قۇربان ھېيت توغىرىسىدا 
 
    قۇربان ھېيت دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىدىن بىرى ، روزى ھېيتتىن كىيىن دەل 70 - كۈن قۇربان ھېيت نامىزى ئوقىلىدىغان كۈن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . دىيارىمىزدا ھېيت نامازلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ۋاقىت پەرقى سەۋەبىدىن بىر كۈن كىيىن ئوقىلىدۇ . 
    دىيارىمىزدا ، ئۇيغۇر ، قازاق ، ئۆزبىك ، تاتار ، تاجىك ، خۇيزۇ ، قىرغىز ، دۇڭشياڭ ، سالا ، باۋئەن قاتارلىق بىر قانچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتلەر بۇ ئىسىل بايرامنى ئۆتكۈزىدۇ . 
      بىزنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىمىزدىن روزا ھېيت ھىجىرىيە شەۋۋەل ( 10 - ئاي ) نىڭ 1- كۈنى ، قۇربان ھېيت زۇلھەججەر ( 12- ئاي ) نىڭ 10- كۈنى قىلىپ بەلگىلەنگەن . ھىجىرىيە يىلى مىلادىيە يىلىدىن 21 سائەت كەم بولغاچقا بىزدەك مىلادىيە يىلنامىسىنى قوللىنىدىغانلاردا بۇ ئىككى ھېيت ۋاقتى ھەر يىلى 10-11 كۈن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ  . روزا ھېيت ، قۇربان ھېيىت ھەر 2.8 يىلدا بىر ئاي ، ھەر 32.6 يىلدا بىر يىل ئالدىغا سۈرۈلۈپ دەۋىرلىك ئايلىنىدۇ . 
    قۇربان ھېيت بايرىمى ھىجرىيىنىڭ 1- يىلى يولغا قويۇلغان بىر بايرام بولۇپ ، ھەر يىلى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-13 - كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ھەر يىلى بىر قېتىم قۇتلىنىدىغان بايرامدۇر . بۇ ھەقتە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنداق : 
    «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ، مەدىنىلىكلەرنىڭ ئىككى بايرىمى بارلىقىنى بايقىدى . (ئۇ ۋاختىدا يەسرىب دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەدىنىگە كەلگەندىن كىيىن «مەدىنە» دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ) مەدىنىلىكلەر بۇ بايراملاردا ئويناپ كۈلۈپ كۆڭۈل ئاچاتتى . بۇنى كۆرگەن پەيغەمبىرىمىز : «ئاللاھ تەئەلا سىلەرگە سىلەر تەبرىكلەۋاتقان بۇ ئىككى بايرامنىڭ ئورنىغا بۇ ئىككىسىدىن ياخشىراق ئىككى بايرامنى - روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرىنى - ھەدىيە قىلدى» دىگەن . (قاراڭ، ئەبۇ داۋۇد، سالات، 239؛ نەسەئىي، ئىيدەين، 1؛ مۇسنەدى ئەھمەد، 3، 103 ۋە 178 - چى ھەدىسلەر). 
 
    بۇ يىل ھىجرىيىنىڭ  1431- يىلى بولغانلىقىغا قارىغاندا بۇ يىل كېلىدىغان قۇربان ھېيت بايرىمىنىڭ   1431 - چى قۇربان ھېيت بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدۇ . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مەدىنىگە رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىنىڭ باشلىرىدا كەلگەن بولۇپ ، رامىزان بايرىمى ھىجىرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 10- ئاينىڭ 1- 2 سىدە ، قۇربان ھېيت بولسا 11 - ئاينىڭ 10-13 - كۈنلىرى قۇتلىنىدۇ... 
‹ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن ئىلىندى › 
    ھېيت نامىزى قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنجى كۈنى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەنددىن باشلاپ كۈن قايرىلغىچە ، قۇربان ھېيت نامىزى دەپ نىيەت قىلىنىپ ئىككى رەككەت ئوقىلىدۇ . 
    نامازدىن يېنىپ قۇربانلىق قىلىنىدۇ ، قۇربانلىق مال ، تۆگە ، كالا ، قوي ، ئۆچكە قاتارلىقلارنىڭ قۇربى يېتىدىغىنىچە بولسا بولىدۇ . 
    قۇربانلىققا تاييارلانغان جانىۋار چوقۇم ساغلام ۋە ھالال بولىشى كېرەك ، ئاجىز ، ئورۇق ، مېيىپ ، بوغاز ماللار قۇربانلىققا يارىمايدۇ . 
    دىيارىمىزدا قۇربان ھېيت ئۆز ئۆرۈپ - ئادەتلىرىمىزگە يارىشا ئۆتكۈزىلىدۇ . 
    ئائىلىلەردە ساڭزا سېلىنىپ ، ھېيت پەتىچىلىرى ئۈچۈن دەستۇرخان ھازىرلىنىدۇ ، مىللىي كارخانىلىرىمىزدىن ئارمان ، ئىخلاسلارنىڭ ساپ مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلىرى ھېيتلىق دەستۇرخىنىمىزنى موللاشتۈرۈپ ، كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ . 
    پەتىلەش ھېيتلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى ، ئادەتتە تۇپراق بېشىدىن يانغاندىن كىيىن ، پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلارنىڭ يېنىغا بارىدۇ ، يېقىن تۇققانلار ئۆز - ئارا پەتىلىشىدۇ ،  ئاداۋەتلىشىپ قالغانلار چاي سۇنۇشۇپ يارىشىدۇ . 
    بەزى جايلاردا ھېيتلىق مەيدان پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ . بارلىق ھېيت ئەھلى قاينام تاشقىنلىققا چۈمىشىدۇ . 
ھەتتا يېڭى كىيىم كىيىشىپ ، چوڭلاردىن ھېيتلىق پۇللارغا ئېرىشكەن بالىلارمۇ خوشاللىقتا قېيغېتىشىپ ئوينىشىدۇ ، 
مانا بۇ يىلمۇ ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ئاسايىشلىق ، بەرىكەتلىك يەنە بىر قوربان ھېيتقا ئۇلاشتۇق ، ئاللاھقا مىڭ قەترە شۈكرى . 
    بۇنداق خاسىيەتلىك ۋاقىتلاردا ئەتىراپىمىزغا قارايلى ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىدىن ھالسىراۋاتقانلار بارمۇ 
- يوق ؟ يۆلەنچۈكسىز بويۇن قىسىۋاتقانلار بارمۇ - يوق ؟ 
    بىز ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن مولچىلىققا تولغان بايرامنى كۆتىۋېلىشقا تەييارلانغاندا ، جۆرىسىدىن ئايرىلغان ئاجىز ئاياللار ، ئاتا - ئانىسىدىن مەزگىلسىز يىتىم قالغان نارسىدىلەر ، قارانچۇقسىز ياشانغانلار ...... ئۇلار نىمە قىلىۋاتىدۇ ؟ قازناقلىرىدا ئۈچ قۇر ساڭزىغا چىقىنغۇدەك لازىمەتلىكلىرى بارمىدۇ ؟ قولىنىڭ قىسقىلىغىدىن بىرەر قۇر يېڭى ئىگىنگە ئېرىشتۈرەلمىگەن باللىرىغا قاراپ ئۇھسىنىپ قالارمۇ ؟ تەڭتۈشلىرى يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ چىقسا شۇ نارسىدىلەرنىڭ بوينى قىسىلارمۇ ؟ 
    ئىسلام نۇرى دىلىمىزدا ھەقىقى نۇرلانسۇن ، ئىنسانلىقىمىز ، مەرتلىكىمىز ئەتىراپىمىزدىكى ھەر - بىر ئاجىزنى بىز بىلەن بىللە شاتلاندۇرسۇن ، قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىپ ، ئۇلۇغ قۇربان ھېيتنى ھەقىقى مەنىدە ئۆتكۈزەيلى ! 
بىزنىڭ كىچىكىنە ياردىمىمىز بەلكىم ئۇلار ئۈچۈن ئالامچە خوشاللىق بېغىشلىشى مۇمكىن ،
[ بۇ يازماشەخلاتەرپىدىن2010-11-15 08:57دە قايتا تەھر ]