
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : 5 – مارت ، ‹‹ جۇڭگو تور ئىشلىرى . تەسىرلىك 2010 – يىل ›› تېمىسىدىكى يىللىق تور شەخىسلىرىنى باھالاشتا جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان كاۋاپچى خەير ــ ساخاۋەتچى ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئالىمجانخالىق ‹‹ كرورەن گۈزىلى ›› دەپ نام ئالغان پاتىگۈل ئابلىز بىلەن پىچاندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ مۇرادىغا يەتتى . تويدا ئالىمجان جاڭ شۇجى ھاۋالە قىلغان 5000 يۈەن پۇلنى ئايالى پاتىگۈلنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى .KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

شۇ كۈنى سەھەر سائەت 6 دىن 30 دا ، ئۇچىسىغا كاستيۇم – بۇرۇلكا ، بېشىغا دوپپا كەيگەن ئالىمجان خالىق قولدىشى بىلەن بىرلىكتە پاتىگۈلنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى ۋە نىكاھ مۇراسىمىغا قاتناشتى . سائەت 9 ئەتراپىدا ناغرا-سۇناي ئاۋازى ئەتراپنى بىر ئالغان بولۇپ ، 10 نەچچە توي كۆچۈرۈدىغان ئاپتوموبىل كوچىدا قاتار مېڭىشىپ ناھايىتى ھەيۋەت بىر مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى . ئالىمجان توي ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى . ئالاھەزەل 20 مىنۇتلاردىن كېيىن ، ئالىمجان ناھىيە كادىرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا پاتىگۈلنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدى . مېھمانلارغا تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ھويلىدىن تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ناخشا – مۇزىكا ئاۋازى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى . داپ ، راۋاپ ، گىتتار ، ئاكاردىيون كۆتۈرۈۋالغان بىر نەچچە يىگىت ھويلا ئىچىدە شوخ ناخشىلىرىنى باشلىۋەتكەنىدى ، كەينىدىنلا بىر نەچچە جۈپ ياش ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى . بۇ چاغدا ئالىمجان قولىغا گۈل تۇتقىنىچە پاتىگۈل ئولتۇرغان ئۆيگە قاراپ ماڭدى ، ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ئەتلەستىن تىكىلگەن قىپقىزىل توي كىيىمى كىيگەن پاتىگۈلنى كۆرۈپ بىر ھازا تۇرۇپ قالدى ۋە ئارقىدىنلا گۈلنى پاتىگۈلگە سۇندى ، پاتىگۈلمۇ ئالىمجان سوۋغا قىلغان گۈلنى قىزلارچە نازاكەت بىلەن قوبۇل قىلدى شۇنداقلا ئىككەيلەن ئۆز ئارا مەيدە گۈل تاقاشتى . ۋىسال شادلىقىغا چۆمگەن بۇ بىر جۈپ ياش بىرلىكتە ئۆيدىن چىقىپ چوڭلارنىڭ دۇئاسىنى ئالدى ۋە شوخ ناخشا – مۇزىكا ساداسى ئىچىدە سىرتقا قاراپ ماڭدى .KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

توي ئاپتوموبىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ نۇقتىلىق كوچىلىرىنى ئايلىنىپ ‹‹ ئارزۇ رېستۇرانى ›› غا يېتىپ كەلدى . پىچان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، پىچان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى پەرھات قادىر رېستۇران ئالدىدا بۇ بىر جۈپ ياشنى كۈتۈۋالدى ۋە ئۇلارنىڭ تويىنى مۇبارەكلىدى .KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئۇلار رېستۇران ئىچىگە كىرگەندە رېستۇراننىڭ ئىچى ئادەم بىلەن لىق تولغان بولۇپ ، ھەممەيلەن بۇ بىر جۈپلەرگە ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى . شۇ ھازادا تاماق تارتىلىپ كۆپچىلىك غىزالىنىپ بولغاندىن كېيىن رىياسەتچى ئالىمجان خالىق بىلەن پاتىگۈل ئابلىزنىڭ توي مۇراسىمىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى . پىچان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئازادەم تۇردى ئالىمجاننىڭ ئانىسىغا ۋاكالىتەن قىزنىڭ يۈزىنى ئاچتى ۋە ئۇنىڭغا ئۈزۈك تاقىدى . ئارقىدىن قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە تۇغقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى . پىچان ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، پىچان ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى پەرھات قادىر پىچان ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بۇ بىر جۈپلەرگە ‹‹ كرورەن گۈزىلى ›› نىڭ سۈرىتىنى تەقدىم قىلدى ؛ شىنجاڭ يىپەك يولى ھۆسىنخەت – رەسىم مەركىزىنىڭ باشلىقى جاۋۋەنشۈن بۇ ئىككى ياشنىڭ توي مۇراسىمىغا ئالاھىدە كېلىپ قاتناشتى ۋە نەق مەيداندا ‹‹ پىچان قوغۇنى ›› نىڭ سۈرىتىنى سىزىپ بۇ ئىككى ياشنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قوغۇندەك تاتلىق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ؛ شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسسىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىدىن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشى ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدە فوتو ئاپپارات سوۋغا قىلدى ، ‹‹ ئارزۇ ›› رېستۇرانىنىڭ خوجايىنى ئابلىكىم ئەپەندىمۇ بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 5000 يۈەن ھەدىيە قىلدى .KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

ئارقىدىن ئالىمجان بىلەن پاتىگۈل تويدا چۈشكەن پۇلدىن 10 مىڭ يۈەننى ئاجرىتىپ پىچان ناھىيەسىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلغانلىقىنى ئېيتقاندا ، رېستۇران ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى . ئالىمجان يەنە ئايالى پاتىگۈلنى يېنىغا چاقىرىپ جاڭ چۈنشيەن شۇجى ھاۋالە قىلغان 5000 يۈەننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ۋە مۇنداق دېدى : ‹‹ بۇ مېنىڭ شۇجى ئاكام سىزگە بەرگەن پۇل ، مەن بۇ پۇلنى سىزگە بەردىم ، قانداق خەجلىگۈڭىز كەلسە مەن ئارىلاشمايمەن ›› ، ــ شۇئان مەيدان ئىچىدە پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى . KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
ئالىمجان ۋە ئۇنىڭ ئايالى جايلىشىۋالغاندىن كېيىن ، مىللىي مۇزىكىلار بىلەن ئورۇندالغان ئۇيغۇر مەشرەپلىرى باشلاندى ، ئۇسسۇلغا ھېرىسمەن ئۇيغۇر قىز ــ يىگىتلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەفىس ، چاققان ھەرىكەتلىرى بىلەن مەيدان سىرتىدىكىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى ، ھەممەيلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بۇ بىر جۈپلەرگە ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل تىلەكلىرىنى تىلىمەكتە ، ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قاراشماقتا ئىدى .KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
تويدىن كېيىن ئالىمجان مۇنداق دېدى : ‹‹ ھەقىقەتەن بەك خۇشال بولدۇم ۋە ھاياجانلاندىم ، بۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئارزۇ قىلىۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئىش بولدى ، مەن ئايالىمنى قەدىرلەيمەن ۋە ئاسرايمەن ، بىز ئىككەيلەن ئورتاق تىرىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بېرىمىز . ›› كېلىنچەك پاتىگۈل مۇنداق دېدى : ‹‹ مەن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن ، شۇنداقلا بىر داڭلىق شەخسنىڭ ئايالى بولغىنىمدىن ئۆزەمدە ئازراق بېسىممۇ ھېس قىلىۋاتىمەن ، مەن بۇندىن كېيىن ئۆزەمنىڭ ئاياللىق بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىپ ، ئالىمجاننى تېخىمۇ قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇپ ، ئۇنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايمەن ›› . KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئالىمجان پاتىگۈلنىڭ ئاتا ــ ئانىسى ، ئۇرۇق ــ تۇغقانلىرى بىلەن خوشلىشىپ بولغاندىن كېيىن ، ئايالىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى . ئىگىلىنىشىچە ، ئالىمجان بىلەن پاتىگۈل ئۈرۈمچىدە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بىيجيې شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىدىكەن .KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
KdDئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى

مەنبە: ئىز باسار تورى