daris sohpat بىلىمزار توربېكىتى
parhat
بەختلىك بولىمەن دىگەن ئادەم تېنىچ ياشايدۇ!
دەرىجىسى : مەڭگۈلۈك ئەزا


UID نۇمۇرى : 132
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 239
شۆھرىتى: 214748354 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483637 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388606 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەيدىز بار

ئالاھىدىن ئابدىرشىت
( ئوۋچى تور خاتىرىسى )

ۋابادەك يامرىدى بىزگە، بۇ دەم ھەرياندا ئەيدىز بار،

ۋەھىمە قاپلىدى دىلنى، تالاي ئىنساندا ئەيدىز بار،

تېنىڭگە ئاققىنى سەلدەك شۇ ئەيدىز،قاندا ئەيدىز بار،

پەرىشتە سايىسى يوق،بىزدىكى شەيتاندا ئەيدىز بار،

چىرىكلىك،روھى گۇمراھلىق بىلەن ۋىجداندا ئەيدىز بار.



پاھىشە،بەچچىۋازلارنى يىراق ئامېركىدا دەيتتۇق،

تېخى تۆت كۈن بۇرۇن ئەيدىز دېسە ئافرىقىدا دەيتتۇق،

يولاتما ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا ئاھ، خۇدا دەيتتۇق،

ھايا، ئىپپەت، نومۇستىن قىلمىغىن بىزنى ئادا دەيتتۇق،

بۈگۈن قەشقەر، ئۈرۈمچى، غۇلجا ھەم تۇرپاندا ئەيدىزبار.


خىروئىن كەلدى بىر چاغلار جاھاننىڭ چېتىدىن بىزگە،

نىدالار كەلسىمۇ تۇيغۇن يۈرەكلەر قېتىدىن بىزگە،

مەرەزلەر يۇقتى پاسىقلار تېنىدىن-ئېتىدىن بىزگە،

نېمە قالدى بۇ مىللەتنىڭ غۇرۇرى-بېتىدىن بىزگە؟!

بېشىڭغا ياغقىنى ئاپەت، قارا ئاسماندا ئەيدىز بار.


ساراي سالدۇق، يەنە ئىشرەتخانا ئاچتۇق پۇلۇم بار دەپ،

«ئەزىز مېھمان»نى كۈتتۇق قىز تېپىپ سىزگە گۈلۈم بار دەپ،

چاۋاك چالدۇق شاياتۇنلار ئاياغ باسسا قولۇم بار دەپ،

تاراتتۇق ئەلگە ئەيدىزنى مېنىڭ شۇنداق يولۇم باردەپ،

تۆرۈڭگە بولمىساڭ ئاگاھ«يېڭى مېھمان»دا ئەيدىز بار


قەدەمدە كاتتا ھور مۇنچا سېنى ساقلايدۇ ،

سېلىپ ئىندەكچىنى ئارىغا كۆڭۈل ياقلايدۇ ،

قىلىپ يالىڭاچ ئەمەس يەرنى قىرىپ ئاقلايدۇ ،

كېرەككە كەلمىسەڭ دورا بېرىپ باپلايدۇ ،

قاتار رەستە، كوچا، دوقمۇش، يەنە مەيداندا ئەيدىزبار.


قالارسەن بەلكى ھەيرەتتە كېلىپ قالساڭ شەھەرلەرگە،

خېنىملار ساتىراچ بولدى بېرىپ تۆشۈكنى ئەرلەرگە،

يەنە ھېلىقى تىجارەت بار قەدەم ئالساڭ بۇيەرلەرگە،

ھۇجۇم باشلانسا ھالىڭ يوق چۈمەرسەن قارا تەرلەرگە،

ئۆزۈڭنى دالدا قىلساڭمۇ ھامان پىنھاندا ئەيدىز بار.


گۇمان قوزغالسا ئەيدىزدىن ساڭا بىر يۇقتۇراي دەيمىز،

ئۇنىڭ دەردى-ئازابىنى ساڭا بىر ئۇقتۇراي دەيمىز،

ھاياتنى،بەخىتنى ئۇتتۇردۇم،جىىمىنى ئۇتتۇراي دەيمىز،

زەھەرنى ئاش قىلىپ تەڭلەپ كۈزۈڭدە يۇتتۇراي دەيمىز،

تونۇرغا ياقمىساڭ ئوتنى بازاردا ناندا ئەيدىز بار.


تاغاردىن ئاشنى كەمچەرلەپ ئەشۇ دېھقان سېتىپ كەلسە،

ۋەيا ئوتياشنى مىڭ تەستە كېتىپ ھالدىن سېتىپ كەلسە،

خوجايىنلار،خېنىملار ھەرتەرەپتىن تەڭ يېتىپ كەلسە،

دېمەمدۇق ئەمدى بىز توۋا، جىمى يولنى ئېتىپ كەلسە،


قېنى سەھرادىكى پاكلىق؟ نادان دېھقاندا ئەيدىز بار.

يۇشۇرساڭ بۇ ۋابانى سەن ھالاكەتتىن قاچالمايسەن،

ئۆمۈرلۈك داغ، پۇشايماندىن-نادامەتتىن قاچالمايسەن،

قەدەمدە ئۇچرىغان پاھىشە-ئاپەتتىن قاچالمايسەن،

بۇ دۇنيا ساڭا زۇلمەتتۇر، قاباھەتتىن قاچالمايسەن،

پەخەس بول،كۈتمە پەرماننى،سەۋەپ پەرماندا ئەيدىز بار!!!

تېما تەستىقلىغۇچى : ئاشپەز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2010-11-19, 18:28
mukapat
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-11-20 02:14 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( parhat ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
گۈلقەنىت

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 1103
شۆھرىتى: 11485 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 11540 دوللار
تۆھپە: 113 ھەسسە
ياخشى باھا: 1174 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 335(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راس ئېيتىدۇ جەمىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى ،ئادەمگە ئىشەنگىلى بۇلمايدۇ ھازىر
ھەممىدىن مۇيىمى شۇ ئۈزىنى پاك تۇتۇش  ،بىردەملىك ھىسىياتنىڭ كەينىگە كىرىپ بىرئۆمۈر پۇشايمان قىلدىغان ئىشنى قىلماسلىق
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-20 05:46 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

pul pul awatsigiz andin bolidu~!
Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 810
شۆھرىتى: 8245 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 17308 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 821 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 114(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

تەپسىلى ئوقۇغۇدەك تىمىكەن.
ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاللاھ نى  ئەسلەش مۇھىم.
hantagri
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-20 11:20 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
ئۇيغۇرئاي

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1335
شۆھرىتى: 13510 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 14559 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 1421 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كوپ رەھمەت...نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق ھە بۇ كىسەل...ئاللا ھەر بەندىسىنى بۇ نىجىس كىسەلدىن يىراق قىلسۇن!
xjkaxtexi
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-20 22:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

pul pul awatsigiz andin bolidu~!
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 54
يازما سانى : 1215
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 874(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كوپ رەھمەت...نىمىدىگەن قورقۇنۇچلۇق ھە بۇ كىسەل...ئاللا ھەر بەندىسىنى بۇ نىجىس كىسەلدىن يىراق قىلسۇن!
بىز كېسەلدىن يىراق تۇرايلى !!!!!!!!!   
xjliniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-20 22:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

pul pul awatsigiz andin bolidu~!
شەركان
دەرىجىسى : مەڭگۈلۈك ئەزا


UID نۇمۇرى : 5
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 734
شۆھرىتى: 8255 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 714915 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 77 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 353(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سەمەتجان جىنىم ئاداش   تىز  تلفۇن قىلىڭلار  جىدىي  ئىش  بار

سەمەتجانى  جىدىىي ئىزدەيمەن  
كۆپچلىك ياردەم قىلىپ دەپ قويساڭلار   مەن شەركان  ماڭا دەرھال تىلفۇن قىلسۇن   چوقۇم    بەك  جىددىي


سەمەتجان  سىزنەدە   تىز تىلفۇن قىلىڭ!   مەن شەركان       
mukapat
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-11-22 14:13 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەركان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » شېئىرىيەت گۈلزارى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا