illikdunya.biz abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 691
شۆھرىتى: 7355 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8445 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 753 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

                                        ئۇيغۇرلاردىكى پوتا باغلاش ئادىتى    

    ئۇيغۇر ئەرلىرى بېلىگە پوتا باغلاشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ھەمدە ئۇنى ئەرلەرگە خاس مەردانىلىك ۋە چەبدەسلىكنىڭ نىشانى، دەپ بىلىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ پوتىسى ھەر خىل رەڭدىكى يىپ ياكى يىپەك رەختلەردىن ئىشلىنىدۇ. ئۇزۇن – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ. تەخمىنەن ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن كۆپرەك، كەڭلىكى ئەللىك سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ياش يىگىتلەر كۆپرەك قىزىل، يېشىل ياكى گۈللۈك، ياشانغانلار قارا رەڭلىك رەختلەردىن پوتا باغلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. پوتا باغلاش ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تاشقى كىيىم ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا پەيدا بولغان. بىزگە مەلۇمكى، ئەرلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىمى ئاساسەن ئۇزۇن بولۇپ، تىزنى يېپىپ تۇرىدىغان ئالدى ئوچۇق تون شەكىللىك كۆڭلەك ياكى تون بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈگمە ياكى ئىزما قادىمايدۇ. شۇڭا بۇ كىيىمىنى بەلدىن پوتا بىلەن باغلىۋېلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل تون ياكى تونچە كۆڭلەكنىڭ يانچۇقى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، پوتا يەنە يانچۇق رولىنىمۇ ئوينايدۇ. ئۇيغۇر ئەرلىرى دائىم بېلىدىكى پوتىسىغا نان ياكى باشقا لازىمەتلىك نەرسىلەرنى تۈگۈۋالىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، ئۇيغۇرلار بەلنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەلگە سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ناھايىتى ئېھتىيات قىلىدۇ. پوتا باغلاش بەلنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى بولۇپ،  ئۇ بەلگە سوغۇق تېگىش ۋە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ. قورساق سېلىپ كېلەڭسىز سەمرىپ كېتىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يالغۇز ئۇزۇن كۆڭلەك ياكى تون كىيگەن كىشىلەرلا پوتا باغلاپ قالماستىن، كالتە چاپان ياكى خالتا كۆڭلەك كىيىدىغان ياشلارمۇ پوتا باغلايدۇ. ئومۇمەن، پوتا باغلاش ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادىتى ۋە ئېستېتىك تەلىپى بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەشرەپلىرىدە مەخسۇس «پوتا ئويۇنى» ئوينىلىدۇ.

مەنبە: ھازىرچە مەخپى
تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2010-11-25, 05:25

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

( archa )-يوللىغان بۇتىمىنى   دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-11-25 13:19 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 691
شۆھرىتى: 7355 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8445 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 753 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

   ھازىر تىكىۋاتقان تون - يەكتەكلەرگە تۈگمە قادايدىكەن، ھەم قويان يانچۇق ئېچىپ قويىدىكەن.  سەۋەبى پوتا - بەلۋاغ باغلايدىغان ئادىتىمىزنىڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىدا بولسا كېرەك.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-25 13:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئەلىف
دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 611
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 836
شۆھرىتى: 8555 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8550 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 865 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 334(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مىنڭمۇ يولدىشىم قىشلىقتا كىيىمىنىڭ ئىچىگە پوتا باغلىۋالىدۇ. پايدىسى ھەقىقەتەن كۆپكەن . بولۇپمۇ كۈندە بازاردا تىجارەت قىلىدىغانلاغا بەك ماس كىلىدىكەن، لىكىن ھازىر ئۇنداق پوتا باغلايدىغانلار يوق دىيەرلىك . مۇشۇنداق مىللى ئەنئەنىمىزنىڭ بارغانسىرى يوقىلىپ كېتىشىگە قاراپ ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بۇلاپ قالىتۇ، ھەي...............
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-25 13:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلىف ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 691
شۆھرىتى: 7355 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8445 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 753 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قېينىئانامنىڭ مەھەللىسىدە ھېيتاخۇن ئىسىملىك بىر ئادەم بار، ئۇ ئادەمنىڭ ئىشىك ئالدىغا بارساممۇ، كىيىنىشىگە قارىساممۇ  باشقىچە خۇش بولىمەن. چۈنكى ئۇ ئادەم داۋاملىقلا بېلىگە بەزىدە يىشىل تاۋار بەزىدە چاچىرەڭ تاۋاردىن پوتا باغلىۋالىدۇ، بېشىغىمۇ ھەم ئۇچىسىغىمۇ مىللىي پۇراق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىدۇ. قەشقەردە ياشانغان مويسىپىت (پىنسىيۇنېرلاردىن باشقا) كىشىلەرغۇ ئاشۇنداق يۈرۈيدۇ، ئەمما ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلارنىڭ ئارىسىدا ھېيتاخۇندەك ئۆزلۈكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلارنى كەمدىن - كەم ئۇچرىتىمىز. بىر كۈنى قىزىنىڭ تۇغۇتىنى يوقلىغان بولۇپ ئالايىتەن ئۆيىگە كىرىپ باقتىم، ئۆي ئىچىنىڭ سەرەمجانلاشتۇرۇلۇشى، ھويلا - ئارام مەدىنىيىتى، تازىلىق، ئەخلاق، بالا تەربىيىلەش، كىيىنىش، ھەتتا ئىشىك پەردىسى تارتىش  قاتارلىق نۇرغۇن ئادەتلەر خۇددى ئەجداتلىرىمىزنىڭ شۇ زاماندىكى ھالىتىنى ئەسلىتىدىكەن. ئاللا ئۇ كىشىگە تېخىمۇ ساپ ئەقىل ئاتا قىلغاي!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-25 14:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 900
شۆھرىتى: 9225 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9280 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 934 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 345(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىزنىڭ يۇرتتىمۇ بۇنداق ئادەتلەرنى كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ، يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىمىزگە سەپ سالغىنىمدا  يوقاتقانلىرىمىز، ئېرىشكەنلىرىمىزدىن كۆپمىكىن دەيمەن.  
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-25 15:19 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 2364
شۆھرىتى: 24635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36000 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2524 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 857(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن كىنولاردا  ،ھېيىت بايراملىق سەنەت كېچىلىكلىرىدە  باغلىغانلارنى كۆرگەن لىكىن ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدا بىرەرسىنىڭ باغلىغانلىقىنى كۈرۈپ باقماپ تىكەنمەن ،،تىلۋۇزۇرغا قارىسامغۇ ئەرلەرگە خېلە يارشىدىكەن بۇلمىسا
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-25 16:30 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2028
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كوپ رەھمەت تىمىڭىزغا...پوتا باغلاش جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپلەردە كوپكەن...باشقا تەرەپلەردە ئۇچراتقىلى بولمايدۇ جۇمۇ!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-26 21:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 2364
شۆھرىتى: 24635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 36000 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2524 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 857(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەنمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىن مەن كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن
udum
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-26 22:36 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2028
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن مارالبىشى ۋە قەشقەر تەرەپلەردە بەكلا كوپ ئۇچراتتىم.بەكمۇ يارىشىملىق بولىدىكەن...
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-26 22:37 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

مۇقام
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 687
شۆھرىتى: 7015 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 7210 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 722 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 300(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

پوتا باغلىغان كىشىلەر كۆزۈمگە ، قەددى -قامەتلىك، جەسۇر ، قەيسەر ، مەرىد كۆرۈنىدۇ.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-26 22:41 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇقام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا