hantagri illikdunya.biz sohpat
گۈلقەنىت
كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۈڭۈل ھەرجايغا باشلايدۇ ..

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 737
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2345
شۆھرىتى: 24215 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 35580 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2478 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 846(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەزىز ئاشپەزلەر ئارخىۋى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-10-27)

(ھېكايە)

توختى مەھمۇد ئەلائى تەرجىمىسى


    شەھەر باشلىقى ئوچۇق دېرىزە ئالدىدا تۇراتتى. ئۇچىسىدا كۆڭلىكىلا بولۇپ، ياقىسىغا چىرايلىق گالىستۇك قىسقۇچ قاداقلىق ئىدى. ساقال- بۇرۇتلىرى پاك- پاكىزە قىرىلغان- ئۆز قولى بىلەن قىرغان ئىدى. شۇنداق، كىچىككىنە يېرىگە تىغ تەگكۈزۈۋالغان، ئەمما كىچىككىنە قەغەز پارچىسى بىلەن چاپلىۋالغان ئىدى.
-ماڭا قارا، شۇمتەك!-دەپ ۋارقىرىدى شەھەر باشلىقى.
بۇ شۇمتەك باشقا بىرى ئەمەس، ھېلىقى نامرات كىرچى ئايالنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بۇ بالا شەپكىسىنى ھۆرمەت- ئېھتىرام بىلەن قولىغا ئېلىپ سالام بەردى. شەپكىنىڭ ئوتتۇرىسى يىرتىق ئىدى. چۈنكى، بۇ شەپكىنى دائىم پۇرلاپلا يانچۇقىغا سېلىۋالاتتى. ئۇچىسىغا ئاددىي، ياماق چۈشكەن بولسىمۇ پاكىزە ۋە رەتلىك كىيىم كىيگەن، پۇتىغا قېلىن ياغاچ كەش سېپىۋالغان بۇ بالا ئەيمەنگىنىدىن خۇددى پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرغاندەك تۈگۈلۈپ تۇراتتى.
-سەن دېگەن ياخشى بالا،-دېدى شەھەر باشلىقى ئەپەندى،- ئەدەپلىك بالىسەن. ئاناڭ شۇ تاپتا دەريا بويىدا كىر يۇيىۋاتىدىغۇ دەيمەن؟ يانچۇقۇڭغا سېلىۋالغان نەرسىنى چوقۇم ئاناڭغا بەرمەكچىغۇ سەن؟ ئاناڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئوبدان ئىش ئەمەس بۇ. قانچىلىك ئېلىۋالدىڭ؟
-ئىككى سەر،- دېدى بالا ئەندىشىلىك ئاۋازدا دۇدۇقلاپ.
-بۈگۈن ئەتىگەن ئىككى سەر قېقىۋالغانتى،- دېدى شەھەر باشلىقى گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ.
-ياق،- دېدى بالا جاۋاب بېرىپ،- ئۇ دېگەن تۈنۈگۈنكى ئىش.
-ئىككى سەردىن ئىككىسى ساق يېرىم جىڭ دېگەن گەپ. تازىمۇ بولۇمسىز خوتۇن- دە ئۇ! سىلەرنىڭ خىلىڭلار ئۈچۈنمۇ نومۇس! ئاناڭغا ئېيتقىن، نومۇس قىلسۇن. ئۆزۈڭمۇ پەخەس بول، ھاراقكەش بولۇپ قالما- ئەمما ھاراقكەش بولۇپ چىقماي قالمايسەن! ۋاي بىچارە بالا، يولۇڭغا ماڭغىن!
بالا يولىغا ماڭدى، شەپكىسى ھېلىمۇ قولىدا ئىدى، ئالتۇندەك سېرىق بۈدرە چاچلىرى شامالدا تىك بولۇپ كەتكەن ئىدى. بالا بىر كوچىنىڭ دوقمۇشىدىن ئەگىپ دەريا بويىغا بارىدىغان تار كوچىغا بۇرۇلدى. ئانىسى دەريادىكى كىر يۇيىدىغان ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، بىر پاتمان يوتقان كىرلىكىنى توقماقلاۋاتاتتى. تۈگمەننىڭ قاپقىسى ئېچىۋېتىلگەن بولغاچقا، يېنىدىن گۈلدۈرلەپ ئېقىپ ئۆتىۋاتقان سۇ بۇ كىرلىكلەرنى خۇددى كىر يۇيىدىغان ئورۇندۇقنى ئۆرىۋەتكىدەك كۈچ بىلەن چايقاپ ماڭاتتى، كىرچى ئايال بار كۈچى بىلەن ياغاچ ئورۇندۇقنى بېسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى.
-مەنمۇ ئېقىپ كەتكىلى تاس قالدىم،- دېدى ئانىسى،- تازا ۋاقتىدا كەلدىڭ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ كېرەك بولۇپ تۇراتتى. سۇ ئەجەپمۇ سوغۇق ئىكەن، مۇشۇ سوغۇق سۇدا تۇرغىنىمغا ئالتە سائەتتىن ئاشتى. ماڭا بىرەر نەرسە ئالغاچ كەلدىڭمۇ؟
بالا يانچۇقىدىن بىر بوتۇلكا ھاراق ئالدى، ئانىسى بوتۇلكىنى ئاغزىغا ئاپىرىپ ئازراق ئىچىپ قويدى.
-ۋاھ، مېنى قۇتقۇزدىغۇ بۇ!- دېدى ئانىسى،- ئوبدانلا ئىسسىپ قالدىم! بىر ۋاق ئىسسىق تاماقنىڭ ئۆزىدە، باھاسىمۇ قىممەت ئەمەس! سەنمۇ ئازراق ئىچىۋال، جېنىم بالام! چىرايىڭدا قان دىدارى قالماپتۇ! ئۇچاڭدىكى مۇشۇ يېلىڭ ئىگىنىڭ بىلەن توڭلاپ قالىسەن. ھازىر دېگەن كۈز ۋاقتى ئەمەسمۇ. يا ئاللا، سۇ نېمە دېگەن سوغۇق! ئاغرىپ قالمىسامكەن دەيمەن. ياق، ئاغرىپ قالمايمەن! يەنە بىر ئوتلام ئىچكۈزۈپ قوي، سەنمۇ ئازراق ئىچىۋال، ئازراقلا ئىچكىن، ھاراققا ئۆگىنىپ قالساڭ بولمايدۇ، بىچارە بالام، تاتلىق بالام!
ئانىسى شۇنىڭ بىلەن سۇدىن چىقىپ، بالىسى تۇرغان كۆۋرۈككە ئېسىلىپ چىقتى. پالاڭ پەرتۇقىدىن، كىيىم- كېچەكلىرىدىن توختىماي سۇ تۆكۈلۈپ تۇراتتى.
-جاپادىن قورقمايمەن، جان تىكىپ ئىشلەيمەن،- دەيتتى ئۇ،- بالام، ھالال ئەمگىكىم بىلەن سېنى بېقىپ قاتارغا قوشالايدىغانلا ئىش بولسا، ھەر قانچە جاپا تارتساممۇ مەيلى.
شۇ ئەسنادا يېشى ئۆزىدىن چوڭراق بىر ئايال چىقىپ كەلدى. ئوزايىدىن خېلىلا نامرات ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالنىڭ بىر پۇتى ئاقساق ئىدى، سۈنئىي چېچى ساڭگىلاپ چۈشكەن بىر كۆزىمۇ ئەما ئىدى. بۇ سۈنئىي چېچىنىڭ رولى ئەسلىدە شۇ كۆزىنى يېپىشتىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەكسىچە بۇ ئەيىپىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ قويغان ئىدى. قوشنىلىرى «يالغان چاچلىق توكۇر مارېن(Maren)» دەپ ئاتايدىغان بۇ ئايال كىرچى ئايالنىڭ دوستى ئىدى.
-پاھ، ۋاي بايقۇشۇم! سۇ ئىچىدە ھېرىپ ئۆلەي دېگىنىڭنى قارىمامدىغان، جان لازىم ئەمەسمۇ ساڭا!-دېدى ئۇ ئايال،- بىرەر نەرسە ئىچىپ ئىسسىنىۋالساڭ بولغىدەك. شۇغىنىسى بەدنىيەتلەر نەچچە تېمىم ئىچكىنىڭنى كۆرۈپ قالسىلا ئالا تاغىل قاقىلدىشىپ كېتىدۇ- دە!
شەھەر باشلىقىنىڭ دېگەن گېپى نەچچە مىنۇت ئۆتە- ئۆتمەيلا كىرچى ئايالنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. چۈنكى، مارېن شەھەر باشلىقىنىڭ گەپلىرىنى قويماي ئاڭلىۋالغان ۋە ئىنتايىن خاپا بولغان ئىدى، دېمىسىمۇ بىر ئانىنىڭ بىر قانچە تېمىم ھاراق ئىچكىنىنى خۇددى ئالاھىدە بىر ئىشتەك شۇ ئانىنىڭ ئۆز ئوغلىغا ئېيتىپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان. بىراق، تېخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈرگىنى شۇكى، شەھەر باشلىقى شۇ كۈنى كاتتا زىياپەت بەرمەكچى، زىياپەت ئەھلى شۇ زىياپەتتە كۈچلۈك ياخشى ھاراقلارنى بوتۇلكا- بوتۇلكىلاپ ئىچكۈسى.
-نۇرغۇن خەق غەرق مەست بولۇپ كېتىدۇيۇ، بۇنى ھاراق ئىچتى دېيىشمەيدۇ. ئۇلار ياراملىق كىشىلەرمىش، سەن بولساڭ بولۇمسىزمىشلەر!- دېدى مارېن ئاچچىق قىلىپ.
-ۋاي بالام، ئۇ ساڭا شۇنداق گەپنى قىلدىمۇ؟- دېدى كىرچى ئايال لەۋلىرى تىترىگىنىچە،- قارىغىنە، سېنىڭ ئاناڭ بولۇمسىز خوتۇنمىش! ھە، ئۇنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇقمۇ بولغاندۇ، ئەمما ئۆز ئوغلۇمغا دېمىسە بولاتتى- دە، يەنە كېلىپ شۇنىڭ ئۆيىدە يەتكىچە جاپا چەكتىمغۇ.
-شەھەر باشلىقىنىڭ ئاتا- ئانىسى تېخى ھايات چاغدىن باشلاپلا شۇنىڭ ئۆيىگە خىزمەتكار بولۇپ كىرگەن ھەمدە شۇنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ئىدىڭ. شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ، شۇ چاغدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ كىشىلەرنىڭ يېۋەتكەن تۇزلىرىنىڭ سانى يوق، ھازىر ئۇسساپمۇ قالغاندۇ،- مارېن كۈلىۋەتتى،- شەھەر باشلىقى بۈگۈن كاتتا زىياپەت بەرمەكچى. ئەسلىدە مېھمانلىرىنى باشقا ۋاقىتتا كېلىشكە تەكلىپ قىلماقچى ئىكەن، ئەمما تائاملار تەييارلىنىپ بولغاچقا ئەپلەشمەپتۇ. بۇ ئىشنى ماڭا ئىشىك باقار ئېيتىپ بەردى. شەھەر باشلىقى باياتىن بىر پارچە خەت ئالغان ئىكەن، خەتتە ئېيتىلىشىچە ئىنىسى كوپېنھاگېندا ئۆلۈپ قاپتۇ.
-ئۆلۈپتۇ؟- سورىدى چىرايى ئۆلۈكتەك تاتىرىپ كەتكەن كىرچى ئايال.
-ھەئە، ئۆلۈپتۇ،- دېدى مارېن،- كۆڭلۈڭ بەك يېرىم بولىۋاتامدۇ؟ شۇنداق، سەن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خىزمەتكار بولغان، شۇڭا ئۇنى نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىلا تونۇيسەن.
-ئۆلۈپ قاپتۇما؟ ئەجەپمۇ ئاقكۆڭۈل كىشى ئىدى ئۇ! ئۇنىڭدەك ئادەم ئاز تېپىلىدۇ.- كىرچى ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكۈلگەن ياش مەڭزىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشتى.- ئىلاھىمەي! ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسە پىقىراپ كېتىۋاتىدىغۇ- ھاراقنىڭ ھەممىسىنى ئىچىۋەتكەنلىكىمدىن شۇنداق بولىۋاتقان گەپ، مەن راستلا ئۇنچىلىك ھاراق كۆتۈرەلمەيتتىم. مىجەزىم يوق تۇرىدۇ!- كىرچى ئايال يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ياغاچ شادىغا يۆلىنىۋالدى.
-ئىلاھىمەي، راستلا ئاغرىپ قاپسەنغۇ!- دېدى مارېن،- كېرەك يوق، پاتلا يېشىلىسەن. ياق! راستلا ئاغرىپ قاپسەن! ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي.
-بىراق، بۇ كىرلەرنى ...
-ماڭا قويغىن، ماڭا تايىنىۋال. بالاڭ قېپ قېلىپ بۇ نەرسىلەرگە قاراپ تۇرسۇن. مەن بىر دەمدىلا يېنىپ كېلىپ يۇيىۋېتىمەن، جىقمۇ كىر- قات ئەمەسكەن.
بىچارە كىرچى ئايالنىڭ پۇتلىرى دىرىلدەپ تىترەيتتى.- سوغۇق سۇدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتتىم،- دېدى ئۇ زەئىپ ئاۋازدا،- ئەتىگەندىن باشلاپ ھېچنېمە يېمەپتىمەن ھەم ئىچمەپتىمەن. پۈتۈن ئەزايىم قىزىپ كېتىۋاتىدۇ. ئاھ، مېھىر- شەپقەتلىك پەرۋەردىگارىم! مەدەتكار بولغايسەن، ئۆيۈمگە بېرىۋالاي! ۋاي بىچارە بالام!- كىرچى ئايال يىغلىۋەتتى، بالىسىمۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالا دەريا بويىدا ئۆزى يالغۇز ئاشۇ بىر دۆۋە ھۆل كىيىملەرگە قاراپ ئولتۇردى. ئۇ ئىككى ئايال ناھايىتى ئاستا مېڭىپ كېتىۋاتاتتى. كىرچى ئايال ھارغىن پۇتلىرىنى سۆرەپ، دەلدەڭشىگىنىچە تار كوچىدىن ئۆتۈپ، بىر دوقمۇشتا قايرىلىپ، شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيى تۇرۇشلۇق كوچىغا يېتىپ كەلدى. شەھەر باشلىقىنىڭ مەھكىمىسى ئالدىغا كېلىپلا پىيادىلەر يولىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشى ئولاشتى، ئاقساق مارېن ياردەمگە ئادەم چاقىرىش ئۈچۈن مەھكىمىگە كىرىپ كەتتى. شەھەر باشلىقى ۋە مېھمانلىرى دېرىزە ئالدىغا كېلىپ قاراپ باقتى.
-ھېلىقى كىرچى ئايال ئىكەنغۇ،- دېدى شەھەر باشلىقى،- ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىۋېلىپ، مەست بولۇپ قاپتۇ! بولۇمسىز ئايال ئۇ. ۋاي ئىست، شۇنداق ئوماق بىر ئوغلى بار، مەن ئۇ بالىغا ھەقىقەتەنمۇ ئامراق ئىدىم، ئانىسى بولسا بىر بولۇمسىز خوتۇن.
كىرچى ئايال ئۇزاق ئۆتمەي ئېسىگە كەلدى. كىشىلەر ئۇنى ئاددىيغىنە ئۆيىگە يۆلەشتۈرۈپ ئەكىرىپ، كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويدى. ئاقكۆڭۈل مارېن ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر ئىستاكان پىۋە قىزىتىپ، ئىچىگە ئازراق سېرىق ماي ۋە شېكەر سالدى- ئۇ شۇ تاپتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق دورىنى ئويلاپ تاپالمىغانىدى. ئاندىن پالاقشىغىنىچە دەريا بويىغا بېرىپ، كىر- قاتلارنى يۇيىۋەتتى- نىيىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما تازىمۇ بىپەرۋالىق بىلەن يۇيدى. راستىنى ئېيتقاندا، ھۆل كىيىملەرنى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ، سېۋەتكە سېلىش بىلەنلا ئىشنى تامام قىلدى.
مارېن قاراڭغۇ چۈشكەندە ھېلىقى ئاددىيغىنە ئۆيگە كېلىپ، كىرچى ئايالنىڭ يېنىدا ئولتۇردى. ئۇ شەھەر باشلىقىنىڭ ئاشپىزىدىن بۇ بىمار ئۈچۈن ئازراق قاقلاپ پىشۇرۇلغان تاغ ياڭيوسى ۋە بىر پارچە سۈرلەنگەن سېمىز چوشقا سېنى تىلەپ ئەكەلگەن ئىدى، ئۇ بۇ تائاملارنى بىمارنىڭ بالىسى بىلەن قاساپ- قاساپ يەۋەتتى، بىمار بولسا بۇ تائاملارنىڭ مېزىلىك ھىدىدىنلا بەھرىمەن بولدى، «مېزىلىك پۇراقمۇ ئىنتايىن قۇۋۋەت قىلىدۇ» دەيتتى ئۇ.
ئۇزاق ئۆتمەيلا بالا ئۇخلاشقا ياتتى- ئانىسى ئۇخلاپ ياتقان كارىۋاتقا چىقىپ، ئانىسىنىڭ ئايىقىدا كۆك ۋە قىزىل ياماقلار بىلەن تولغان كونا ئەدىيالنى يېپىنىپ توغرىسىغا ياتتى.
ئەمدى كىرچى ئايالنىڭ روھى كەيپىياتى سەل ياخشىلىنىپ قالغاندەك بولدى. ئىسسىق پىۋا ئازراق ماغدۇرىغا كەلتۈرگەن، تائاملارنىڭ مېزىلىك ھىدىمۇ مەنپەئەت قىلغان ئىدى.
-رەھمەت ساڭا، ئاقكۆڭۈللىكىم،- دېدى مارېنغا،- بالا ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ساڭا ئېيتىپ بېرىمەن. مېنىڭچە، بالا ئۇخلاپ قالدى. قارىغىنە، كۆزىنى يۇمۇپ يېتىپتۇ، نېمە دېگەن ئىسسىق چىراي- ھە. ئانىسىنىڭ دەردىنى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ- ئىلاھىم مەڭگۈ بىلدۈرمىگەي. مەن ئۇ چاغلاردا ھېلىقى مەسلىھەتچى بېگىمگە- شەھەر باشلىقىنىڭ ئاتىسىغا خىزمەتكار ئىدىم. بىر كۈنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدىغان ئوغلى قايتىپ كەلدى. مەن ئۇ چاغلاردا تەلۋە بىر قىز ئىدىم، ئەمما پەرۋەردىگارىمنىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرەلەيمەنكى، دۇرۇس قىز ئىدىم. ئۇ ستۇدېنىت بولسا شوخ، يېقىملىق، ئاقكۆڭۈل، باتۇر يىگىت ئىدى، ۋۇجۇدىدىكى ھەر بىر تېمىم قېنى ئاقكۆڭۈللۈك ۋە سەمىمىيلىكتىن پۈتكەن ئىدى. مەن بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانمەن. ئۇ يىگىت بۇ ئائىلىنىڭ بايۋەتچىسى، مەن بولسام پەقەتكىنە بىر دېدەك ئىدىم. ئەمما ئارىمىزدا مۇھەببەت پەيدا بولدى- مۇھەببىتىمىز سەمىمىي، ئورۇنلۇق مۇھەببەت ئىدى. ئۇ يىگىت بۇ ئىشنى ئانىسىغا ئېيتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ نەزىرىدە ئانىسى ئالەمدىكى پەرىشتىنىڭ ئۆزى بولۇپ، ھەم زېرەك، ھەم مۇلايىم ئايال ئىدى. يىگىت شۇ چاغدا بىر يەرگە سەپەرگە ماڭدى، يولغا چىقىش ئالدىدا ئۈزۈكىنى بارمىقىمغا سېلىپ قويغان ئىدى. ئۇ كېتىشى بىلەنلا ئايال خۇجايىنىم مېنى ئالدىغا چاقىرىتىپ، بىر خىل قەتئىي، ئەمما سىلىق- سىپايە تەلەپپۇزدا مەن بىلەن سۆزلەشتى- خۇددى ئەقىل- ئىدراك ئىلاھىنىڭ ئۆزى گەپ قىلىۋاتقاندەك بىر ھالدا ئۇ يىگىتنىڭ مەن بىلەن بولغان پەرقىنى، روھىي جەھەتتىن بولسۇن ياكى ماددىي جەھەتتىن بولسۇن تامامەن پەرقلىنىدىغانلىقىمىزنى ئىنتايىن ئېنىق قىلىپ ئېيتىپ بەردى.
«ئۇ ھازىر چىرايلىق چېھرىڭگە مەھلىيا بولۇپ قاپتۇ» دېدى ئايال خۇجايىنىم، «ئەمما سېنىڭ گۈزەللىكىڭ ئەبەدىل شۇنداق بولىۋەرمەيدۇ، سەن ئۇنىڭدەك تەربىيە ئالمىغان، ئەقىلدە ئۇنىڭغا مەڭگۈ يېتەلمەيسەن- بەختسىزلىك دەل مۇشۇ يەردە»، خۇجايىنىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «مەن نامراتلارغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئورنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن بايلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەمما، بىز بۇ دۇنيادا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ۋاقتىمىزدا پەخەس بولۇشىمىز شەرتكى، چەك- چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتمەيلى، بولمىسا ھارۋىمىز ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ، ئۆزىمىزمۇ يولغا يىقىلىپ چۈشىمىز. ماڭا ئايان، ئىنتايىن ياخشى بىر كىشى ساڭا ئۆيلەنمەكچى، ئۇ بىر ھۈنەرۋەن، مېنىڭ دەۋاتقىنىم ھېلىقى پەلەي تىكىدىغان ئۇستىكار ئېرىك (Erik). ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن، بالىسى يوق، ھال- ئوقىتىمۇ ياخشى. ئويلىنىپ باقارسەن»- خۇجايىننىڭ ھەر بىر سۆزى خۇددى بىر ئۆتكۈر تىغدەك يۈرىكىمگە سانچىلاتتى. بىراق، سۆزلىرىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى ماڭا ئايان ئىدى. بۇنداق بىلىش ھەسرىتىمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. مەن خۇجايىنىمنىڭ قولىنى سۆيدۈم، ئازابلىق ياشلىرىم تۆكۈلدى. ئۆيۈمگە يېنىپ كىرىپ، كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىغىنىمدا تېخىمۇ ھەسرەتلىك يىغلىۋەتتىم. بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ قايغۇلۇق بىر كېچە بولدى. قانداق ھەسرەت چەككىنىمنى، قانداق تىپىرلىغىنىمنى بىر پەرۋەردىگارىملا بىلىدۇ!
-ياندۇرقى يەكشەنبە كۈنى چېركاۋغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا مەدەتكار بولۇشىنى ۋە يول باشلىشىنى تىلىدىم. چېركاۋدىن چىققىنىمدا ئېرىك ماڭا قاراپ كېلىۋاتاتتى- خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى شۇنداقتەكلا. بۇ چاغدا كۆڭلۈمدە ھېچقانداق شۈبھە قالمىدى. ئىككىمىز سالاھىيەتتىمۇ، مال- مۈلۈك جەھەتتىمۇ بىر- بىرىمىزگە مۇناسىپ كېلەتتۇق- ئۇ تېخى ھال كۈنى ھەر ھالدا ئوبدان كىشى ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ قولىنى قىستىم:
-ماڭا بەرگەن كۆڭلىڭىز ئۆزگىرىپ قالمىغاندۇ؟- دېدىم.
-ياق، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى ئېرىك.
-سىز ئۆزىڭىزنى قەدىرلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان، گەرچە كېيىن سىزگە كۆڭلى چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر كۆڭلى چۈشمىگەن بىر قىز بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز؟- سورىدىم مەن.
-شۇنداق، مۇھەببەت كېيىن تۇغۇلىدۇ،- دېدى ئېرىك. بىز شۇنداق قىلىپ ماقۇل بولۇشتۇق. مەن ئايال خۇجايىنىمنىڭ ئۆيىگە قايتىپ باردىم. ئوغلى ماڭا بەرگەن ھېلىقى ئۈزۈكنى قوينۇمدا ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. كۈندۈزى سېلىۋېلىشقا پېتىنالمايتتىم، پەقەت ئاخشىمى ئۇخلاشقا ياتقىنىمدىلا سېلىۋالاتتىم. شۇ چاغدا ئۇ ئۈزۈكنى لەۋلىرىم قاناپ كەتكۈچە توختىماي سۆيۈپ كەتتىم. كېيىن ئايال خۇجايىنىمغا قايتۇرۇپ بەردىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا: پەلەيچى ئۇستىكار بىلەن بولىدىغان تويىمىزنى كېلەر ھەپتە جاكارلايدىغان بولدۇق، دەپ ئېيتىپ بەردىم. ئايال خۇجايىنىم مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى. مېنى بولۇمسىز دېمىدى، ئەمما ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدىن ياراملىقراق بولسام كېرەك، تۇرمۇش مۈشكۈلاتىغا تېخى دۇچار بولمىغان ئىدىم- دە. بىز بىر قانچە ھەپتە ئۆتۈپ توي قىلدۇق. تۇنجى يىلى تۇرمۇشىمىز يامان ئەمەس ئۆتتى. بىزدە بىر نىمكار ۋە بىر شاگىرت بار ئىدى، سەنمۇ بار ئىدىڭ، مارېن. سەن بىز بىلەن بىرگە تۇرۇپ، بىزگە ياردەملىشەتتىڭ.
-ئاھ، سەن ئاجايىپ غەمگۇزار، ئاقكۆڭۈل خۇجايىن ئىدىڭ،- دېدى مارېن.- ئېرىڭ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن!
-شۇنداق، سەن بىز بىلەن بىللە تۇرغان چاغلار كۈنىمىز ئەڭ ياخشى ئۆتكەن چاغلار ئىدى. بىز ئۇ چاغلاردا تېخى بالىلىق بولمىغان ئىدۇق. مەن ھېلىقى ستۇدېنىتنى ئىككىنچى كۆرمىدىم- ھە راست، مەنغۇ كۆرگەن، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمىدى! ئانىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا كەپتىكەن، قەبرىنىڭ يېنىدا تۇراتتى، چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئىنتايىن قايغۇلۇق بىر سىياقتا ئىدى، ئەمما ئانىسىنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداق ئىدى. كېيىنچە دادىسىمۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ چاغدا چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقاچقا دادىسىنىڭ ئۆلىمىگە كەلمىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى قايتىپ كەلمىدى. ماڭا ئايان، ئۇ ئىزچىل توي قىلمىدى، كېيىن ئادۋۇكات بولدى. مېنى ئۇنتۇپلا كەتتى، مېنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ تونۇيالمايتتى- شۇنداق سەتلىشىپ كەتتىم- دە. مېنى كۆرمىگىنىمۇ بىر ھېسابتا تەلىيىم!
كىرچى ئايال ئۆتكەن مۇشەققەتلىك كۈنلىرىنى ۋە باشلىرىغا كەلگەن بەختسىزلىكلەرنى شۇ تەرزدە ئېيتماقتا ئىدى.
-بىز بەش يۈز كرونا پۇل يىغقان ئىدۇق،- دېدى ئۇ.- كوچىدا سېتىلىدىغان بىر ئۆي بولۇپ، باھاسى ئىككى يۈز كروناچە ئىكەن. بۇ ئۆينى چېقىپ يېڭىلاپ سالسىمۇ ئەرزىيتتى. شۇڭا بىز بۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق. تاشچى، ياغاچچىلار كېتىدىغان خىراجەتنى ھېسابلاپ كۆردى: يېڭى ئۆي سېلىشقا كېتىدىغان خىراجەت ئون مىڭ يىگىرمە كرونا بولىدىكەن. ئېرىك لەۋزىدە تۇرىدىغان ئىناۋەتلىك ئادەم ئىدى، شۇڭا ئاستانىدىن بۇ پۇلنى قەرز ئالالاپتۇ. ئەمما، كېمە يېرىم يولدا ئۆرۈلۈپ كەتكەچكە، پۇلنى ئالغاچ كېلىۋاتقان كېمە كاپىتانىمۇ، پۇلمۇ يوق بولدى.
-شۇ چاغدا مانا ھازىر ئۇخلاۋاتقان بۇ سۆيۈملۈك ئوغلۇم دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇزاق ۋاقىت دەرت قىلىپ كەلگەن ئېغىر كېسەل ئېرىمنى يىقىتتى. توققۇز ئايغىچە ھەر كۈنى ئېرىمنىڭ كىيىمىنى كىيگۈزۈپ- سالدۇرۇپ قويۇشۇمغا توغرا كەلدى. كۈنىمىز كۈندىن- كۈنگە بەتتەرلەشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرزدار بولۇپ كەتتۇق. بىز ھەممە نەرسىمىزنى سېتىۋەتتۇق. ئارقىدىنلا ئېرىممۇ ئالەمدىن ئۆتتى. مەن ئىشلىدىم، جان كۆيدۈردۈم، بالام ئۈچۈن كۈرەش قىلدىم، كىشىلەرنىڭ پەلەمپىيىنى سۈرتتىم، كىر- قاتلىرىنى يۇيدۇم، قاتتىق- يىرىك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم، ئەمما ھال- كۈنۈم ياخشىلانمىدى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى شۇكەن! پەرۋەردىگارىم مۇۋاپىق ۋاقىتتا مېنى ئېلىپ كېتەر، ئوغلۇم بىلەنمۇ كارى بولماي قالماس.
كىرچى ئايال شۇنىڭ بىلەن ئۇيقىغا كەتتى.
ئەتىسى ئەتىگىنى ئۇ روھى ھالىتى كۆپ ياخشىلىنىپ قالغان، شۇنداقلا خېلى ماغدۇرىغا كېلىپ قالغان ئىدى. شۇڭا داۋاملىق ئىشلىيەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەمما سوغۇق سۇغا كىرىشى بىلەنلا توڭلاپ پۈتۈن ئەزايىغا تىترەك ئولاشتى ۋە پىررىدە بېشى قايدى. سەندىرەكلىگىنىچە قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭشىتىپ، ئالدىغا بىر قەدەم ماڭدى- دە، يىقىلىپ چۈشتى.
بېشى قىرغاققا چۈشكەن، پۇتى بولسا يەنىلا سۇدا ئىدى. بىر پېيىغا بىر تۇتامدىن پالاڭ تەگلىك قىلىپ سېلىنغان ياغاچ كەشلىرى سۇدا ئېقىپ كەتكەن ئىدى. مارېن قەھۋە ئېلىپ كەلگىنىدە كۆرگەن مەنزىرە ئەنە شۇ بولدى.
شۇ ئەسنادا شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىدىكى بىر چاكار شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆيىگە چاپسان بارغىن، ساڭا ئېيتىدىغان ئىشى بار ئىكەن، دەپ كىرچى ئايالنىڭ ئاددىيغىنە ئۆيىگە ئۇنى چاقىرغىلى كەلدى، ئەمما كېچىككەن ئىدى! بۇ چاغدا كىشىلەر قوشۇمچە تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيىسىمۇ قىلىدىغان بىر ساتراچنى كىرچى ئايالغا لوڭقا قويدۇرۇش ئۈچۈن چاقىرىپ ئەكەلگەن، ئەمما بۇ بىچارە ئايال ئۇنىڭغىچە ئۆلۈپ قالغان ئىدى.
-ھاراق بېشىغا چىقتى!- دېدى شەھەر باشلىقى.
ئىنىسىنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدىكى مەكتۇپ ئىچىگە بىر پارچە مۇھىم ۋەسىيەت قىستۇرۇلغان ئىدى. بۇ ۋەسىيەتنىڭ بىر ماددىسىدا: مەرھۇمنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتكارىغا، يەنى ھازىرقى ھېلىقى پەلەيچىنىڭ تۇلىغا ئالتە يۈز كرونا قالدۇرغانلىقى، بۇ پۇلنى شەھەر باشلىقىنىڭ ئۆز خىيالى بويىچە ئۇ ئايالغا ياكى ئۇ ئايالنىڭ بالىسىغا مۇددەتكە بۆلۈپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئىدى.
-مېنىڭ ئىنىم بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى ئازراق تۇترۇقسىز ئىختىلاپ بولۇپ ئۆتكەن،- دېدى شەھەر باشلىقى،- بەختكە يارىشا ئۇ خوتۇن ئۆلدى. ئەمدى ئۇ بالا جىمى پۇلغا ئېرىشەلەيدۇ. مەن ئۇنى كەلگۈسىدە سەمىمىي بىر ئىشلەمچى بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن بىرەر دۇرۇس ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ باقتۇرىمەن.
ئاشۇ بىر قانچە ئېغىز سۆزى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىمىز بەختىنى بەرگەي.
شەھەر باشلىقى بۇ بالىنى چاقىرىتىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ماقۇل بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئاناڭنىڭ ئۆلگىنى ئوبدان ئىش بولدى، ئۇ بىر بولۇمسىز خوتۇن ئىدى» دېدى.
كىشىلەر كىرچى ئايالنىڭ مېيىتىنى چېركاۋ زاراتگاھلىقىغا ئاپىرىپ، نامراتلار قەبرىستانىغا قويدى. مارېن قەبرىگە بىر تۈپ قىزىلگۈل كۆچىتى تىكتى، بالا ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى.
-جېنىم ئانا!- بالا يىغلىۋەتتى، ياشلىرى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇراتتى.- خەق ئانامنى بولۇمسىز دېيىشىدۇ، راست شۇنداقمۇ؟
-ياق، ئاناڭ ئىنتايىن ياراملىق ئايال ئىدى!- دېدى ھېلىقى قېرى چاكار ئىنتايىن خاپا ھالدا كۆككە بېقىپ،-مەن نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ئاناڭنىڭ ياخشى ئايال ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم؛ ياخشى ئايال ئىكەنلىكىنى تۈنۈگۈن ئاخشامدىن باشلاپ تېخىمۇ ئوبدان چۈشەندىم. ساڭا ئېيتسام، ئۇ تېپىلغۇسىز بىر ئايال ئىدى. گېپىمنىڭ راستلىقىنى پەرۋەردىگارىمىز بىلىپ تۇرۇپتۇ. خەق «ئۇ دېگەن بىر بولۇمسىز خوتۇن» دېسە دەۋەرسۇن، نېمە دېگۈسى كەلسە دەۋەرسۇن.
(1852- يىلى)

بۇ مەزمۇن تەرمىلەر تور بېكىتىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى مەزمۇن ئادرىسى :  http://www.tarmilar.com/Mazmun.asp?id=146
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-10-25 18:13 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( گۈلقەنىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2048
شۆھرىتى: 20740 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21929 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2176 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

نىمىدىگەن تەسىرلىك-ھە!بەكمۇ ياخشى يىزىلغان ھېكايە ئىكەن.بىزگە يەتكۇزگىنىڭىزگە رەھمەت!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-26 22:33 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئارمان

دەرىجىسى : چولپان ئەزا


UID نۇمۇرى : 2715
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 868
شۆھرىتى: 8750 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 911 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇنبەردىكىلەرگە يەتكۇزگىنىڭىزگە رەھمەت
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 00:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئارمان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
زەمزەم
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2642
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 179
شۆھرىتى: 1790 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1330 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 179 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

.بىزگە يەتكۇزگىنىڭىزگە رەھمەت
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 10:55 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( زەمزەم ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يىگىت
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2429
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرىتى: 850 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 880 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 88 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 25(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئانا مېھرىگە تويماي يالغۇز قالغان بالىغا بەك ئىچىم ئاغرىدى .ئۇ بىچارە ئايالمۇ ۋاقىتسىز كىتىپ قاپتۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-04-07 18:03 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يىگىت ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا