oznur.cn abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئۇدۇم
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 1925
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 140
شۆھرىتى: 1510 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1970 دوللار
تۆھپە: 10 ھەسسە
ياخشى باھا: 241 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-12-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

[ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  بىلىم پۇلدىن مۇھىم
پۇل مۇھىممۇ  بىلىممۇ؟ دىگەن تېمىدىكى مۇنازىرىگە قارتا ئۆز قارشىمنى ماقالە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.
ئالدى بىلەن پۇل ۋە بىلىمنىڭ نىمىلىگىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى.
پۇل دىگىنىمىزماركىسنىڭ ( كاپىتال) دىگەن ئەسىرى ۋە گىرمانىيە، ياۋرۇپا پەيلاسوپلىرى، ئىقدىسادشۇناسلىرىنىڭ تەبىرى بويىچە ئېيىتقاندا، ئۇ تەڭ قىممەتتە مال ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى،ئۇ ھۆكۈمران سىنىپنىڭ قانۇننى ئۆزىگە تايانچ قىلىدۇ، ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ھۈكۈمرانلىقنىڭ مەھسۇلى، جەمئىيەتتە قايسى خىل پۇلنى ئىشلىتىش ھۈكۈمراننىڭ ئىرادىسى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بىر رايۇنىدىكى پۇلنىڭ ئاز ياكى كۆپلىكى بولسا شۇرايۇندىكى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى يەنى بايلىقنىڭ ئاز ياكى كۆپىلىكى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە بولغاندا بىر دۆلەتتە قانچىلىك بايلىك بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا بايلىق بولىشى كېرەك، بايلىق پۇلدىن جېق بولساپۇلنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ، بۇ دۆلەت ياكى شۇ رايۇننىڭ كۈچلۈكلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ،ئەكسىچە بايلىق ئاز پۇل جېق بولغاندا پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىساد تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى يوقۇتىدۇ، شۇ دۆلەت ۋە رايۇننىڭ ئىقدىسادىي كۈچىنىڭ ئازجىزلاشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
مىسال ئالىدىغان بولساق پۇلنىڭ تارىخدا بىز قانچىلىك پۇللارنى ئىشلەتمىدۇق، قانچە خىل پۇللاردىن ۋازكەچمىدۇق، قايسى خىل ھۈكۈمەت بارلىققا كەلسە شۇنىڭغا ماس ھالدا شۇخىلدىكى پۇل بارلىققا كەلدى. بىراق بايلىق بىرخىل بۇلۇپ كەلدى، شۇ بايلىقنى تەقسىملەش ۋاستىسى بولغان پۇل ئۈزلۈكسىز ئۆزگۈرۈپ قىمىتىنى يوقۇتۇپ كەلدى خالاس. پۇلنىڭ ئۆزىدەقىممەت يوق، ئۇنىڭ قىمىتى پەقەت قانۇن تەرپىدىن بەلگىلىنىپ كەلدى، بىر پۇلغاقانچىلىك بىر نەرسىنى ئالماشتۇرۇش بايلىقنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن تەتۈر تاناسسىپ بۇلىدۇ.
بىلىم چۇ؟
   بۇيەردىكى بىلىم ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان بۇلۇپ،ئۇ ئەقىل- ئىدراك، ئىقتىدار، پاراسەت، تېخنىكا، تەجىربە، ماھارەت قاتارلىق نۇرغۇنتەرەپلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بۇلىدۇ.  بۇئادەمىنڭ روھىيىتىگە مۇجەسسەملەشكەن مەۋھۇم نەرسە بۇلۇپ، ئۇ پەقەت ئەمىلىيەت ئارقىلىقلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بىلىم بولسا شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى كۆزىتىش،تەجىربىلەردىن پايدىلىنىش، ئۆتكەندىن ساۋاق ئېلىش، تەكشۈرۈپ تەتىقىق قىلىش، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ. بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ قانداق بۇلىشى تەجىربىلەرنىيەكۈنلەش، ئەمىليەتكە تەدبىقلاشقا باغلىق، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش شەيئىلەرنىڭقانۇنىيىتىنى توغرا ئىگەللەش ۋە پايدىلىنىشقا باغلىق بۇلىدۇ.
ئىككىسىنىڭ قايسىسىنىڭ مۇھىملىقىنى سۆزلەشتىن ئىلگىرى تارىخىقا  نەزەر سالساق، بىزدىن شۇنداق پۇلدارلار بايلارئۆتكەن، مەسىلەن ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان مۇسا بايۇپلاردەك، ئەخمەت ھاجى ( ئازاتلىقتىن ئىلگىرى توقسۇ دىيارىنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى شۇنىڭ ئىكەندۇق). مىنىڭ دادامنىڭمۇ بايلىق ىشۇنچىلىك كۆپ ئىكەندۇق، شۇ ئۆز بايلىقى بىلەن مەھەلىسىدىكى 27 ئائىلىك كىشىلەرنى ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن ھەجىگە ئاپىرىپ ئەكەپتىكەن، يەنە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان بايلار بار، بىراق ئۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ھىچقانداق ئۆزگەر تەلىگىنى يوق.
بىزدىن بايلار جېق چىققان ، بىراق ئىلىم ئەھلىللرى ئاز، غېنىدەك باتۇرلار جېق چىققان بىراق روممىل(گىتلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى قوماندانى) ژۇكۇف ( سىتالىننىڭ ئەڭ ياراملىق قوماندانى) لاردەكلەريوق، ناخشىچىلار جېق بىراق سىياسىيونلار يوق، شائىرلار جېق پەيلاسوپلار يوق، رومانچىلارجېق ئىقسىادشۇناسلار يوق، قىسقىسى كېسىلىمىز ئېغىر دوختۇرىمىز يوق دىگەندەك،شۇڭلاشقا بىزگە قالاقلىق ھەمراھ.
كۈندىلىك تۇرمىشىمىزدا پۇلدىن ئايرىلالمايمىز، پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم ، پۇل بولمىسا كۈنلىرىمىزنىڭ غەم ئەندىشىدە ئۆتكىنى ئۆتكەن، بىلىم ئېلىش ئۈچۈنمۇ پۇل بۇلىشى كېرەك ئەلۋەتتە. پۇل ئۇ ھامان چەكلىك بىراق ئېھتىياج چەكسىز، شۇڭا چەكلىك بايلىق ئارقىلىق چەكسىز ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادا كۈرەش توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا شۇ چەكلىك بايلىقىنى ئۆزىنىڭ قىلىشئۈچۈن ئەقىل پارەسەت بىلىم كېرەك، باشقىلار بايقىمىغاننى بايقاش، باشقىلارئويلىمىغاننى ئويلاش كېرەك، شۇبايلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ كۈچلۈك بىلىم تەلەپقىلىدۇ، چۈنكى مالىيە بىلىمىڭىز كەمچىل بولسا شۇبايلىقىڭىزنى ساقلاپ قالمىقىڭىزمۇمكىن بولمايدۇ، بەلكىم سىز ئىقتىدارلىق ئادەملەرنى ياللىسام بۇلىدۇ دىيىشىڭىزمۇمكىن بىراق ئۆزىڭىزنىڭ ھىچنىمىدىن خەۋىرى بولمىسا ئۆزىڭىز ياللىغان ئادەمنىڭ قولىداۋەيران بولىسىز. بىراق بىلىم بولساچەكسىزدۇر، ھەرقانداق ئادەم قانچىلىك ئۆگەنسە بۇلىۋېرىدۇ، بۇ ھەم خوراپ يوقاپ كەتمەيدۇ، ھىچكىم تارتىپ ئالالمايدۇ،بۇنۇقتىدىن ئېيىتقاندا پۇل بىرخىل ساختا كۈرۈنۈشتەك بىلىنىدۇ، دىمىسىمۇ پۇلتېپىشنىڭ ئۆزى بىر ئۇيۇن ئويۇننىڭ قائىدىسنى مەلۇم بىركىملەر تۈزىگەن بۇلىدۇ،باشقلار شۇقائىدىگە ئەمەل قىلىپ پۇل تاپىمىز، گەرچە بىزمۇ نەپ ئالساقمۇ ئاخىرىدا قائىدە چىقارغۇچىلارنى سەمىرىتىپ ماڭىمىز، چۈنكى تەزىر تايىقى شۇنىڭ قولىدا قائىدىگە ئەمەل قىلمىساق بۇ ئۇيۇندىن ۋازكەچسەك ياكى جىنايەت يولىغا ماڭساق بۇلىدۇ.  
  
يەنە ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالساق پۇلدارلارنىڭ جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىپ باققىنى كۆرمىدۇق، قىسقىسى مەن كۆرمىدۈم، شۇ بايلاربىلىملىكلەر تۈزۈپ بەرگەن قانۇنىيەت بويىچە ئۆزئىشلىرىنى داۋام ئەتمەكتە. بىراق ئالىملارنىڭ دۇنيانىڭ بىرەر رايۇننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسىلەن: ئېينىشتىيىننىسبىيلىك نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، بۇنىڭدىن ياسالغان ئاتۇم بومبىسى ئارقىلىق ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئېدىسون توكنى كەشىپ قىلىپ دۇنياغا يېڭىچەھۆسۈن قوشتى، ماركىس- ئېنگىلىسلار ماركىسىزىمنى بەرپا قىلىپ نەچچە مىلياردكىشىلەرنى قەبرىسىدە يېتىپ باشقۇرىۋاتىدۇ، روزۋېلىت، چېرچىل، سىتالىنلار ئۆزنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئىمتىياز ئارقىلىق دۇنيانىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ مىليارد خەلىقىنڭ تۇرمىشىغا تەسىر  كۆرسەتتى، يەھۇدىيلار ئۆزلرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىئارقىلىق دۇنياغا تىسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇنداق مىساللا ناھايىتى جېق.
دەۋرىمىزدىكى ئۇرۇشقان تۈكۈلمەيدىغان ئۇرۇش يەنى ئىقدىسادىي ئۇرۇشتۇر، بۇنىڭ مەركىزى يەنىلائىقتىساسلىقلار ئۇرىشى، كىمنىڭ ئىقتىساسلىق خادىملىرى كۆپ، تېخنىكىسى يۇقىرى بولساشۇ باشقىلارغا باشچىلىق قىلىپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەۋاتىدۇ، مىسال ئالىدىغان بولساق:2- دۇنيا ئۇرىشىدا سېۋىت ئىتىپاقى گىرمانىيىىنڭ ئىقدىسادىنى تالان – تاراج قىلىشنى ئاساس قىلغان، ئامىرىكا بولسائىقتىساسلىق خادىملىرىنى ئېلىپ كەتكەن، ئاقىۋەت قانداق بولدى؟ ھازىر يەنىلائامىرىكا كۈچلۈك. ياپۇنىيە، گىرمانىيە 2- دۇنيا ئۇرىشىدا ئېغىر مەغلۇپ بولغان،ئىقدىسادىي بايلىقىمۇ ناھايىتى ئاز، بىراق خەلقىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەلىكىگە تاينىپ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلىنىپ يەنىلا يەرشارىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەرەپ ئەللىرىدەبايلىق جېق بىراق تەرەققىي قىلمىغان، دۇنيا جامائەتچىلىكىدىمۇ ئورنى يوق دىيەرلىك،چۈنكى ئۇلاردا ياراملىق خادىملار ناھايىتى ئاز، ھازىر بۇنۇقتىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن ئەرەبلەر ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلماقتا. بىزدە بىرگەپ بار « مال پۇل ئەمەس ھۈنەرپۇل».
ئۇنداقتا پۇل مۇھىم ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس پۇلمۇ مۇھىم، بىز پۇلدىن ئايرىلالمايمىز، بۇيەردىكى مەسىلەقايسىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم قايسىسىنىڭ ئىككىنجى ئۇرۇندا ئىكەنلىكى مەسىلىسى. بىراق مەيلى پۇل بولسۇن ياكى بىلىم بولسۇن ئۇ كىشلىك تۇرمۇشتىكى ۋاستە خالاس، يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەقسىدىمىزگە يىتىشتىمىزدىكى ۋاستە، ئۇنداق بولغاندا قايىسى ۋاستە بىزنى ئۆز مەقسىدىمىزگە ئەڭ ياخشى،ئۇزاق مۇددەت، تۇلۇق يەتكۈزەلەيدۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپىئەتنى كۆزلىسەك پۇ لشۇنداق قىلالىشى مۇمكىن، بىراق ۋاقىتلىق خالاس، مەڭگۈلۈك بۇلالمايدۇ ھەم كىيىنكىلەرنىڭ بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەر تەلىشى ناتايىن. ئۇمۇمىيلىق نۇقتىسىدىن قارىساق ۋە يىراقنى نەزەرگە ئالغاندا بىلىم بۇ بىز ئۈچۈن كۈچلۈك قورال،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېيىتقاندەك « بەخىت بەلگىسى بىلىم ( قۇتاد غۇبلىك)».
خۇلاسە قىلساق بىزدەك قالاق ئارقىدا قالغان ، ئۆز تەقدىرىمىز ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان مىللەت ئۈچۈن كىيىنكىلەرنى بەخىتكە ئېرىشتۈرەلەيدىغان، كىيىنكىلەرنى دۇنياغا تۇنۇتالايدىغانبىلىم بىزنى ۋاقىتلىق راھەت پاراغەتكە ئېرىشتۈرىغان پۇلدىن مۇھىم، شۇندىلا بىزنىڭ كەلگۈسىمىز پارلاق بۇلىشى ئنىق.
ئەگەر ئوخشىمايدىغان پىكىرىڭىز بولسا پاكىتلىق ئىلمىي ئوتتۇرغا قويسىڭىز بۇلىدۇ.
(يەكەن ئۇدۇم كەسپىي تىخنىكا تەربىيلەش مەكتىپى   تېلېفون: 13565394444  )
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-01-12, 03:31

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( ئۇدۇم )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2011-01-12 00:36 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇدۇم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 70
يازما سانى : 1873
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئىنسان ئۇچۇن بىلىم ئەلۋەتتە مۇھىم :
شەخسى كوز قارىشىم ۋە ئويلىغانلىرىم :ئىنسان ئۇچۇن بىلىم ئەلۋەتتە مۇھىم .
بۇ قىل سىغمايدىغان پاكىت ۋە ھەقىقەت لىكىن ھازىرقى دەۋىردە پۇلنى
كۇچىنىمۇ ساقىت قلىشقا بولمايدۇ .گەپ بۇلنى تېپىپ ئۇنى قانداق ئىشلىتىشتە
ئارىمىزدا نۇرغۇن بىلىملىك ھەم ئىستىدات ئىگىلىرى بار لىكىن ئۇلار ئىقتىساد
سەۋەپلىك ئوز بىلىمىنى ۋە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرالماي .ئامالسىز بىلىمسىز
ۋە قار نىيەت خوجايىنلارنىڭ قولىدا ئوز بىلكملىرىنى ئىشلىتۋاتىدۇ
ئەسلى نۇرغۇن پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قويماقچى ئىدىم ئەپسۇس ۋاقىت قىسلىقى
بۇنداق چىن ۋە ئەمىلى پاكىتلارنى ھايات قىسمىتىڭىزدە كوپ ئۇچۇرتىسىز
مىنىڭ خۇلاسەم :بىلىمنى كۇچ، پۇلنى قۇرال قىلىپ  قىلىپ ھازىرقى رىقابەت
كۇچلۇك بۇلۋاتقان دەۋىدە ئوزۇمىزنى تېخىمۇ مۇستەككەملەپ  كەلگۇسى
ئىستىقبالىمىز ئۇچۇن تېخىمۇ مۇستەككەم ھۇل سېلىشىمىز لازىم
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 12:15 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 816
شۆھرىتى: 8695 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9785 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 901 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 216(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدۇ.
رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 12:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 812
شۆھرىتى: 8635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8630 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 873 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىلىم ئۆگىنىش پەرىز. شۇ ئۆگەنگەن بىلىملەرنى توغرا يولدا ئىشلەتمىسەك قىيامەتتە ھىسابىنى بېرىدىغان گەپ.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 12:34 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1325
شۆھرىتى: 14045 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 23048 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1420 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن بۇ مۇنبەردىن خىلى جىق بىلىم ئىگەلىدىم.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 13:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 70
يازما سانى : 1873
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1369(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ مۇنبەرنىڭ بىر كۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئۇچۇن قانچىلىق ئىقتىساد
كىتىدىغنىنى بىلەمسىلەر ؟
بىلىم بولسا پۇل تاپقىلى بىلىمنى توغرا ئىشلەتكىلى بۇلدىكەن
بىلىمنى ئىشلىتىش ئۇچۇن يەنە پۇل بولمىسا بولمايدۇ
تاغدىكى سۇننىڭ ئېقىشى ئۇچۇن دەريا،
ئۇيۇمىزدىكى سۇنىڭ كىلىشى ئۇچۇن توربا،
داننى ساماندىن ئايرىش ئۇچۇن شامال
كەلگۇسى چوڭ ئشلارنى قىلىش ئۇچۇن
ئەقىل -ئىدراك ،پەم پاراسەت ،ئىقتىسار
يەنە شۇنداقلا سەۋرىچانلىق بۇلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 14:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 812
شۆھرىتى: 8635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8630 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 873 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ مۇنبەرنىڭ بىر كۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئۇچۇن قانچىلىق ئىقتىساد
كىتىدىغنىنى بىلەمسىلەر ؟


دەپ بەرسىلە ئۇقۇپ باقىلى  
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 15:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يۈسۈپجان
ئىرىشمەكچى بولسىڭىز  يۈتۈرۈپ كۈرۈڭ
دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 1174
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1479
شۆھرىتى: 69690 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 70128 دوللار
تۆھپە: 138 ھەسسە
ياخشى باھا: 840 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 355(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قانچىلىك  كىتىدۇ  
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 18:32 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يۈسۈپجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2071
شۆھرىتى: 21644 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26480 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2502 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 388(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 20:43 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 2328
شۆھرىتى: 25225 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36650 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2589 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 886(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-12-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نەقىل
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىئاشپەزنىڭ2011-01-12 14:25دە يوللىغان يازمىسى  :
بۇ مۇنبەرنىڭ بىر كۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ئۇچۇن قانچىلىق ئىقتىساد
كىتىدىغنىنى بىلەمسىلەر ؟
بىلىم بولسا پۇل تاپقىلى بىلىمنى توغرا ئىشلەتكىلى بۇلدىكەن
بىلىمنى ئىشلىتىش ئۇچۇن يەنە پۇل بولمىسا بولمايدۇ
تاغدىكى سۇننىڭ ئېقىشى ئۇچۇن دەريا،
.......


بۇنداق جىق يىزىۋاتقىنىڭىزغا قارىغاندا تازا سەپىرايىڭىز تۇتقاندا يىزىپسىزدە بۇ ئىنكاسنى ئاشپەز ئۇستام
لىكىن ئالامەت كەلتۈر ۋىتىپسىزغۇ گەپ دىگەننى
بەزىدە سەپىرالىقمۇ يامان ئىش ئەمەس پىچچاقتەك كىسىپ بىلدۈرمىز گەپ دىگەننى
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-01-12 21:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئىقتىساد– سودا ئۇچۇرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا


'; ShowAd(); /**/