hantagri illikdunya.biz sohpat
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئەزىز

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 11
نادىر تېما : 43
يازما سانى : 2003
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 2550(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى يۈسۈپجان نادىرلىدى .(2011-01-18)


دۇكاندار قىزنىڭ كۆز يېشى

ئاپتورى:قاتىمە

ئالى مەكتەپنى پۈتۈرگىلىمۇ خېلى بولۇپ قالدى.خىزمەت تاپقۇچە بولغان ئارىلىقتا تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بىزنى بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۇشقا مەجبۇرقىلىپ قويدى.قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانساق بولار؟تىجارەتنىڭ قايسى خىل يولى ئەڭ ئۈنۈملۈك،بىخەتەر،چىقىمى ئاز؟ دىگەندەك مەسىلىلەر بىلەن بېشىمىز قاتقان ئېدى.ئاخىرى ئاپامنىڭ يىغىپ قويغان ئازغىنە پۇلىنى ئېلىپ،بىر كىچىك كۈندىلىك بۇيۇملار دۇكىنى ئېچىۋالدۇق.دۇكان كىچىك بولسىمۇ ،بۇكىچىك دۇكان ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەر مېنى قىينىغىلى تۇردى.

ئەتىگەنلىكى دۇكاننى ئېچىشىمىزغىلا دۇكانغا مەھەللىمىزدىكى ئۇششاق بالىلار چۇقىرىشىپ كىرىپ كېلەتتى ــ دە،ئاتا- ئانىلىرى بەرگەن پارچە –پۇرات پۇللارغا ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى سېتىۋالاتتى.لېكىن كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى ئۇلار«بارمۇ؟»دەپ سوراپ كىرگەن نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر-ئىككى موچەنلىك زاۋۇت ئادرىسى ئېنىق بولمىغان ،پاخال يىمەكلىكلەر ئېدى.ئۇلار بۇ يىمەكلىكلەرگە شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتكەن ئېدىكى،مەن ئۇلارغا ئۇنداق زىيانلىق-پايدىسى يوق نەرسىلەرنى يىمەسلىكنى نەسىھەت قىلسام،ماڭا بىر ئالىيىپ قارىۋىتىپ ،پەرتتىدە ئۇدۇلدىكى يولداشنىڭ دۇكىنىغا يۈگىرەيتتى.شوخراقلىرى تېخى ئۇششاق تاشلارنى تېرىپ كېلىپ،دۇكاننىڭ ئىچىگە بىرنى ئېتىۋىتىپ قېچىپ كېتەتتى.

ئۇلار ئاشۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ،كىچىككىنە نەپسىدىن كېچىشكە قەتئى رازى ئەمەس ئېدى.

بىركۈنى بىر تۇغقىنىمىز كېلىپ،مېنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۇششاق بالىلار يەيدىغان پاخال يىمەكلىكلەرنى دۇكانغا سېلىشىمنى،ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام ،بۇ مەھەللىگە ئېچىۋالغان كىچىككىنە دۇكان بىلەن جان باققىلى بولمايدىغانلىقىنى نەسىھەت قىلدى.

   ـــ ئۇ بىچارە بالىلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ ھەدە. «پايدا كۆپ چىقىدۇ»دەپ پاخال يىمەكلىكلەرنى دۇكانغا سېلىپ،خولۇم –خوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى بىز بۇلغاپ بەرسەك،ئۇلارغا ئۇۋال بولمامدۇ !ــ دىدىم مەن.

  ـــ ئۇلار بۇنىڭغا ئۈگىنىپ كەتكەن،سىز بىر ئادەم ئۇنى تۈزەپ بولالمايسىز .«بالىلار ئۇنى يىسە بولمايدۇ،بۇنى يىسە ئەقلى بۇلغىنىدۇ »دەيسىز .كۆڭۈل بۆلگەننى بىلمەيدىكەنسىز.ئەمىسە بەك نوچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز بىر ئىشەنچلىك بالىلار يىمەكلىكى زاۋۇتى قۇرۇپ باقمامسىز! .ــ ئۇ شۇنداق دەپلا ئاچچىق بىلەن چىقىپ كەتتى.

   يەنە بىر كۈنى خېرىدار يوق ،دۇكاندا كىتاپ كۆرۈپ ئولتۇراتتىم،30ياشلار چامىسىدىكى ئېگىز بىر كىشى كىرىپ كەلدى.مەن ئۇنىڭغا سالام بېرىپ ،نىمە لازىملىقىنى سورىدىم.لېكىن ئۇسالامنى قايتۇرۇپلا،گەپ قىلماستىن نەرسىلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ ،ھەر بىر مالنى ئېلىپ ئادرىسىغا قارىغىلى تۇردى. ئۇ مەھەللىمىزدىكى تۇنجى بولۇپ ئىچكىرىدىكى  ئالى مەكتەپكە ئەلا تەنىجە بىلەن ئۆتكەن،مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خىزمەت قىلماي،ئۇششاق تىجارەت قىلىپ يۈرگەن كىشى ئېدى.ئۇنى بۇرۇن مەھەللىدىكى چوڭلار «شەھەر باشلىقى بولالىغۇدەك ئەقىللىق بالا»دەپ ماختىشاتتى.مانا ئەمدى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كېلىپ ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىلالمىدى.كىشىلەرمۇ ئۇنى زاڭلىق قىلىپ«ئالىم غەلىتە» دەپ ئاتايتتى.ئۇنىڭ گەپلىرى بۇرۇن كىشىلەرگە يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلسا ،ئەمدى ئەخمەقلىق ھىساپلىناتتى.ئۇنىڭ ئائىلىسىدە ياشانغان ئاپىسى  ۋە بىرقانچە يېتىم بالىلار بار ئېدى... ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ غېمى شۇنچىۋالا كۆپ بولسىمۇ،«ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولماي،كەچكىچە خەقنىڭ ئىشىغا چات كېرىۋالاتتى.» ئۇ يېقىننىڭياقى مەھەللىمىزدىكى ھەممە دۇكانلارنى ئارىلاپ،«مۇشۇ نەرسىلەربالىلارنىڭ جىسمىنى، ئەقلىنى بۇلغىمامدۇ؟»دەپ نەچچىسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالدى. ھەتتا«مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان»دىگەن قالپاقنىمۇ كەيدى.شۇڭا ئۇنى «غەلىتە» دىمەي نىمە دىگۈلۈك؟

ـــ سىڭلىم ،قارىسام دۇكانغا ئىشەنچلىك مال ئەكىرىپسىز.بەك خوش بولدۇم.دۇكاننىڭ سودىسى قانداقراق؟

ـــ اللەقا شۈكرى ،يامان ئەمەس .ــ دېدىم مەن.

ـــ ھازىرقى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەر،بولۇپمۇ مۇشۇ بالىلار يىمەكلىكى ئىچىدە ناچار،ساختا ئەخلەت يىمەكلىكلەر كۆپىيىپ كەتتى.بىر-ئىككى موچەنلىك نەرسىدە قانچىلىك ئوزۇقلۇق بولماقچىدى.ھەممىسىنى ھەرخىل زىيانلىق دورىلار بىلەن بوياپ،تەم كىرگۈزۈپ ساتىدۇ.ئۇنىڭسىزمۇ مۇشۇ بۇلغانغان ھاۋا،سۇ،يىمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىمۇ يېتىپ ئاشاتتىغۇ بىزگە!  

ـــ توغرادەيسىز،مەن چىڭدۇدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا،«ئىسلام جەمئىيىتى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنى نازارەت قىلىش ھەيئىتى»دە ئىشلەيدىغان بىر خۇيزۇ تونۇشۇم بار ئېدى.ئۇلار چىڭدۇغا تەكشۇرۈشكە كەپتىكەن.بۇ شەھەردىكى% 95 «مۇسۇلمانچە »يىمەكلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىنىڭ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ھەتتا بەزىلىرى سۇچاشقىنىنىڭ تېرىسىنى سويۇۋالغاندىن كىيىن ،گۆشىنى (火腿肠  قېزا )زاۋۇتلىرىغا ئۆتكۈزىدىكەن. شاڭخەي ،تىيەنجىن قاتارلىق جايلاردىكى چوڭ «مۇسۇلمانچە» مەھسۇلات ئىشلەيدىغان كارخانىلارنىڭ ئۆلچىمىدىمۇ،«مۇسۇلمانچە» دىگەنلىك پەقەت  پاكىزەۋە تەركىبىدە بىۋاستەچوشقا گۆشى بولماسلىقنى كۆرسىتىدىكەن. ئەمما قۇرئاندا چوشقا گۆشىدىن بۆلەك ،ئۆلۈپ قالغان  ھايۋانلار( قوي، كالا بولسىمۇ) ،قان ،اللەنىڭ نامىنى ئېيتماي بوغۇزلىغان ھايۋانلار،يىرتقۇچ ھايۋانلارنى يېيىش ئوخشاشلا ھارام قىلىنغان.ئەمەلىيەتتە ئۇ چوڭ زاۋۇتلاردىكى كالا گۆشلىرى ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئۇسۇلدا قېنىنى چىقارماي،بۇرنىدىن  سۇ قۇيۇپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدىكەن.زاۋۇتلار ئەڭ ئاساسلىقى پايدىنى ئاساسى مەقسەت قىلغاچقا، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، قوي كالا مىيى قىممەت بولغاچقا، چوشقا مېيىنى ئالاھىدە ئۇسۇلدا سىنتىزلەپ،گىلىتسىرىل ئىشلەپ ،ئۇنى تەييار چۆپلەرگە قاتىدىكەن...  ـــ دىدىم مەن.

ـــ  ئۇلارغۇ مۇسۇلمان ئەمەس ،بىزچۇ؟ بىز ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ، پۇل ئۈچۈن ئاشۇنداق نەرسىلەرگە ئۇيغۇرچە ماركىنى چاپلاپ  ئەكىرىپ ساتىمىز. بەزىلىرىنىڭ تېخى زاۋۇت ئادرىسىمۇ يوق. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل تاماقلىرىنى تاشلاپ«كېنتاكى»،«ماكدونالد» ،ھەرخىل ئىسىملىرىنى بىلگىلى بولمايدىغان «تورتخانىلار»غا چاپىمىز .قارىسىڭىز بىزنىڭ بالىلىرىمىز «مالا چۈەر»گە يۈگۈرگەن،ئۇلارنىڭ بالىلىرى كاۋاپخانىدا. بۇلارنىڭ ھەممىسى نېمىدىن؟ ئەڭ مۇھىمى قەلبىمىز بۇلغىنىپ كەتتى.بىز ھەممىمىز بالىلىرىمىزنىڭ  كەلگۈسىدە ئۈمىدىمىزنى ئاقلايدىغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز،ئۆزىمىز قىلالمىغان ئارمانلىرىمىزنىمۇ شۇلارغا يۈكلەيمىز.لېكىن بىز ئۇلارنىڭ تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن زادى نىمە قىلالىدۇق؟بالىلىرىمىز ياخشى ئادەم بولسۇن دەيمىزيۇ،ئۆزىمىزقاۋاقخانا،ئىشرەتخانىلاردا يۈندە پۇراپ يۈرىمىز، بالىمىزنىڭ ۋاپادار بولىشىنى تىلەيمىز-يۇ،ئاتا-ئانىمىزنى بىر باش پىياز بىلەن بولسىمۇ يوقلاپ قويمايمىز،ئۇلارنى ئەقىدىلىك بولسۇن دەيمىز-يۇ،پۇل-مەنسەپ ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى خۇدا قىلىۋالىمىز.ئۇلاردىن سەمىمىيەتنى تەلەپ قىلىمىز-يۇ،بالاراست گەپ قىلىپ مال ساتقانلىقتىن،سودىگەر دادىسىدىن تاياق يەيدۇ،ئەخلاقلىق،ھايالىق بولىشىنى ئارزۇ قىلىمىز-يۇ،ئۆزىمىز ھايانى قاياقلارغىدۇ تاشلىۋەتكەن.تاماكا چېكىپ تۇرۇپ«تاماكا چەكمە»دەيمىز،ھاراق ئىچىپ تۇرۇپ« ھاراق ئىچمە» دەيمىز.بالىلار قەلبىگە ئەقىدە ئۇرۇقىنى تىكمەي،ئۇلاردىن ئەخلاق مېۋىسىنى تەلەپ قىلامدۇق؟بەزىلەر «بۇلارغا ئامال يوق ،سەن ھىچنىمە قىلالمايسەن» دەيدۇ.مەن سىزگە مۇنداق بىر ھىكايىنى ئېيتىپ بىرەي:  ـــ رىۋايەت قىلىنىشىچە، كافىرلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ ئوت يېقىپتۇ.ئوتقا يىلان تەمەچ توشۇپتۇ،قارلىغاچ بولسا كىچىككىنە ئاغزى بىلەن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ توشۇپتۇ .ئۇنىڭدىن «سەن ئاغزىڭدىكى كىچىككىنە سۇ بىلەن مۇشۇنچىۋالا چوڭ ئوتنى قانداق ئۆچۈرىسەن؟» دەپ سورالغاندا. «شۇ ئوتنى ئۆچۈرەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى،ئەمما ئوتنىڭ ئۆچۈش- ئۆچمەسلىكى مېنىڭ چامامدىكى ئىش ئەمەس،لېكىن ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش مېنىڭ ئەقىدەم.ئەقىدەم ئۈچۈن ياشاش مېنىڭ مىزانىم.»دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ...

   ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى.ئىچىمدە«ئەجەبا مەن  ئاشۇ قارلىغاچچىلىك بولالماسمەنمۇ؟ئى اللە ،مەيلى نەپسانىيەتچىلىك قانچىلىك كۈچىيىپ كەتسۇن،ماڭا ئەقىدەمدە چىڭ تۇرىدىغان ئىمان ئاتا قىلغىن.ھەق يولدا قەدىمىمنى مۇستەھكەم قىلغىن.» دەپ دۇئاقىلدىم ...

  شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ ماللارنى دۇكانغا سالمىدىم،دەسلەپتە دۇكىنىمغا خېرىدار بەك ئاز كىردى(بولۇپمۇ بالىلار) .كىيىن مەنمۇ ئۆزىمىزنىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەنگەن بەزى ماللارنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ كۆپەيتتىم.بالىلارغا تەربىيەمنى داۋاملاشتۇرىۋەردىم.ئۇلارغا تەربىيەنى ھىكايە شەكلىدە بايان قىلىشقا تىرىشاتتىم.بارا- بارا مېنىڭ دۇكىنىمدىمۇ بالا خېرىدارلار كۆپىيىپ قالدى.ئۇلار ئاساسەن ھىكايە ئاڭلاش ئۈچۈن كىرەتتى.ھەتتا بەزى ئاتا –ئانىلارمۇ كىرىپ ئالاھەزەل ماڭا رەھمەت ئېيتاتتى .

ـــ ۋاي توۋا خۇدايىم،ما بالىنى قاراڭ! كۈندە مەكتەپكە ئىككى كوي بەرمىسەم ماڭغىلى ئۇنىمايتتى.«قورسىقىم ئېچىپ كەتسە خوتۈيچاڭ يەيمەن »دەپ،ئەمدى پۇل بەرسەم ئالماي،«ئاپا سىز مېنى بېقىش ئۈچۈن بەك جاپا تارتىدىكەنسىز.مەن ئەمدى خوتۈيچاڭ يىمەيمەن.ئۇنى يىسە گەپ ئاڭلىمايدىغان ئەسكى بالا بولۇپ قالىدىكەن .اللە ئۇنداق بالىنى ياخشى كۆرمەيدىكەن.اللە بەك ياخشىكەن ھە ئاپا !ماڭا سەندەك ياخشى ئاپىنى يارىتىپ بېرىپتۇ.مەن كەچتە تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولۇپ،تېلىۋىزۇر كۆرمەيمەن،ھېلىقى ھەدەمنىڭ دۇكىنىغا چىقىپ ھىكايە ئاڭلايمەن.سەنمۇ بىللە چىقە ئاپا، بەك پەيزىكەن!» دىمەسمۇ،بالامنى باغرىمغا بېسىپ تازا يىغلاپتىمەن. دادىسى تۈگەپ كەنكەندىن بېرى «مۇشۇ بالام قانداقراق چوڭ بولا؟»دەپ كىچە –كۈندۈز دەرت چېكىتىم ،دەتلىرىممۇ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى سىڭلىم.كىچىكى قىز ،تېخى ئەمدىلا تۆت ياشقا كىردى ،ئۆزى بەك ئەقىللىق ئەتىدىن- كەچكىچە كەينىمدە يۈرۈپ ئۇنى-بۇنى سوراپ،كۆڭلۈمنى خوش قىلىدۇ،بەك گەپ ئاڭلايدۇ،قىلماڭ دىگەن نەرسىنى پەقەت قىلمايدۇ.لېكىن شۇ قىزىمنىڭ دۈمبىسى سەل دوك بولۇپ قالدى ،دوختۇرغىمۇ كۆرسەتكەن ئېدۇق،«چوڭ يەرگە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ بېقىڭلار» دەيدۇ.اللە نىسىپ ئەتسە،پۇل يىغىپ ئاپىرىپ داۋالىتىپ كېلەي دەيمەن. اللەقا شۈكرى نامازنىمۇ باشلىۋالدىم .سىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن سىڭلىم.ـــ دەپ رەھمەت ئېيتتى .مەھەللىمىزدىكى يولدىشىدىن بالدۇرلا ئىككى بالىسى بىلەن تۇل قالغان، رەھىمە ئىسىملىك بۇ ئاق كۆڭۈل  ھەدىمىزيىغلاپ تۇرۇپ.

ـــ ھەدە ،كۆڭلىڭىزنى ھەرگىز يېرىم قىلماڭ.بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئىشلار بىر سىناقتۇر،ئۇلۇغ اللە«ئەلۋەتتەھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن،چوقۇم بىر ئاسانلىق بار.(سۈرە ئىنشىرا)»دىگەن.ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرغۇچى پەقەت اللە دۇر .سىز اللە دىن تىلىسىڭىز ،چوقۇم بېرىدۇ.ھەممە نەرسە پەقەت يىگانە رەبىىمىز اللە نىڭ ئىلكىدىدۇر.ئۈمىدلىك بولۇڭ!ــ دىدىم مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.

ــــ بىز بالىلىرىمىزنى ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن توسۇپ قالالمايتتۇق ئۇكام.ئۇلار ھە دىسە يەرگە ئۆزىنى تاشلاپ يىغلاپ قەغىشلىق قىلىپ، بىز ئۇنى ئېلىپ بەرمىگىچە بولدى قىلمايتتى.كىيىنچە بىزمۇ بالا يىغلاپ بولغىچە،شۇ ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ بېرىپ گوللايدىغان بولدۇق.ئەمدى ئويلىساق خاتاقىلغان ئىكەنمىز.ھازىر مېنىڭ بالام«ئەقىللىق بالا ئەخلەت يىمەيدۇ،ئەقىللىق بالا پاكىز ،ھالال نەرسىلەرنى يەيدۇ»دەيدىغان بوپتۇ.پۇل بەرسەك «يىغىپ يېتىم بالىلارغا ياردەم قىلىمەن،ئۇلارنىڭ سىلەردەك ئاپئاق ئاتا-ئانىسى يوق.شۇنداق قىلساق اللە بىزنى ياخشى كۆرىدۇ»دەيدۇ.بۇنى ئاڭلاپ يىغلاپ كەتتىم...رەھمەت سىزگە سىڭلىم.ــدېدى تېخى يېقىندىلا«بالىلىرىمىزنى ئالداپ» دەپ ،ماڭا ئالىيىپ چىقىپ كەتكەن يەنە بىر ھەدەش.

ــ ھەممىمىز مىھرىبان اللە قا رەھمەت ئېيتايلى ھەدە،ئەڭ ياخشى رەھمەت  ئىبادەتتۇر،ھەممە ئىشلاردا مىھرىبان اللەقا بوي سۇنۇشتۇر!ــ دىدىم مەن جاۋابەن.

   مانا مۇشۇنداق قىلىپ دۇكان ئاچقىلىمۇ بىرنەچچە ئاي بولۇپتۇ،بىركۈنى ئەتىگەندە ئەمدى دۇكان ئېچىپ ،سۇ سېپىپ سۈپۈرىۋاتسام.چاچلىرى ئۆسۈپ تارالماي پاخپىيىپ كەتكەن تۆت ياشلار چامىسىدىكى بىر قىزچاق،ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك يەنە بىر ئوغۇل بالا بىلەن بەش مولۇق پۇلنى كۆتۈرگىنىچە چۇرقىرىشىپ كىرىپ كېلىشتى.

ـــ نىمە ئالىسىلەر ،ئوماق بالىلار ؟ـــ دىدىم مەن كۈلۈمسىرەپ.

ـــ مەن ماۋۇنى ئالىمەن .ــ دىدى قىزچاق تۈركىيە كەمپۈتىنى كۆرسىتىپ.

ـــ مەنمۇ شۇنى ئالىمەن.ــ دىدى ئوغۇل ئارقىدىنلا.

ئۇ ئىككىسى بىردىن كەمپۈتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىشتى.مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چىقىپ قاراپ تۇردۇم.ئۇلار دۇكاندىن بىرقانچە ئون مېتىر يىراقلىقتىكى بىر شەخسى شىپاخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ،

«دوختۇر ئاپا!دوختۇر ئاپا!»دەپ توۋلاشقىلى تۇردى.بىر چاغدا دوختۇرخانە ئىچىدىن ئاق خالات كىيگەن بىر ئايال چىقىپ كەلدى.

ـــ كەلدىڭلارمۇ بالىلىرىم .ـــ دىدى ئۇ مىھرىبانلىق بىلەن.

ـــ دوختۇر ئاپا، مىنىڭ ئاپام بۈگۈن كەلدىمۇ؟مەن ئاپامغا بۇ كەمپۈتنى ئېلىپ كەلدىم ،بۇ كەمپۈت بەك تاتلىق.ــ دىدى تاتلىققىنا كۈلۈپ.دوختۇر ئۇ قىزچاقنى باغرىغا بىسىپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى.ھەم ئۇ كەمپۈتنى ئېلىپ:ـــ ئوماق قىزىم مەن بۇ كەمپۈتنى ئاپىڭىزغا بېرىپ قوياي،ئۇ چوقۇم «مېنىڭ قىزىم بەك ئاپپاق»دەپ خوش بولۇپ كېتىدۇ.ـــ دىدى كۆزىگە ياش ئېلىپ.

      چاچلىرى پاخپايغان ،بويى پاكارراق،دۈمبىسى ئازىراق چىقىپ قالغان بۇقىزنىڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان ،مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان تاتلىق سۆزلىرى قەلبىمنى لەرزىگە سالدى.ئۇنىڭ سىماسى بىر كىچىك پەرىشتىدەك ،بىرقانچە كۈنلەرگىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى.ئارىدىن بىرەر ھەپتە ئۆتتىمىكىن،ھېلىقى دوختۇر ئايال دۇكانغا قەلەم ئالغىلى كىردى.مەن ئۇنىڭدىن ئۆتكەن ھەپتە بولغان ھېلىقى قىزچاقنىڭ تەسىرلىك ئىشىنى سورىغان ئىدىم، ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا،ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.

      ئەسلىدە بۇ قىزچاق ئاپىسىدىن يېتىم قالغان قىز بولۇپ،ئۇقىزچاقنىڭ ئاپىسى بۇندىن ئۈچ ئاي بۇرۇن كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن.ئۇقىزچاققا ھازىر ياشىنىپ قالغان مومىسى قاراۋىتىپتۇ. قىزچاقنىڭ ئاپىسى تۈگەپ كېتىشتىن بۇرۇن،كېسىلى خېلى ئېغىر بولسىمۇ،چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشقا پۇلى بولمىغاچقا،مۇشۇ كىچىك شىپاخانىدا ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ تۇراتتىكەن.شۇڭا بۇ سەبى قىزچاق ھازىرغىچە ئاپىسىنى مۇشۇ دوختۇرخانىدا دەپ قارايدىكەن.بۇ قىزچاق ھەركۈنى چوڭ ئاپىسى بەرگەن پۇلغا بىرتال ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كەمپۈت سېتىۋىلىپ،ئۆزى يىيىشكە قىيماي، ئاپىسىغا بەرگىلى دوختۇرغا ئاپىرىپ بېرىدىكەن.

ـــ  ئۇ ھازىرغا قەدەر يىگىرمە بەش تال كەمپۈتنى كۆتۈرۈپ كىردى .مەن ئۇلارنى يىغىپ قويدۇم. ئۇ قىز بەش ياشقا تولغان كۈنى باشقا سوۋغاتلار بىلەن قوشۇپ ئۇنىڭغا سوغا قىلاي دەيمەن. ــ دېدى دوختۇر ھەدىمىز.

­­ـــئەسلىدە بۇ قىز ھېلىقى رەھىمە ھەدەمنىڭ قىزىكەندە ،اللە ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن،بۇ يېتىملەرگە ئاسان يولنى مۇيەسسەر قىلسۇن.ـــ دىدىم مەن كۆزۈمگە ياش ئېلىپ. رەھىمە ئاچام ئۈچ ئاي ئىلگىرى كېسىلى شىپا تاپالماي، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېدى.

ـــ قاراڭ بۇ ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن قىزچاقنىڭ ھەرىكىتىگە،ئۇنىڭ ئاپىسىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىگە! بۇخىل مۇھەببەتنى بىز چوڭلار چېغىمىزدا ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.خىزمەت ئالدىراشلىقنى باھانە قىلىپ،ئاتا-ئانىمىزنى ئايدا بىر قېتىممۇ يوقلاپ قويمايمىز.سېغىنىپ تېلىفۇن قىلسا،توڭ تېگىپ تېلىفۇننى قويۇپلا ،سورۇنغا يۈگرەيمىز.تاكى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالغاندىلا،ئاندىن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ھەقىقى كۆيۈنچىمىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەنمىز.ئۇلارنىڭ سىلاشلىرىنى ،قاراشلىرىنى سېغىنىپ ،قانغۇچە بىر پۇرىۋىلىشقا زار بولغان چېغىڭىزدا،ئۇلار يوق،سىز كېچىككەن .ئەمدى سىزنىڭ بالىلىرىڭىز سىزنى زار قاخشىتىپ،ئاتا-ئانىڭىزدىن ئاياپ تاپقان پۇللىرىڭىزنى بۇزۇپ-چېچىپ،ئويۇنغا،بۇزۇقچىلىققا كىرىشىپ كېتىدىكەن.كېچە-كېچىلەپ«بالام نەلەردە يۈرۈيدىغاندۇ؟»دەپ ئۇخلىماي چىققىنىڭىز بىلەن كارى يوق ،پۇلى تۈگكەندە پەيدا بولۇپ يەنە پۇل سوراپ ئېلىپ چىقىپ كېتىدىكەن،ئاتا-ئانا مېھرى دىگەن شەخسىيەتسىز بولىدىكەن،شۇنچە ئەسكىلىك قىلسىمۇ،يەنە شۇ بالىدىن كەچكىلى بولمايدىكەن.مۇشۇنداق چاغلاردا ئاتا-ئانا قەدرى ئۆتۈلۈپ، زار-زار يىغلايدىغان گەپكەن.ــ دېدى دوختۇر ھەدە كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ.

    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە.ئۇ قىزچاق دۇكانغا كۈندە بىر قېتىم كىرىپ،تاتلىق كۈلكىسى بىلەن ئىككى-ئۈچ ئېغىز گېپىنى قېلىپ قويۇپ ،مەن سوۋغا قىلغان كەمپۈت-شاكىلاتلارنى ئېلىپ،دوختۇرخانىغا قاراپ يۈگىرەيدۇ.ئەمدى ئۇ پارچە پۇللىرىنى مومىسىغا بېرىپ يىغىپ،مومىسىغا كۆينەك ئېلىپ بەرمەكچى.

   روزا ھېيىت كۈنى دۇكانغا ماللارنى تىزىش بىلەن ئالدىراش ئېدىم ،«ھەدە!»دىگەن تونۇش ھەم تاتلىق ئاۋاز ئاڭلاندى.

كەينىمگە بۇرۇلۇپ،ئۇنى كۆردۈم.ئۇنىڭ چاچلىرى چىرايلىق ياسىتىلغان،باش-كۆزلىرى يۇيۇلۇپ،چىرايلىق كىيىملەر كىيدۈرۈپ قويۇلغان بولۇپ،بەكلا ئوماق بولۇپ كەتكەن ئېدى.

ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نادىرە،ھېيتىڭىزغا موبارەك بولسۇن! ھەجەپ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىزغۇ؟بۇ كىيىملەرنى كىم ئېلىپ بەردى؟ــ دىدىم ئىچىم كۆيۈپ.

ــ سىزگىمۇ موبارەك بولسۇن! بۇنى مومام ئېلىپ بەردى، قاراڭ !ماڭا داداشلار جىق پۇل بەردى.مەن بۇلارنى دوختۇر ئاپاشقا بەسەم،ئاپامغا بېرىپ قويامۇ؟ــ دېدى ئۇ ئۈمىد بىلەن.كىچىككىنە يۈرەكتىن چىقىۋاتقان ،بۇ سەبىنىڭ سۆزى يۈرىگىمنى ئۆرتىۋەتتى.

ـــ دوختۇر ئاپاشنى ياخشى كۆرەمسىز؟

ـــ ھەئە، ئۇ بەك ياخشى.ــ دىدى قىز كۈلۈپ تۇرۇپ.

ـــ دوختۇر ئاپاشمۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن.كىرىپ ئاپاشنىڭ ھېيتىنى موبارەكلەپ قويغاچ،ئاپىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ چىقىڭ بولامدۇ؟ــ دىدىم مەن ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.

ــ ئاپامنى ئۇخلاپ قاغاندا كۆگەنتىم.بەك چىرايلىق بوپ كېتىپتۇ.مەن ئەتە ئاپامنىڭ يېنىغا بارىدىكەنمە.ــ ئۇ گېپىنى دەپ بولۇپلا ،يۈگۈرۈپ دوختۇرخانىغا كىرىپ كەتتى. بىر ھازادىن كىيىن ئۇ بىرمۇنچە سوغاتلارنى كۆتۈرۈپ يېنىپ چىقتى،ۋە «ھەدە! مەن ئەتە ئاپامنى كۆرىدىكەنمەن!»دەپ دوستلىرى بىلەن پەسكە يۈگۈرۈشۈپ كەتتى...

   ئارىدىن بىرەر –ئىككى سائەت ئۆتكەنمىكىن،كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئوپۇل-توپۇل بولۇشۇپ پەسكە قاراپ يۈگۈرۈشتى.مەنمۇ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن،دۇكاننى ئېتىپلا ،پەس تەرەپكە يۈگۈردۈم.

   بىر كىشى كىيىملىرىدىن سۇ تامچىپ تۇرغان، بىر بالىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى. ئۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە بۇ بالىنى خېلى يىراق يەردىن سۈزىۋاپتۇ،ئۇچاغدا ئۇنىڭ ئاللىقاچان نەپسى توختاپ بولغان ئىكەن.ئۇ ئەسلىدە دوستلىرى بىلەن ئويناۋىتىپ سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ.ئۇ يەردە چوڭلار يوق ئىكەن ،قورقۇپ كەتكەن بالىلار چوڭلارغا مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ بولغىچە،بۇقىزچاق ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئېدى. مەن ئۇنى كۆرۈپلا يۈرۈگۈم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى.يۈرۈگۈم پۇچۇلاندى ،كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش ئاقاتتى.ئۇنى تونۇدۇم،ئۇ نادىرەكەن.ئۇنىڭ يۈزىدە بىلىنەر –بىلىنمەس كۈلۈمسىرەش قېتىپ قالغان ئېدى.ئۇ ئەمدى ئاپىسى بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىدىن خوش بولۇپ كۈلۈمسىرەۋاتامدىغاندۇ؟

قىزنىڭ مىيىتى ئەتىسى جۈمە كۈنى  ئاددىيلا ئۇزىتىلدى.بۇ قىزچاقمۇ بارا-بارا تىرىكلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.لىكىن ئۇنىڭ ھەقىقى مىھىر- مۇھەببەتنى قەلبىمىزگە ھېس قىلدۇرغان ھاياتى، مېنىڭ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق.ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىمدە ۋۇجۇدۇم ئاجايىپ بىر گۈزەل سېزىم ئىچىدە لەرزىگە كېلىدۇ.كۆزلىرىمگە ياش تولىدۇ.ئۇنىڭغا غايىبانە شۇنداق دەيمەن:

  ـــ خاتىرجەم يېتىڭ نادىرە! سىز بىر كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان ،مىھرىبان ئانىڭىزدىن بۆلەك يەنەشۇ مىھرىبان ئانىڭىزنى سىزگە يارىتىپ بەرگەن شەپقەتلىك  اللە مۇ سىز بىلەن بىللە!


ئاخىرقى سۆز

پاكلىق،مۇھەببەت،ساداقەت ئىنساننىڭ تەبىئىتى.  ئەمەلىيەتتە ھەممىمىزنىڭ بالىلىرى خۇددى نادىرەدەكلا،ئەقىللىق. ئۇلارنىڭ قەلبى مىھىر- مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ.لېكىن ئۇلار چوڭ بولغانسىرى ئەسلى تەبىئىتىدىن يىراقلاپ كېتىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىز خاتا تەربىيە ئارقىلىق،ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىنى بوغۇپ قويغان،بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى كۆمۈۋەتكەن.بالىلىرىمىز ھەقىقى دىيانەتلىك ،شەرمى-ھايالىق،ۋاپادار،كۆيۈمچان بولسۇن دېسىڭىز،ئاۋۋال ئۆزىڭىزھالاللىق بىلەن ياشاڭ،ئۇلارغاھالالنى يىگۈزۈڭ،ئىمانلىق بولۇڭ،ئۇلار قەلبىگە ئىماننى سىڭدۈرۈڭ. يۈرەك پارىڭىزنى ئىبلىسقا تۇتقۇزۇپ قويماڭ!
        
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-17 19:18 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەزىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاللاھ قۇلىڭىز غا دەرت بەرمىسۇن.

ئاللا ئۈزىمىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن،
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 19:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن بۇنى ئۇقۇۋېتىپ يىغلاپ كەتتىم ھىقىقەتەن بەك تەسىرلىككەن،
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 19:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 116
شۆھرىتى: 1230 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1690 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 195 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 118(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، بولسا ھەممە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزغا نەسىھەت قىلىپ ، شۇ نەرسىلەرنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەك.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 20:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2134
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىنشاللاھ شۇنداق قىلايلى.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 20:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1309
شۆھرىتى: 13255 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22358 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1341 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 265(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نادىر تىما.
شۇڭا بالىلىرمىزغا تەربىيىنى كۈچەيتىش زۈرۈر.
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 20:51 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مېغىزخان
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 1257
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرىتى: 620 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 620 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 65 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 88(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-10-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەخمەت، كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى،راست ۋەقە بولسۇن ھىكايە بولسۇن تىلى ئاددى ئەمما تەسىرلىك چىقىپتۇ.ھارمىغايسىز...
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-17 21:07 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مېغىزخان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ۋەفا
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 731
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 227
شۆھرىتى: 2285 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2370 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 233 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 124(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەسىم:
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىماننى پاكلاپ بەرسۇن
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 10:58 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ۋەفا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 846
شۆھرىتى: 8515 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8610 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 861 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 333(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بالىلىرىمىزغا ئامال بار تەركىبى ئىنىق بولمىغان نەرسىلەرنى يىگۈزمەيلى
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 11:49 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

تۇلپار
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 733
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 141
شۆھرىتى: 1575 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1850 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 201 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھازىرقى بالىلارمۇ مۇشۇنداق ئەخلەت نەرسىلەرنى يىيىشكە ئامراق بولۇپ كەتتى. بالىلىرىمىزغا ئامال بار تەركىبى ئېنىق بولغان يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ بىرەيلى. ئەقلى بۇلغانغان بىر ئەۋلاتنى قەتئىي يول قۇيۇلمايدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-18 12:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇلپار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا