، تەمەخور دادام مېنى ئۆيگە بەند قىلىپ قويدى. بۇ تاساددىپىي ئىشتىن گاڭگىراپ قېلىپ ، سىزدىن ياردەم كۈتۈپ بۇ خېتىمنى يازدىم . ماڭا ئامال يوق، ئازدىن كېيىن مېنى قان يىغلىتىپ ئېلىپ كېتىدۇ، پاك قەلبىمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ!
      ياق جېلىل ، ماڭا ئىشىنىڭ ! مېنىڭ قەلبىم سىز ئۈچۈنلا ھايات !تەۋەررۈكىڭىز يېنىمدا، ئۆزۈمنى پاك ساقلاش ئۈچۈن ئېلىشىمەن. ساق قۇتۇلسام كۆرۈشەرمىز، قۇتۇلالماي ئۆلۈپ كەتسەم مەندىن رازى بولۇڭ! بۇ زالىملاردىن قىساس ئېلىڭ!
مەن سىزنى جەننەتۇل مەئىۋادا ئاشىقلارنىڭ شاھلىرى بىلەن كۈتىمەن.
                                                                     دەرد كەلدى ، دەپ باشىمگە،
                                                                     مەن نامىمنى ساتماسمەن .
                                                                     بۇ دۇنيادا تارتقاننى،
                                                                     ئاخىرەتتە تارتماسمەن.
قەپىسىڭىزگە بەند قىلىنغان مەڭگۈ سىزنىڭ ئانارىڭىزدىن.»
       خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن جېلىل « ئاھ » دېدى-دە، يۈرىكىگە ئاغرىق كىرىپ سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ يىقىلدى. مەخان ئانا ئالدىراپ قالدى. ئوغلىنىڭ بېشىنى تىزىغا ئېلىپ يىغلىغىنىچە خەتنى بەرگىنىگە پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. مەخان ئانا ئوغلى بىلەن ئانانۇرخاننىڭ يىلتىزى چىڭ ، پاك مۇھەببىتىنى تېخى بىلمەيتتى. 
       دەل شۇ چاغدا جېلىلنىڭ يېقىن دوستى مۇسا كىرىپ كەلدى. مەخان ئانا ئۇنىڭغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۋاتقاندا ، جېلىل ھوشىغا كېلىپ ، سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى – دە، قوزۇقتىكى يىڭىلا سوقۇپ تەييارلىغان قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ «قىساس ئالىمەن» دەپ ۋارقىرىدى.
قورقۇپ كەتكەن مەخان ئانا بالىسىنىڭ قولىغا يېپىشىپ :
- نىمە ئىش بالام ،نېمە قىلىمەن دەيسەن؟- دېدى.
-ئانا، زالىم گاڭ مېنىڭ ئانارىمنى بۇلاپ كېتىپتۇ. مەن مامۇت دېگەن تاز پادىچىنىڭ كاللىسىنى چېپىپ قىساس ئالىمەن،- دەپ ۋارقىرىدى جېلىل . شۇندىلا ئانا گەپنىڭ تېگىنى چۈشەنگەندەك بولدى.
- بالام ، گاڭلار بىلەن تەڭ بولغىلى بولمايدۇ، لىگالار زۇلۇمغا چىدىماي يېغا قىلىپ باققان، تەڭ بولالماي ھەممىسى بىگۇناھ ئۆلدى، سەۋر قىلغىن،- دېدى ئانا كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا.
- ياق ئانا ، ماڭا دۇئا بەرگىن ، مەن قىساس ئالىمەن، بۇ يولدا ئۆلسەممۇ مەيلى، - دېدى جېلىل .
مۇسا تەسەللىي بەرگەچ گەپكە ئارىلاشتى.
   - جېلىل ئاداش ، ئۆزۈڭنى بېسىۋال ، «كىڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس»دېگەن گەپ بار. مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلايلى، ئانانۇرخاننى ئوردىغا ئەكىرىپ كەتمىگەن چاغ بولسا ئۇنى قۇتقۇزۋېلىش ئوڭاي ئىدى. ئەمدى ئوردىغا كىرمەك تەس، شۇنداقلا بارساڭ ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىسەن، ئانانۇرخاننى قۇتقۇزغىلىمۇ بولمايدۇ.
   - مۇسا ئاداش، چىداپ تۇرالمايۋاتىمەن، ئانارىم نېمە كۈنلەرنى كۆرۇۋاتىدىغاندۇ؟ مەندىن قانچە ئاغرىنىۋاتىدىغاندۇ؟- جېلىل قىلىچىنى يەرگە كۈچ بىلەن سانجىپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. ئۇنىڭ ھالىغا مۇسا پەقەت چىدىمىدى. شۇڭا ئۇ قەتئىيلىك بىلەن ئېيتتى:
-مېنىڭچە ، مۇنداق قىلايلى، ئاغىنىلەرنى يىغىپ ، مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ، ھەممىمىز خەنجەرلەرنى يوشۇرۇپ ، چوڭ بىر دەۋا ئىشى بىلەن گاڭنىڭ ئالدىغا كىرىش پۇرسىتىنى قىلايلى. بىر نەچچىسى ئىشىك ئالدىدا قالسۇن ، ئوردىدا ھازىر مەخسۇس ئەسكەر يوق ، بىزدىن دىۋان بېگى، توپ بېشىغا ئازراق نەرسە كېتەر، بىر ئامال قىلىپ ۋاڭ بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلىسەكلا ئىشنىڭ پۈتكىنى شۇ. گاڭ دېگەنلەرنى تىرىپىرەن قىلىپ ، ئانانۇرخاننى ساق قۇتقۇزالايمىز.
    مۇسا ئاغىنىلىرىنى چاقىرغىلى كەتتى. جېلىل چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ھالدا يېتىپ قالدى. ئانىسى بولسا ئۇنى بىر نېمە بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەپ بېشىدا پەرۋانە بولۇپ چۆرگىلەپ يۈردى. جېلىلنىڭ خىيالىدىن تۈرلۈك نەرسىلەر ئۆتەتتى: ئەنە ئانانۇرخان قان – ياشلىق كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكمەكتە ، ئېنىقكى ، ئۇ جېلىلنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئەنە، ئۇ ئۈمىدسىزلەندى،ئېچىنىشلىق نالە قىلدى، پەرياد ئۇردى...« ھەي، ئەسلىي ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيۇپ مەن بىلەن كۆرۈشۈپتىكەن – دە، مەن بىخۇدلۇق قىلىپ نېمىشقا ئۇنىڭ سۆزىنى ئويلاپ باقمىدىم ، ئۇنى قورۇقداپ يۈرمىدىم؟ قېنى، مەن بار، سىزگە ھېچكىم چېقىلالمايدۇ، دەپ مەيدەمگە ئۇرغانلىرىم ؟ مانا ئەمدى نېمە قىلالىدىم؟ قولۇمدىن نېمە كەلدى؟ ئىسىت!- جېلىل ئېچىنىشلىق ئاھ ئۇرۇپ كەتتى، پۇشايمان قىلدى، -جېنىم ئانار، شۇڭا ماڭا ئۇستىرا سوقتۇرۇپسىز- دە، مېنىڭدەك ئەقلى يوققا ئىشىنەلمەي شۇنداق قىلىپسىز-دە! ئالدىڭىزدا گۇناھكار بولدۇم، ماڭا لەنەت ئوقۇڭ، مەنمۇ يىگىتمۇ؟ سىزگە لايىق يىگىتمۇ؟ »جېلىل ئۆزىنى قاتتىق ئەيىبلەپ كەتتى...
                                                           زەمزەم سۈيى بۇلاقتا،
                                                           ئالتۇن ھالقا قۇلاقتا.
                                                           ئىسىتكىنە ئانانۇر،
                                                          يەر ئاستىدا سولاقتا.
مۇسا ئاغىنىلىرىنى باشلاپ كەلدى.
         بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ئاغىنىلىرىنىڭ ھەممىسى جېلىلغا ئىچ ئاغرىتىشتى. كېيىن ئۇ ئۇنداق دەپ ، بۇ بۇنداق دەپ ئامال كۆرسەتتى. ھەتتا بەزىلەر جېلىلغا پەيلىدىن يېنىشنى ، بۇنىڭغا قەتئىي ئامال قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ نەسىھەتمۇ قىلدى. بىراق جېلىل ئۇنىماي تۇرۇۋالغاچقا ، ئاخىر مۇسانىڭ تەكلىپى بىلەن چوڭ يەر دەۋا ئىشى ئۈچۈن ۋاڭغا ئەرزگە كىرىپ ، بۇ «ئەرز » سەۋەبى بىلەن ئېگىز ئوردىغا چىقىپ ، ئاسما كۆۋرۈكنى تارتىۋىتىپ ئوردىدىكىلەرنى جايلاپ ، ئانانۇرخاننى قۇتقۇزۇش؛ ئەگەر ۋاڭ قۇبۇل قىلىشنى ئۇنىمىسا ئوردا كېنىزەكلىرىدىن بىرىنى پۇل بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ ، ئانانۇرخانغا خەۋەر بېرىپ ئىچى ۋە سىرتىدىن ماسلىشىش پىلانى ماقۇللاندى. ئەمما ھەرىكەت باشلايدىغان چاغدا بۇ 12كىشىدىن ئىككىسى ئۆيىگە بېرىپ كېلىش باھانىسى بىلەن كېتىپ كەلمىدى. جېلىل ، مۇسا باشچىلىقىدا ئون ئادەم تولۇق، مەخپىي قوراللىنىپ دىۋان بېگى، توپ بېشىغا بېرىدىغان سوۋغىنى ئېلىپ ، دەۋاگەرلەرنى بېكىتىپ چىڭقى چۈش بىلەن يولغا چىقتى.
           ئۇلار مەھەللىدىن ئىككى – ئۈچ كىلومېتىرچە ئۇزىغانىدى، قوش ئاتلىق بىر ھارۋا ئۇچرىدى. ھارۋىدا ئىككى ئەر، ئىككى ئايال ئاق يېپىلغان بىر ئۆلۈكنى ئېلىپ كەلمەكتە ئىدى.بۇنى كۆرگەن جېلىلنىڭ يۈرىكى « قارت » قىلىپ قالدى. ئۇلار ھارۋىدىكىلەرگە سالام بەرگەندىن كېيىن مۇسا:
-نەگە مېڭىشتىلا؟ - دەپ سورىدى.
-ھارۋىدىكىلەردىن بىرى:
- كېچە بىر كېلىشمەسلىك بوپتۇ. تۈنۈگۈن گاڭ بىر قىزنى ئاپتۇ، دېگەننى ئاڭلىغانىدۇق. ئەتىگەن نامازغا كېتىۋاتساق ئوردىنىڭ كەينىدە بىر قىزنىڭ ئۆلۈكى يېتىپتۇ. بۇنى ئوردىغا مەلۇم قىلىۋىدۇق، تەيجىلەر :«بۇ قىزنى ئاق تېرەك يېزىسىدىكى موللاخۇنغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار» دەپ ئەۋەتتى. شۇنىڭغا ئەكېتىۋېتىشىمىز ،- دېدى.
     تاقەت قىلالمىغان جېلىل ئۆزىنى ھارۋىغا ئاتتى ۋە رەختنى قايرىپ قان ئۇيۇپ قالغان تونۇش چىراينى كۆرۈپ «ئانار، مېنىڭ ئانانۇرۇم» دېگىنىچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى. ھارۋىدىكىلەر دەسلەپ ھاڭ – تاڭ قېلىشتى. كېيىن ئەھۋالنى چۈشىنىشىپ جېلىلنىڭ ھالىغا ئىچ ئاغرىتىپ كۆز يېشى قىلىشتى. مۇسا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ :
- بۇ قىزنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ئۇقۇشتىلىمۇ؟- دەپ سورىدى.
- ئاڭلىشىمىزچە ، بۇ باتۇر قىزكەن، گاڭغا تىغ سېلىپ ، ئۆزىنى ئوردىنىڭ كەينى پەنجىرىسىدىن تاشلاپتىكەن ، بېشى تاشقا تېگىپ بولالماپتۇ،- دېدى ھارۋىدىكىلەر.
- سۇلتان مامۇت نېمە بوپتۇ؟- دەپ سورىدى يەنە بىرەيلەن .
- كىچىدىلا گاڭنى ئارىشاڭغا ئەكېتىپتۇ، دېگەننى ئاڭلىدۇق،- دېدى ھارۋىكەش.
- نېمە بوپتۇ؟
- تازا ئۇقالمىدۇق،- دېيىشتى ھارۋىدىكىلەر . بۇ چاغدا ئۆزىگە كەلگەن جېلىل غەزەپ بىلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ :
- ئانانۇرۇم ئۈچۈن قىساس ئالىمەن، ھازىر ئارىشاڭغا چىقىپ گاڭنى ئۆلتۈرىمەن،- دەپ ۋارقىرىدى.
        مۇسا ھارۋىدىكىلەرگە ئانانۇرخان بىلەن جېلىلنىڭ ئىشىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بولمىسا ھارۋىدىكىلەر ئېھتىيات قىلىپ بەزى گەپلەرنى دېمەيۋاتقانلىقى ئېنىقلا ئىدى. مۇسا گېپىنى قىسقا قىلىپ تېزلا تۈگەتكەندىن كېيىن جېلىلنى يۆلىدى:
- جېلىل ئاداش ، «سەۋرىنىڭ تېگى ئالتۇن » دېگەن گەپ بار، ھېسابنى بۆرە يېمەيدۇ. ئالدى بىلەن ئانانۇرخاننى يەرلىكىدە قويۇپ ، ئاندىن مەسلىھەت قىلايلى .
- شۇنداق ، گاڭغا كىم كىرپىك كۆتۈرۈپ قارىيالىغان، بۇ قىز قورقماي تىغ ساپتۇ، گاڭدىن قان توختىمايۋاتقۇدەك، دېيىشىدۇ،- دېدى ھارۋىدىكىلەردىن بىرى. بۇنىڭدىن مۇسا بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدى.
جېلىل بۇ گەپكە دىققەت قىلماستىن يىغلىغىنىچە:
-مۇسا ئاداش، ئانانۇرخاننى بۇ ھالدا كۆرۈپ قانداق چىدايمەن؟تۈنۈگۈن ساپساق يۈرگەن ئادەم ، بۇگۈن مۇشۇنداق...بولدى، ماڭىمۇ جان كېرەك ئەمەس،- دېدى.
       مۇسا ۋە باشقا ئاغىنىلىرىنىڭ نەسىھەتى بىلەن جېلىل ئاخىر ھارۋىكەشلەر بىلەن كەينىگە ياندى.
ھارۋا موللاخۇننىڭ ئىشىكىدە توختىغىنىدا جېلىل سەنتۈرۈلگىنىچە «ئانانۇرۇم» دەپ ئۈن سېلىپ يىغلىدى. يىغا ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئايسىخان ئانا، مەستۇرە ئۆيدىن ئېتىلىپ چىقتى. جېلىل ئۆزىنى ئايسىخان ئانىغا ئاتتى. ئايسىخان ئانا ھارۋىدىكى ئانانۇرخاننىڭ ھالىتىنى كۆرۈپلا ئۈن سېلىپ يىغلاشقىمۇ مادارى يەتمەي ، قايغۇ – ئەلەم بىردىن گېلىنى سىققاندەك بولۇپ خارتىلدىغىنىچە ھوشىدىن كېتىپ يىقىلدى. پېشىن نامىزىدىن قايتقان موللاخۇن ئەھۋالنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. تونىنى ھەۋەس بىلەن تىنماي سېلاۋاتقان قولى دىرىلدەپ تىترەپ كەتتى. تېخى ئۇ تونىنى ئاشۇنداق سىلاۋىتىپ قانداق ھوزۇرلۇق خىياللارنى قىلغانىدى- ھە؟! ئەمما، بۇ قىسمەتنى كۆرۈڭ! موللاخۇن ئاستا بېرىپ ھارۋىغا قارىدى.قارىغان ھامان شۇ قىسقا دەقىقىدە ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى، كۆزى نەملەندى، قارا تاش ئىچىدىن بىر تامچە سۇ سىرغىپ چىققاندەك ، ئۇنىڭ تاشتەك قېتىپ كەتكەن يۈرىكىگە ئۇلاقلىق كۆزىدىن ياش سۇيۇقلۇقى «مۆللىدە» يامراپ چىقتى. ئاتا ئۆلگەن بىلەن ئاتىلىق مېھرىنىڭ ئۆلمىكى نېمىدىگەن تەس- ھە! شۇنداق ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە موللاخۇن ئۆزىنىڭ تەمە بىلەن ئۆتكەن بۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا نېمە قىلىپ قويغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلغاندەك يۈرىكى قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىپ كەتتى...ئەمما، ئەمدى قانچە پۇشايمان قىلسىمۇ نېمە پايدىسى؟
        ئانانۇرخاننى ھارۋىدىن ئاۋايلاپ چۈشۈرگەندىن كېيىن ، موللاخۇن ئائىلىسىدە ھازا باشلىنىپ كەتتى.

                                                                                3
    قەبرىستانلىق ، نۇرغۇن قەبرىلەردە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈزۈلمىگەن يۈرەك رىشتىسى چىگىكلىك تۇرماقتا، ھەربىر قەبرە ھەربىر كىشى ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ، قانداق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرماقتا ئىدى.
جېلىل ئانانۇرخاننىڭ تۇپرىقىغا باش قويغىنىچە «ئانانۇرۇم، ئانانۇرۇم» دەپ پىچىرلاپ ياتاتتى. نەچچە كۈندىن بېرى تولا يىغلاپ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى قۇرۇغان ، ئاۋازى پۈتكەنىدى. ئۇنى قانچە قېتىم قەبرە بېشىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئېسىنى يوقاتقان ئادەمدەك يەنىلا قەبرە بېشىغا بېرىۋالغانىدى. مۇسا كېلىپ :
    -جېلىل ئاداش، ئەتىدىن – كەچكىچە ئاھ ئۇرغان بىلەن ، قەبرىنى قۇچاقلاپ يىغلىغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. ئانانۇرخاننىڭ خېتىنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟ ئۇ ، سېنى قىساس ئال! دېگەن ئەمەسمۇ؟ يۈر ، ئاغىنىلەر ساقلاپ قالدى،- دەپ ئۇنى تۇپراق بېشىدىن قايتۇرۇپ كەلدى .
    «توغرا ، ئەمدىلىكتە قۇرۇق يىغىدىن نېمە پايدا ؟» جېلىل يېڭىلا ئۇيقۇدىن ئويغانغان ئادەمدەك قايتىدىن قىساس ئوتىدا ياندى.
   ئۆيگە جېلىلنىڭ ئاغىنىلىرى يىغىلغانىدى. جېلىل نەچچە كۈندىن بېرىقى قەلبكە سىغدۇرغۇسىز ئازاب بىلەن كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپ خېلىلا يادىغانىدى . لېكىن ئۇ قىساس ئېلىشنى ئويلىغىنىدا ، ئۇنىڭدا تەڭداشسىز بىر كۈچ – قۇدرەت ئۇرغۇيتتى. ئۇلار مەسلىھەتكە كىرىشتى:
_ ئاغىنىلەر ، ئارىشاڭغا چۈشۈشكە ئادەملەر داۋاملىق بېرىپ تۇرىدۇ، سۇلتان مامۇت ھازىر دەل ئارىشاڭدا،بىز ئارىشاڭغا چۈشكۈچىلەر قىياپىتىدە بولۇپ بارايلى – دە، ئانانۇرخاننىڭ ھېسابىنى قىلىۋىتىپ قايتايلى،- دېدى مۇسا.
- بۇ گەپ جايىدا بولدى، ئەمما... سۇلتان مامۇتنى يوقىتىپ قىساس ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت بىزنى تىنچ قويمايدۇ، ئۇ چاغدا قانداق قىلىمىز؟- دېدى بىرەيلەن .
- گاڭلا يوقىلىدىكەن ، ئۇ چاغدىكى ئىشلارنى بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ،- دېدى مۇسا،- جاننى ئالىقانغا ئېلىپ چىققاندىكىن ، ھەر نېمە بولسا قورقمىغۇلۇق.
- مەن جېنىمنى تىكىپ قويدۇم، ئېگىز ئوردىنى كۆيدۈرىمەن، گاڭنىڭ ئەۋلادىنى ، يالاقچىلىرىنى قىرىمەن ،- دېدى جېلىل.
- سۇلتان مامۇت گاڭ بولغاندىن بۇيان ئالۋان، باج – سېلىق ئېغىرلاپ بىز نامراتلارنىڭ ھالىمىزنى قويمىدى. ئۇ ھايۋان ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىپ ، پۇقرا بىلەن كارى بولمىدى. قىساس ئۈچۈن كۆتۈرۈلدۇقمۇ، ھەرگىز كەينىمىزگە يانمايمىز . سۇلتان مامۇتنى يوقاتمىغىچە توختىمايمىز،- دېدى مۇسا بايىقى گېپىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلىتىپ .
- يا گاڭنى خۇپىيانە ئۆلتۈرۋېتەلىسەكقۇ بىزنى ھېچكىم بىلەلمەي قالىدۇ،- دېدى يەنە بىرەيلەن يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى قىلىپ . بۇ گەپنى ھەممەيلەن ماقۇل كۆردى.
     شۇنداق قىلىپ ، ھەممەيلەن مۇسانىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولۇپ يول تەييارلىقىغا كىرىشتى. بۇ يەردىن ئارىشاڭغىچە 140يول ئارىلىق بولۇپ ، ھەممەيلەن ئۆيلىرىدىكى ئاتلىرىنى مىنىپ تاڭنا كېچە مەخپىي يولغا چىقىشقا كېلىشتى. ئەتىسىلا كىشلەر ئاغزىدا «سۇلتان مامۇت ئارىشاڭدا ئۆلۈپ قاپتىكەن ، ئوردىغا قايتۇرۇپ كەپتۇ» دېگەن گەپ پەيدا بولدى. مۇسا سۈرۈشتۈرۈپ بۇ گەپنىڭ راستلىقىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئارىشاڭغا چىقىشتىن توختاپ قېلىشتى.

                                                                                     4 
        مۇسا تىڭ – تىڭلاپ يۈرۈپ سارىخان لولا ۋە بىر قانچە كېنىزەكنىڭ سۆزلەپ يۈرگەنلىرىدىن ئانانۇرخان ئوردىغا كۆچۈرۈلۈپ بېرىلغاندىن كېيىنكى بولۇنغان ۋەقەلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاپ چىقتى:
ئانانۇرخان ئوردىغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن سۇلتان مامۇت كۆڭۈل خۇشلۇقىدا شاراپ ئىچىپ تەڭشىلىپ ، دەلدەڭشىگىنىچە خاس ھۇجرىسىغا كىرىپ كەلدى. ئانانۇرخان بىلەن بىللە بۇلۇۋاتقان سارىخان لولا باشلىق كېنىزەكلەر تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى. كېنىزەكلەر كەينىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغان ئانانۇرخاننى سۇلتان مامۇت تۇسۇۋىلىپ :
- كىچىك پۇجۇڭ نەگە بارىسىز، مۇشۇ سىزنىڭ ئۆيىڭىز، ھارغانسىز ، ئەمدى بىللە يېتىپ مۇڭدىشىپ ھاردۇق ئالايلى،- دېدى.
ئانانۇرخان تامغا يۆلەنگىنىچە لام – جىم دېمەي تۇراتتى.
-ھەي ، مەن ساڭا گەپ قىلىۋاتىمەن، كىيىملىرىڭنى يېشىپ يات، يۈرەك ئىشقىڭدا كۆيۈپ تۈگەي دېدى،- سۇلتان مامۇت تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتىپ.
ئۆزىگە قايتا – قايتا مەدەت بەرگەن ئانانۇرخان ئاخىر يىغا ئارىلاش:
- ئاجىز قوللىرىغا رەھىم قىلسىلا بىگىم ، مەن لايىقلىرى ئەمەس، مەن ئۆزۈمنى خۇدانىڭ نامى بىلەن ئۆزلىرىدىن تىلىگىنىم ، مېنى ئوردىدىن ھەيدىۋەتسىلە،- دېدى. سۇلتان مامۇت كەيىپلىك ئىلكىدە قاقاقلاپ كۈلۈپ:
- قورقما قىزچاق، مەن ساڭا ئالتۇن ئۈزۈك بىلەن ئالتۇن بىلەيزۈك ياسىتىپ بېرىمەن، جاھىللىق قىلمىغىن ، مېنىڭ ئاچچىقىم يامانراق ، كەل ، ياتقىن ،- دېدى ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ . ئەمما ئانانۇرخان قولىنى سىلكىپ تارتىۋالدى. ئانانۇرخاننىڭ قورقۇپ ، تىترەپ ، تۈگۈلۈپ تۇرىدىغان قىزلارغا ئوخشاشمايدىغانلىقىنى بىلگەن سۇلتان مامۇتنىڭ تاقىتى تېخىمۇ تاق بولدى ، شەھۋىتى ئەسەبىي تۈستە قۇترىدى...
    ئەمما ، ئالداشلارمۇ ، تەھدىتلەرمۇ ئانانۇرخانغا كار قىلمىغاندىن كېيىن ، سۇلتان مامۇت كىيىم – كېچەكلىرىنى سېلىپ تاشلاپ ۋەھشىي بۆرە قىياپىتىگە كىردى.
   ئانانۇرخان ئالدىدا تۇرغان ئادەم سىياقىدىكى ھايۋانغا يىرگىنچ ۋە نەپرەت بىلەن قاراپ ، يۈرىكىنى قىسىپ تۇرغان قورقۇنچنىڭ تۈگەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى ، شۇنچە كۆپ ئادەمنى تىترىتىپ يۈرگەن بۇ كىشىمۇ شۇنچىلىكلا ئادەم ئىكەنغۇ! بۇنى تۇيۇقسىز ھېس قىلپ يەتكەن ئانانۇرخان سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ ، جېلىل سوقۇپ بەرگەن ئۇستىرىنى كىيىمىنىڭ سىرتىدىن ئاستا تۇتۇپ قويدى.
    ئانانۇرخاننىڭ كۈلۈشىنى ئۆزىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرگەندىن كېيىنكى ھېسسىيات قوزغىلىشنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىۋېلىپ ، نەپسىنى تېخىمۇ باسالماي قالغان سۇلتان مامۇت ئانانۇرخانغا يېقىنلاشماقچى بولغانىدى. ئانانۇرخان:
- ماڭا تەگمىسىلە ، يېقىن كەلمىسىلە بىگىم ، ئۆزۈمنى سېلىدىن تىلىگىنىم ،- دېدى ئاگاھلاندۇرۇش تەلەپپۇزىدا. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن سۇلتان مامۇت:
   - ۋۇ، ئىززىتىنى بىلمىگەن پەس، نى – نى جاھىللار مېنىڭ قۇچىقىمغا كىرىپلا جاھاننىڭ راھىتىنى كۆرگەن . مېنىڭ سېنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۈرىدىغانلىقىمنى كۆر،- دېدى ۋە ئىككى قولىنى يايغىنىچە ئېتىلىپ كېلىپ ئانانۇرخاننى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى.
ئاياغ ئاستى قىلىنغان نۇرغۇن خوتۇن – قىزلارنىڭ ئەنتىنى بىراقلا ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئانانۇرخان ئۇستىرىنى ئاستا ئالدى ۋە ئۆزىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، تېخى جېلىلنىڭ تىنىقىمۇ تەگمىگەن پاك لەۋلىرىگە ھاسىراپ – پۇشۇلدىغىنىچە سۆيۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقان يالىڭاچ سۇلتان مامۇتنىڭ ھاۋايى – ھەۋىسىنى بىراقلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئىتتىك ئۇستىرىنى سېلىۋەتتى....
سۇلتان مامۇت«ۋايجان » دېگىنىچە كېسىلگەن جان يېرىنى چاڭگاللاپ يىقىلدى.
    -ئەمدى خوتۇنغا توي!- دېگىنىچە ئانانۇرخان يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئوردا كۈرەسىگە چىقتى. ئىشىك بىلەن چىقىپ كېتىش مۇمكىن ئەمەس، ئاسما كۆۋرۈك تارتىۋېلىنغان ، ئىشىكتە بولسا قاراۋۇل بار، ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ تۇرغىنىدا ھېلىلا قولغا چۈشىدۇ. ئۇ «جېلىل » دەپ ۋارقىرىماقچى بولدى – يۇ، ئاۋازى پەقەت چىقمىدى. شۇ ۋاقىتتا ۋاڭنىڭ «ئادەم بارمۇ ، كېلىڭلار!» دەپ ۋارقىرىغان ئاجىز ئاۋازى ئاڭلاندى. ئەمدى مۇشۇنداق تۇرۇۋەرسە ئانانۇرخاننىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ قالاتتى. شۇڭا ئۇ ئىككىلەنمەستىن ، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئوردا كۈرەسىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى يىگىرمە نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى پەنجىردىن ئۆزىنى يەرگە ئاتتى...
      نۇرغۇن كىشلەرگە سىرلىق بىلىنىدىغان ئېگىز ئوردىدىكى بۇ ھۇجرىلارنىڭ بىرىدىن بىر قىز – بىر ساداقەت ، ۋاپا، پاكلىق قۇشى ئۇچۇپ چۈشتى. بۇ قۇش زۇلمەتلىك كېچە باغرىدا چاڭىلداپ سايراپ ، ساپ قېنى بىلەن زېمىننى سۇغىرىپ ئۆتتى. ئېگىز ئوردىدىن ئۇچۇپ چۈشكەن بۇ قۇش يەرگە قونۇش بىلەن نۇرغۇن ئارمانلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ سايراشتىن قالدى. يىراقلاردىن ياڭراپ تۇرغان بىر ناخشا ئۇنىڭ پەرۋازىغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق ئاتا قىلدى:
                                                         ئاناڭ ئايمۇ ، ئاتاڭ كۈنمۇ،
                                                         تۇغۇپتۇ سەن قىزىلگۈلنى.
                                                        سېنىڭ كويۇڭغا سېلىپتۇ،
                                                        مېنىڭدەك بىر غېرىپ قۇلنى
تۈگىدى.
تېما تەستىقلىغۇچى : شاھ تائام
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-03-28, 16:28

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( سەمەندەر )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-03-29 00:25 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەمەندەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھ تائام
ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 882
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 596
شۆھرىتى: 6385 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 939 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 673 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھارماي يېزىپسىز قېرىندىشىم ، تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ، تىمىڭىزغا كۆپ رەخمەت.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-29 01:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھ تائام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئائىيشە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2273
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 364
شۆھرىتى: 3780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3900 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 391 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يۈرىكى ئىشىشىق ئۇتىدا پۇچىلانمىغان كىم باردەيسىز؟جاھاندىكى ھەممە ئاشىق -مەشۇقلار مۇرادىغا يەتكەن بولسا ،سۆيگۈنىڭمۇ قەدرى بولمىغان،شۇنچە گۈزەل مۇھەببەت ناخشىلىرى پەيدا بولمىغان بۇلاتتى.ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ، ۋىسالسىز سۆيگۈنىڭ سېھرى كۈچى!
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+30(axtuzi) تاتلىق ، مەن ..
  • رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-29 16:05 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئائىيشە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ئاشپەز
    ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


    UID نۇمۇرى : 2
    نادىر تېما : 70
    يازما سانى : 1873
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    تۇلۇق ئۇقۇپ چىقىپ  ئانانۇرخان مەزمۇنىدىكى چۇشەنچەم تېخمۇ مول بولدى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-03-30 03:35 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » تارىخقا نەزەر
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


    '; ShowAd(); /**/