1 .ئاڭلاپ «ئاشپەز»داڭقىنى ،
       كىردىم بۈگۈن مۇنبەرگە .
        قارشى ئالار  ئەزا  يوق  ،
       قېچىپ كەتتى نەلەرگە ؟

   2.ھەقىقەتەن داڭلاشقا ،
      لاياقىتى بار ئىكەن.
      سەرخىل يىگىت ،سەرخىل قىز،
     ھازىر جاۋاپ «ساز»ئىكەن.

   3.داڭلىق ئاشپەز ،ئېسىل «ئاش»
       تەييار ئىكەن بۇ يەردە .
       غەم قىلىشمۇ نەھاجەت ؟
      قوساق ئاشسا ئەگەردە .

    4.ئەلمىساقتىن «ئاشپەز»دىن،
      قانداق شائىر چىققان بار ؟
     «موللا زەيدىن»،«سەلەي»نىڭ ،
      ھەم ئىزىنى باسقان بار ؟

    5.قايىل بولغاچ «ئاشپەز»گە ،
       خوشاللىققا چۆمدۈممەن .
      شۇ خوشاللىق تۈرتكىسىدە ،
     چاخچاق باشلاپ قويدۇممەن.

   6.بۇ پەقەتلا بىر چاخچاق ،
      كۆڭلۈڭلەرگە كەلمىسۇن.
     مۇنبىرىمىزدە خوشاللىق ،
     تائەبەدكە ئۆچمىسۇن .

     بىرەيلەننىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن بۈگۈن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىردىم ھەم  چاخچاق بىلەن سالام يوللىغۇم كەلدى . بۇ پەقەتلا چاخچاق .دوسلارنىڭ  توغرا چۈشىنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.ھەم بۇ چاخچاقنى داۋاملاشتۇرساق قانداق؟