مۇبارەك ئۇچ ياشقا كىرگەن كۈنۈڭگە
كۆز ئىچىپ دۇنياغا ئۈچ يىل مۇقەددەم،
"ئاشپەز" دەپ ئاتالغان تورىمىز شۇ دەم.
تائاملار دەستۇرى بولۇپ مۇجەسسەم.
بىر بۈيۇك نىشانچۈن بېسىلغان قەدەم،
ئۇيغۇرۇم تائامىن تۇنۇغان ئالەم،
جىمىكى ئاشپەزلەر بولغان ئاڭا جەم،
ناخشىچى، مۇقامچى توۋلايدۇ ئەجەم.
شائىرلار تەۋرىتىپ تىنىمسىز قەلەم،
چاقچاقلار ئۈزۈلمەس،كۈلەر ھەر ئادەم،
ئۇنتۇلار تورداشلار قەلبىدە ئەلەم،
ئاشپەزلەر كۆرسەتسە ھۈنەر ماھارەت،
شائىرنىڭ شېئىرىدا كۈلەر مۇھەببەت،
ۋەتەن دەپ،مىللەت دەپ باشلىنار سۆھبەت
سۆھبەتلەر مەنىلىك،قىزار تىجارەت،
ھەر كۆرسە جىسمىغا تارار ھارارەت.
مۇبارەك ئۇچ ياشقا كىرگەن كۈنۈڭگە،
تورچىلىق باغىدا ئۈنگەن كۈنۈڭگە،
زوق بىلەن باقىمىز ھەربىر گۈلۈڭگە
زور ئۇتۇق تىلەيمىز بۈگۈن ئۆزۈڭگە،
گۈل دەستە تىزىيمىز ھەمدە ئۆيۇڭگە.
[ بۇ يازمائەنگەرتەرپىدىن2011-02-13 12:50دە قايتا تەھ ]