
تارىخىمىزنى ئۆگەنگەنسىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەپەككۇردىكى كەڭلىككە تاڭ قالىمەن. چۆچەكلىرىمىزگە باققىنىمىزدا بوۋىلىرىمىزنىڭ ھېلى رۇم (ھازىرقى ئىتالىيەدىكى رىم شەھرى) ۋە ئەندەلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە)، ھېلى باغداد، شام (ھازىرقى سۈرىيە) ۋە مىسىرلاردا ئات چېپىپ جاھان كېزىپ، ئىلىم ئېلىپ ئىلىم تارقىتىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. شۇ سەۋەپتىنمىكىن بىزنىڭ تائاملىرىمىز، يېزىقىمىز ۋە تىلىمىز مۇسۇلمانلار ياشىغان توپراقلارغا كەڭ تارقالغان. ئەجدادلار بۈگۈن بىز يەۋاتقان پولۇ، مانتا قاتارلىق تائاملارنى تارىم دەيا بويلىرىدىن نىل دەريا ۋادىلىرىگىچە مەشھۇر قىلغانىكەن. ھازىر ئەرەبىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مانتۇ، ياغمۇچ قاتالىق تائاملارنى ئۇيغۇرچە ئاتايدۇ. مىسىزرلىقلار قەھۋەچى قاتارلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىشلىتىدۇ. ئەگەر مىسىردا ئىلىم تارقاتقان بوۋىلىرىمىز بولمىغاندا ئېدى "قۇتادغۇبىلىك" نىڭ بىر نۇسقىسى قاھىرەدىن بايقالمايتتى، ئەگەر مىسىردا دۆلەت قۇرغان ئەجدادلىرىمىز بولمىغاندا ئېدى مىسىرلىقلار غا بۈگۈنگىچە خىزمەت قىلىۋاتقان تولۇنىيە جامەسى ۋە تولۇنىيە دوختۇرخانىسى بولمىغان بولاتتى. تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىدىن بولغان ئەھمەد ئىبنى تولۇنى مىسىردا تولۇنىيە دۆلىتىنى قۇرغانىكەن. بوۋىمىز تولۇن بۇ دۆلەتكە 868- يىلدىن 904 - يىلغىچە رەھبەرلىك قىلىپ ھاياتىدا ئىككى چوڭ ئىش قىغانىكەن. بىرى ئۆز نامىدا بىر دوختۇرخانا سالدۇرغانىكەن يەنە بىر بىر كاتتا جامە بىنا قىلغانىكەن. ئەينى چاغدا تولۇنخان دوختۇرخانىغا بىمارلارنىڭ ئۆز كىيىمى بىلەن كىرىشىنى مەنئىي قىلغان بولۇپ مەخسۇس بىمارلار كىيىمى كېيىشنى بەلگىلىگەنىكەن. مەسجىدكە بولسا تاش مۇنچا ئورۇنلاشتۇرغانىكەن. بوۋىلىرىمىز تەسىس قىلغان بۇ ئىككى مۇبارەك ئەسلەھە ھازىرغىچە مىسىرلىقلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىۋىتىپتۇ.
نىل بىلەن تارىمنىڭ ھال مۇڭ بولۇشقان كەچمىشىنى خەلقىمىز ھىچ قاچان ئۈزۈپ قويغان يوق. بىز يېقىنقى تارىخقا نەزەر سالاق چىڭگىزخان داموللام، ئابدۇقادىر داموللام، مۇسا جارۇللا قاتارلىقلارنىڭ مىسىردا مۇدەررسىلىك قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ھېلىمۇ قاھىرەدىكى ۋە بولۇپمۇ ئەزھەردىكى كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىۋاتقانلىقى، 60-يىللاردا ئۇيغۇر شائىرلىرى توپلامىلىرىنىڭ مىسىردا نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىزنى شەرەپلىك ئەجدادنىڭ يوللىرىدا كېتىۋاتقان ئۈزۈلمەس كارىۋاندىن خەۋەردار قىلىدۇ. ھېلىمۇ مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلىمنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇماقتا. ئەجدادلار باشلىغان يولدىن يەنە نەچچە ئون چىڭگىزخان داموللام ۋە ئابدۇقادىر داموللاملارنىڭ چىقىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ "قۇتادغۇبىلىك" لىرى بىلەن ئۇيغۇرغا ئايدەك بەخت قۇچىدىغانلىقىغا، قۇياشتەك ھەممە ئىنسانغا ئورتاق قانۇننىڭ كاپالىتى بىلەن شۇ بەخىت ئىچىدە ياشايدىغانلىقىغا ئارمانىمىز بار. مىسىردا ئىنقىلاپ بولغان دەملەردە مىسىردىكى دوستلاردىن كۆپ ئەنسىرىدىم. مىسىرلىق بۇرۇن تونۇشمىغان بالىلار بىلەن قايتىدىن ئىزدىشىپ كۈنلۈك يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇم. ئاللاھقا مىڭ شۈكۈرلەر بولسۇن. مىسىر خەلقى ئاخىرى ئۆزىنى ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ئىسكەنجىدە قىينىغان مۇبارەكنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدى. مىسىرنىڭ مۇقۇملىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ ئارزۇسىغا قارشى ھالدا مۇبارەكنى قوللاپ كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالدى ۋە مۇبارەكنى قورال ئىشلەتمەسلىككە خەلقنىڭ ساسادىنى ئاڭلاشقا، خەلققە ئەركىنلىك بېرىشكە ئۈندىدى. مىسىر ئازاد بولدى! پۈتۈن دۇنيادىكى مىسىرلىقلار بايرام قىلدى. مىسىرلىقلار، مۇسۇلمانلارلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنيا مىسىرنى مۇبارەكلىدى، مىسىر ئۈچۈن دۇئا قىلدى ياش تۆكتى. بىر دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئامېركىلىق سىتاستىكا مۇئەللىمى "بۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنلەرنى كەچۈرىۋەتتىم يەنە بىر ھەپتە ۋاقىت بېرىمەن، تولۇقلاپ ئىشلىسەڭلا بولىدۇ، چۈنكى بۈگۈن مىسىر ئازات بولدى! بۇ ھىندونوزىيە خەلقىنىڭ سوخارتونى ئاغدۇرشىدىن كېيىنكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە يۈز بەرگەن تىنچىلىق بىلەن بولغان غەلىبە، مەن مىسىرنىڭ ھىندونوزىيەدەك بىر دېموكراتىك مۇسۇلمان دۆلىتى بولىشىغا تىلەكداشمەن" دەپتۇ.
مىسىر ئازاد بولغاندىن كېيىن مەسجىدىمىز ئالاھىدە خوشاللىققا چۈمدى. ھەممە ئادەم خوشال، بۇرۇن بالىلىرىغا ئاتاپ "ھېقىق" بېرەلمىگەن مۇسۇلمان دوستلىرىمىز مىسىرنىڭ ئازاتلىقىنى تەبرىكلەپ كەينى كەينىدىن ھېقىق بېرىشكە، مۇشۇ باھانىدە مىسىرلىقلارنىڭ خوشاللىقىغا جۆر بولۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى جۇمە نامىزىدىن كېيىن ئىمام مىسىرلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنقىلاپ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ ئالاھىدە تاماق ئېتىپ كەلگەنلىكى ئېلان قىلغاندا بەك سۆيۈنۈپ كەتتىم. نېمە تاماق قىلدىكىن دېسەم پولۇ ئېتىپتۇ. كۆز ئالدىمغا ئۇيغۇرنىڭ تويلىرى كەلدى. ئۇيغۇر توينىڭ شاتلىقىغا ئاتاپ پولۇ ئەتسە مىسىرلىق قىزلار مىسىرنىڭ ئازاتلىقىغا ئاتاپ پولۇ ئەتكەن ئېدى. مۇسۇلمانلاردىكى بۇ ئوخشاشلىق مېنى ھاياجانغا سالدى. پولۇ ئۇيغۇرنىڭ نەزىرىدە تائاملار سۇلتانى، سۇلتان بولغان يىگىت ۋە خانىش بولغان قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىقى. مىسىردا توي، پولۇ توينىڭ، غەلىبىنىڭ نامايەندىسى ئېدى. دۇنيادا غەلىبىلەر ھەر خىل تەبرىكلىنىدۇ، بەزىلەردە ئېتىلداق-شاۋقۇن سۈرەن بىلەن، بەزىلەردە ۋىنۇ ھاراق بىلەن. بىزدىچۇ؟ گۈل بىلەن، پولۇ بىلەن. گۈل ئۇيغۇرنىڭ كۆڭلى، پولۇ ئۇيغۇرنىڭ ئەجرى. ئىككىلىسىدە بىر تاماسىز تىلەك، تەبرىك بار، شاتلىق ئۈچۈن ھەمدەملىك بار. پولۇنى دۇنياغا، مۇسۇلمانلارغا سوۋغا قىلغان بوۋىلىرىمىز تەبرىكنى، كۆڭۈلنى، تاماسىز تىلەكنى ئەجىر قىلىپ ئەتكەن پولۇغا مۇجەسسەملىگەن. مانا ئەمدى دۇنيا غەلىبىنى پولۇ بىلەن تەبىكلىمەكتە. پولۇ كەبى تىلەكلىرىمىز قۇتاتقاي، مىننەتسىز ھەمدەملىك كۆڭۈللەردە سۇلتان بولغاي.

مەنبە : ئەلكۇيى تورى