كۆڭۈللەرنىڭ سەمىمىي ئىزھارىدۇر ئەسسالام،
دىدارلاشقا چىراينىڭ شادلىقىدۇر ئەسسالام.
غەمكىن چىراي ئېچىلار بۇ سۆز بەرگەن مىھرىدىن،
مىسكىنلەرنىڭ مەنىۋى شىپاسىدۇر ئەسسالام.
"ئەسسالام" دەپ كىرگەيسىز ئەدەپ بىلەن ئىشىكتىن،
سالاملىشىش سۆزىنىڭ ياخشىسىدۇر ئەسسالام.
"ئەسسالام"دەپ كىرگەيسىز جامائەت بار سورۇنغا،
ئەدەپ-ھۆرمەت تەختىنىڭ تاجىسىدۇر ئەسسالام.
چىقسا جاۋب سالامغا جامائەتلەر توپىدىن،
سالام سىھھەت، سائادەت تىلىكىدۇر ئەسسالام.
چېنىپ قالماس ئېيتسڭىز توي-تۆكۈن ۋە ھازىدا،
ئۆزگەرمەس چىن ھەقىقەت جۇلاسىدۇرئەسسالام.
سالام بېرىڭ بىركىمگە يول ئۈستىدە خۇش چىراي،
مۇسۇلماننىڭ ئىناقلىق رېشتىسىدۇر ئەسسالام.
پەزىلتى ئاشىدۇ ئەسسالام دەپ كەلگەننىڭ،
ئىناقلىق ۋە بىرلىكىنىڭ ئۇلچىسىدۇر ئەسسالام.
تەكەببۇرلار غادىيىپ بىزار قىلار ھەممىنى،
ياتلشىىشنىڭ لەنەتلىك قامچىسىدۇر ئەسسالام.
سالاملىشىپ چىرايلىق ئۆتىشىدۇ ئەر-ئايال،
ئەدەپ-ھايا،مۇھەببەت مىۋىسىدۇر ئەسسالام.
كەمتەرلىك ۋە ۋىجداننىڭ ساداسىدۇر ئەسسالام،
ھەق مۇسۇلمان ئىنساننىڭ نىداسىدۇر ئەسسالام.
