بىر مەھەللىدە ناھايىتى چېقىمچى بىر ئايال باركەندە، بىرەر ئىشنى بىلىپلا قالسا، زادى تاقىتىۋەتمەيب قويمايدىكەن. بىر كۈنى بىر ياش يىگىت مەھەللە سىرتىدا ياخشى كۆرىدىغان قىزىنى چاقىرىپ پاراڭلىشىپلا « چوككىدە» سۆيىۋاپتۇ. بۇنى مەھەللىدىكى چېقىمچقى ئايال كۆرۈپ قاپتۇدە. يىگىت بۇ ئايالنىڭ مىجەزىنىمۇ بىلىدىكەن. يېلىنىشقا باشلاپتۇ:
- ۋاي ھەدە. بۇ ئىشنى ھېچكىمگە دىمىسىڭىز؟
_ ۋاييەي، ئۇكام، سىز بىلەن بىز ئۇرۇق تۇققاندەك ئادەملەر، ھېچكىمگە دىمەيمەن .
ھېلىقى يىگىت يانچۇقىدىن شارتتىدە قىلىپ 100 سوم پۇلنى چىقىرىپتۇ دە .
- مونۇ پۇلنى ئېلىڭ ھەدە، ھېچكىمگە دىمەڭ . دەپلا ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپتۇ.
ھېلىقى ئايالمۇ ھېچكىمگە دىمەپتۇ، بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ياش يىگىتنى ئىزلەپ كەپتۇ:
- ئۇكام، ھېلىقى كۈنى بەرگەن 100 سومغا يەنە قوشۇپ 100 سوم بېرەي. زادى دىۋەتمەي چىدىيالماۋاتىمەن . .
[ بۇ يازمائىدىقۇت1128تەرپىدىن2010-12-08 21:35دە قايت ]