ئەنبەھ (ماڭگو)نىڭ شىپالىق رولى
ئەنبەھ ( ماڭگو) تەركىبىدە ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ھەمدە فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار . ئەنبەھنىڭ ئاشقازانغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ، قەي قىلىشنى ۋە باش قېيىشنى توختىتىش رولى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمى تۈپەيلىدىن باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ .
ئەنبەھ خولېستېرىن، ترىگلتسېرىدنى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم ئەنبەھ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ. ئەنبەھنىڭ يۆتەلنى توختىتىش، راك كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش، ھۆجەيرىلەرنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش رولى بار. ئۇ قىزىل قان ھۆجەيرىلىرىدىكى قان قىزىل ئاقسىلنى تۆۋەنلىتىدۇ.
ئەنبەھنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرگەندە، ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىقىدىكى قەي قىلىشقا شىپا بولىدۇ. ئەنبەھ شىرنىسى ئاشقازان–ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ، چىرىندىلەرنىڭ بوغماق ئۈچەيدە تۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. شۇڭا، ئۇ بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ.
ئەنبەھ ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دېققەت قىلىش كېرەك: تويغۇچە تاماق يىگەندىن كېيىن ئەنبەھ يېمەسلىك كېرەك. ئەنبەھنى سامساق بىلەن بىرگە ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا سېرىقلىق كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەنبەھ تەركىبىدە شېكەر مىقدارى كۆپ بولغانلىقتىن، دېئابىت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. تېرە كېسەللىكىگە، جاھىل تەمرەتكە ياكى ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ئاز ئىستېمال قىلىشى لازىم. مەنبە : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى