باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئاشپەزلەر ئارخىۋى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-02-04)
ئاز مەبلەغ بىلەن كىچىكرەك دۇكان ئېچىپ ئۆز ئىگىلىكىڭىزنى تىكلەشنى ئويلامسىز ؟ ئۇنداق بولسا بۇ سودا پىلاننامىسىنى ئۈلگە قىلىپ بېقىڭ ! 1. سودا مۇھىتى ۋە تىجارەت سورۇنى ئاز مەبلەغ بىلەن كىچىكرەك دۇكان ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئۈچۈن دۇكان ئورنى بەك مۇھىم ، دۇكان ئورنى ياخشى بولغاندىلا كىچىك دۇكان باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن رىقابەتتە تەڭ بولالىشى مۇمكىن ، دۇكان ئورنىنى شەھەرنىڭ ئاۋات ، قاتنىشى قولايلىق جايدىن تاللاش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى شەرتلەرگە مۇناسىپ كېلىش لازىم. 1 ) پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈش نىسبىتى ئادەتتىكى كۈنلەردە ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ھەم كەچ كىرگەندىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىشى كېرەك ) 2 ) قاتناش ۋاستىلىرى (يەنى : ماشىنا ، موتوسىكىلىت ، ۋېلىسىپىت قاتارلىقلار) نىڭ ئۆتىشى قولايلىق ھەم بىر قەدەر كۆپ بولغان بولىشى كېرەك . 3 ) يولنىڭ كەڭ - تارلىقى ، چوڭ – كىچىكلىكى ، تاق يۆنىلىشلىك يولمۇ ياكى قوش يۆنىلىشلىك يولمۇ دىگەندەك مەسىلىگە دېققەت قىلىش كېرەك . 4) ئەتراپنىڭ سودا ئەھۋالىغا ، رىقابەتچى دۇكاننىڭ ئەھۋالى ، ئۆز –ئارا مۇناسىۋىتى بار دۇكانلارنىڭ بار – يوقلىقى ، پۇل - مۇئامىلە ئاپىراتى ۋە ئوقۇ – ئوقۇتۇش سورۇنى ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قاتارلىقلارنىڭ بار – يوقلىقىغا قاراش كېرەك. 5 ) ئەتراپنىڭ نوپۇس ئەھۋالى ، ئىستىمال سەۋىيىسى ۋە ئىستىمال ئادىتىگە دېققەت قىلىش كېرەك . 6) ئەتراپنىڭ سودا مۇھىتى ، سودا دائىرىسى ، ئىجارە ھەققىي قاتارلىقلارنى ئويلىشىش كېرەك . 2. دۇكان ئىسمى ۋە دۇكان مۇھىتى توغرىسىدا دۇكان ئىسمى دۇكاننىڭ سودا خاراكتىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دۇكان ئىسمىنى ياخشى ئويلىشىپ قويۇش لازىم . ئۇنۋېرسال ماگزىن ، تېلېفونخانا ... دىگەندەك ئىسىملار قارىماققا شۇ دۇكاننىڭ خاراكتىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بىلەن خېرىدارنىڭ يادىدا قېلىشى تەس ياكى بولمىسا ئەتراپتىكى دۇكانلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى ۋە خاسلىقى يوق بولۇپ قالىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى شىركەتلەر مال يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئىسمىنى باشقا دۇكانغا ئوخشىتىپ قېلىپ ۋاقتىدا مال يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدىغان ياكى دۇكىنىڭىزنى تاپالمايدىغان ئەھۋاللار كېىلىپ چىقىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دۇكان ئىسمىنى چۇقۇم ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان سودىنىڭ خاراكتىرىغا ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگىچە ۋە ئاسان ئېسىدە قالىدىغان قىلىپ قويۇڭ . شۇنداق بولغاندا خېرىدارلىرىڭىزمۇ سىزنىڭ دۇكىنىڭىزنىڭ ئىسمىنى ئاسانلا ئېسىدە تۇتالايدۇ ھەم دائىم سىزدىن مال سېتىۋالىدىغان كەيپىيات شەكىللىنىدۇ . شۇنداق بولغاندىلا سىز ئاچقان دۇكاننىڭ سودىسى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ۋە تەرەققىياتىڭىزغىمۇ بەلگىلىك ئۈنىمى بولىدۇ .
سىز دۇكاننىڭ ئىككى خىل ئورۇنغا تاللاپ ئاچسىڭىز بولىدۇ : بىرىنچىسى : ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ئاۋات كوچا ئېغىزى .ئىككىنچىسى : بىر قەدەر كۆپرەك كىشى ئولتۇراقلاشقان رايون . ئالدىنقىسىدا چوڭراق دۇكاننى خوشنا قىلىپ ئېچىڭ ، دۇكىنىڭىزدىكىـ تاماقلارچوقۇم ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىشى ، خوشنىڭىز بولغان چوڭ دۇكاندا تېپىلمايدىغان بولىشى كېرەك . بۇنداق دۇكاننى ئاچقاندا بازارنىڭ ئىنچىكە نوقتىلىرىغا دېققەت قىلىشىڭىز ، چوڭ دۇكاندا يوق بولغان مەخسۇس تاماقلارنى چىقىرىشىڭىزكېرەك .ئاۋات يەردە ئېچىلغان دۇكان چۇقۇم ياشلارنى كۆپرەك ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان بولىشى كېرەك ، چۈنكى كۆپلىگەن ياشلار بازار ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئەكىسچە چوڭلار ۋە ياشانغانلار ياخشى كۆرىدىغان ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان ماللارنى كىرگۈزگەن دۇكان بىر قەدەر كۆپرەك كىشى ئولتۇراقلاشقان رايوندا بولغىنى بىر قەدەر مۇۋاپىق . چۈنكى بۇنداق رايون چوڭلار ۋە ياشانغانلارنىڭ پائالىيەت سورۇنى بولغاچقا ئاسانلا ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيسىز . بىر قەدەر كۆپرەك كىشى ئولتۇراقلاشقان رايوندا ئېچىلغان دۇكاننىڭ سودىسىنى شۇ ئەتراپتا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر قىلىپ بېرىدۇ . تۇرمۇشتا كۆپرەك ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بويۇملىرىنى ئاساس قىلغاندىن سىرت يەنە سودا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق خېرىدار توپلىغىلى بولىدۇ . ( يەكەن ئۇدۇم ئاشپەز تەربىيلەش مەركىزى تېلېفون: 13565394444)
|