
ئانا بالىغا ئاتىدىن كۆپرەك كۆيۈنىدۇ، چۈنكى ئۇ بالىنى ئۆزىنىڭ تېنىنىڭ بىر پارچىسى بىلىدۇ، ئاتا بولسا ئۇنى پەرزەنتىملا دەپ قارايدۇ.
-مىنارد
ئانىسىنى يىغلاتقان كىشى مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ۋە قانچىلىك داڭلىق شەخس بولسۇن، ئۇ قەبىھ شەرمەندىدۇر.
-ئامچىيوس
ئانىنىڭ يۈرىكىدە مەڭگۈ بىر ئىللىق تەبەسسۇم ساقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ تەڭرى ئانىلارغا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەتتۇر.
-چوڭ ديۇما
ئانىنىڭ بالىنى سۆيۈش ھېسياتى كۈچلۈك بولىدۇ. ئانا پەرزەنتىنى باغرىغا باسقاندا پۈتۈن غەم-ئەندىشىسىنى ئۇنتۇيدۇ.
-ماۋدۇن
بىر ئايال ھۆرمەتلىك بولاي دېسە، ئالدى بىلەن ھەقىقىي ئانا بولسۇن.
-خۇ گو
ساغلام، بەختىيار ئىنسانلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، بەختىيار ئانىلار بولۇشى كېرەك.
-گومورو
دۇنيادا ئۆز ئاناڭدەك سەمىمىي دوستۇڭ يوق.
-گور كې
ئانا بالىنىڭ بىرىنچى تەربىيىچىسى ۋە مۇئەللىمى.
-سۇخوملىنىسكىي
مېھرىبان ئانىدىن ئايرىلغان بالا گۈلدانغا قىستۇرۇپ قويغان گۈلگە ئوخشايدۇ. رەڭگى پۇرۇقى بولسىمۇ، يىلتىزى يوق.
-لاۋشىمەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى