قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش
مۇخەممەس
قاچان كېلەر بىزلەرگە يىغلىماستىن شات كۈلۈش،
ئۆتتى ئۆمۈر يېرىمى تەكشۈرۈشنى كۆپ كۈتۈش،
ئوقۇتقۇچى بولغانغا پۈتۈلگەنمۇ ياش تۆكۈش،
بىركۈن ئاشسا ئەمەلگە يالغان ئەمەس راس كۆرۈش،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
تەكشۈرۈش دەپ مەكتەپتە توختاپ قالار ئوقۇتۇش،
ئۇنى ئازدەپ بىزلەرگە چۈشەر كۆپلەپ قورقۇتۇش،
قىلغان موھىم ئىشىمىز يالغانلارنى كۆپ تۇقۇش، ،
ئۆيگە قايتساق مۈشكۈلدە باشلىنىدۇ سوقۇشۇش،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
تەكشۈرۈشنىڭ خەۋىرى كېلەر دائىم جۇمەدە،
شەنبە كۈنى ئارام يوق،ھارام بولار يەكشەنبە،
دۈشەنبىدىن باشلاپلا باللار قالار يىگانە،
پۇتەر ساختا ئارخىپلار كېچىكمەستىن پەيشەنبە،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
مۇدىر دەيدۇ ،-چىقمىسۇن تەكشۈرۈشتىن كاشىلا،
ئارتۇق گەپنى دىمىگىن ،بولىۋالغىن گاچىلا،
قاپاق تۇرمەي ھىجايغىن كەلگىنىدە ئاتىلا،
چۈشۈپ كەتسۇن بېششىڭدىن قاملاشمىغان دۇپپىلا،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
ئارخىپ تامام،بولدى بەس چاپقىن ئەمدى سىنىپقا،
كونسىپىكنى تۇلۇقلا، ئېلىپ قويماي ئۇيۇققا،
ئۆگۈتۈپ قوي جاۋاپنى ئەمەت سەمەت ئۇيۇپقا،
شوخلۇق قىلسا بىرەرسى تاشلىۋەتكىن قۈدۇققا،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
ئوقۇتۇشنى تاشلايمىز ،تاشلىمايمىز تازلىقنى،
تەكشۇرۇشتىن ئۆتۈشچۇن قۈرىتىمىز سازلىقنى،
باللارغىمۇ ئۆگۈتۈپ ھارمىدۇق بىز مازلىقنى،
سورىمايسەن رۇخسەتنى ئۇنتۇپ ھەتتا قارلىقنى،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
تاغدەك ئىگىز دۆۋلەنگەن تەكشۇرۇشچۈن ئارخىپلار،
ئېسىل نۇمۇر تەييارلار تەكشۈرۈشچۈن غۇنچىلار،
كېلەر نە نە نەلەردىن تەكشۈرۈشچۈن نوچىلار،
ياسىلىدۇ بىر كۈندە تەكشۈرۈشچۈن باغچىلار،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
ھۆ قىلدۇرسا ھەممىنى تەكشۈرۈشنىڭ كۆپلىكى،
ئېچىندۇرار شۇنداقلا بەزىلەرنىڭ دۆتلىكى،
توۋۋا دەيمەن كەلمىسە باللارنىڭمۇ ئۆچلىكى،
چېلىنىدۇ ھۇررا!- دەپ مۇدىرلارنىڭ پۇشتىكى،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
كېلەمدىكىن باشلىقلار " بولماپتۇ"نى دىگىلى،
"بولماپتۇ"نى دەپ قويۇپ ئاستىرىتتىن يىگىلى،
بوتكىدىكى زابويدەك ئاق –قىزىلنى ئىچكىلى،
تامدىن چۈشكەن ئوغرىدەك توڭ غورىنى ئۈزگىلى،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
مەكتەپتىكى غۇنچىلار كەلگۈسىنىڭ ئۇمىدى،
پەرۋىش قىلىش ئۇلارنى ھەممىمىزنىڭ نىيىتى،
تەكشۈرۈشمۇ شۇلارچۇن خىزمەت قىلىش بولىتى،
بولار ئاشۇ سەبىلەر رەڭۋازلىقنىڭ شاھىدى،
قاچان تۈگەر دەيمەندە مەكتەپتىكى تەكشۈرۈش.
قانداقلىكى تەكشۈرۈش جىمجىت كەلسە مەيلىتى،
يالغانلارنى پاش قىلىپ تەنبىھ بەرسە مەيلىتى ،
بولسا شۇنداق تەكشۈرۈش بولار ئۇنىڭ قىممىتى،
ئاشار شۇندا باشلىقنىڭ يۈز-ئابرويى ھۆرمىتى،
قاچان كېلەر دەيمەندە ئەنە شۇنداق تەكشۈرۈش.