
قىزىل قىلىپ پۇشۇرۇلغان قوي ئالدى پۇتى
ماتىرياللا
قۇينىڭ ئالدى پۇت گۈشى ،كەرەپشە<ياڭيو>، دىن 2دانە ، سەۋزىدىن بىر دانە ،قۇرتۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تېرىسى <腐竹>،دىن 400گىرام ،
قۇرۇتۇلغان ئاچچىق قىزىل مۇش مۇۋاپىق مىقتاردا ،زەنجىۋىل ،ئۇششاق غۇلپىياز ،سامساق
دۇرا - دەرمەكلەر :شاكال بەدىيان، قاقمۇچ ،تەم كۈرگىزگۈچى يۇپۇرماق ،
تەييارلاش ئۇسۇلى : ئاۋال قوينىڭ ئالدى پۇت گۈشىنى پۇشۇرىۋالىمىز

سەۋزە كەرەپشىنى چوڭ چاقماق قەن شەكىلىدە توغرىۋالىمىز

ئاندىن قازانغا مۇۋاپىق مىقتاردا ماي قۇيۇپ ،زەنجىۋىل سامساق ئاچچىق كىچىك قىزىلمۇش ۋە ئۇششاق غوپىيازلارنى بىرلا ۋاقىتتا قازانغا سېلىپ داغلىۋالىمىز
ئاندىن كىيىن پۇشۇرۋالغان ئالدى پۇتنى مۇۋاپىق چوڭلڭقتا توغرىۋېلىپ قازانغا سېلىپ قۇرۇيمىز ئىككى مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ،تۇز،قاقمۇچ،شاكال بەدىيان ،ۋە تەمكىرگۈزگۈچ يۇپۇرماقلارنى سېلىپ بىرمىنۇتچە قۇرۇيمىز

ئاندىن گۆشنىڭ شۇرپىسىنى قۇيۇپ قازان قاينىغاندىن كىيىن ئوتنى كىچىكلىتىپ 20مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىۋالىمىز ،دىققەت قازاننىڭ ئاغىزىنى يېپىپ تۇرۇپ دۈملەيمىز گۆش يۇمشاق پىشقىچە دۈملىسەك بۇلىدۇ
ئاندىن يانا بىر قازاندا سەۋزە بىلەن كەرەشمىنى ئازمىقتاردىكى ياغدا قۇرىۋلىمىز
قۇرۇلغان سەۋزە بىلەن كەرەشمىنى دۈملەنگەن قۇي گۈشىنىڭ ئۈستىگە سېلىپ يانا كۈچلۈك ئوت بىلەن قاينىتىشقا باشلايمىز
ئاندىن يۇمشۇتۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسنىڭ قۇرتۇلغان تېرىسىنى قازانغا سېلىپ بىللەقاينىتىمىز
ئاندىن جاڭيۇ ،شېكە تېتىتقۇ سېلىپ ئۇچاقنى نورمال ئوتقا ئۆزگەرتىپ قىزىل رەڭگە كەلگىچە قاينىتىمىز

ئالاھىدە رەڭگى چىقىپ شورپىللىرى سىڭىشىپ بۇلغاندىن كىيىن چىرايلىق قاچىغا ئۇسۇپ يۇمشاق پىشقان گىردە بىلەن ئۆيدىكىلەر بىلەن قىززىق چاينى دملەپ قۇيۇپ ئىستىمال قىلدىغان بۇلسڭىز چىرايىڭىز بىرئايلىق ياشىرىپ كىتىدۇ
گۈل قەنىت
بۇقورىمىلاردىن رازى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇڭ!!!!!!!!