خۇرۇچلىرى:توخۇ قانىتىدىن 10 دانە،سۇ يېغىدىن بىر كىلوگىرام،تۇخۇمدىن ئىككى دانە،ئالىي ئاق ئۇن،سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال،كاۋاۋىچىن ئۇنى،تېتىتقۇ،تۇز،ساقلانغان شورپا قاتارلىقلار.
ئېتىش ئۇسۇلى:پاكىزە تازلانغان توخۇ قانىتىنى ساقلانغان شورپىدا يۇمشاق پىشۇرۇپ،،تۇخۇم،سۇيۇقلاندۇرۇلغان كىراخمال،ئازراق ئاق ئۇن قاتارلىقلارغا مىلەپ،قىزىغان ياغدا بىر بىرلەپ پىشۇرۇپ،رەڭگى سرغايغاندا سۇزۇپ ئېلىپ،ئىسسىق ۋاقتىدائىستىمال قىلىمىز.ئىستىمال قىلغاندا ئۇستىگە سىپىلىدىغان دورا-دەرمەكلەر ئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ ئختىيارلىقىدا بولىدۇ،شۇڭا كىچىك تەخسىدە ئايرىم قۇيۇلىدۇ.
تەبىئىتى:ئىسسىق.
