hantagri illikdunya.biz sohpat
بودەك
ئوماق بودەك
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 457
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 660
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2010-09-15)
يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ تارىخىي تەسۋىرى


<< غەربىي يۇرت - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> ھەققىدە

ياقۇپ مۇھەممەد روزى




بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز
ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان خەلقىمىزنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى ئېلىمىز يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىدۇر.
بۈگۈنكى يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزگە نەزەر سالساق، ئۇنىڭدىن ھەم يايلاق ھاياتىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۆش تۈرلىرىنى ئاساسىي خام ئەشيا قىلىپ تەييارلايدىغان تائاملىرىنى، ھەم دېھقانچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇن ۋە ھەر خىل يەرلىك مېۋە - چېۋە، كۆكتاتلارنى خۇرۇچ قىلىپ تەييارلانغان يېمەك - ئىچمەكلىرىنى، شۇنداقلا يەنە بۇ ئىككى ئىگىلىك ئۇزاق مۇددەت بىرلىكتە مەۋجۇد بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۇن تىپىدىكى خۇرۇچلار بىلەن گۆش تىپىدىكى خۇرۇچلارنى تەڭ مىقداردا ياكى ئېھتىياجغا قاراپ بىرلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلغان يېمەكلىكلەرنى ئۇچرىتالايمىز. مانا مۇشۇ مول ۋە رەڭگارەڭ تائام مەدەنىيىتىمىزنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىش غەربىي يۇرت تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە مۇھىم تەتقىقات نىشانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ ھەقتىكى تېپىلمىلارنىڭ مول ۋە خىلمۇ - خىللىقى، يېمەك - ئىچمەك تۈرلىرىنىڭ. كۆپلۈكى، قەدىمىيلىكى ۋە مۇرەككەپلىكى غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەسلىكىنى بەلگىلىگەن. شۇڭا بۇ تېما ئۇزاق يىللاردىن بېرى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇھىم تەتقىقات نىشانى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەتراپلىق يورۇتۇلمىغان، بۇ ساھەدە بىرەر نوپۇزلۇق مەخسۇس ئەسەر مەيدانغا كەلمىگەنىدى.

تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئارخېئولوگ ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن ياش تەتقىقاتچى ئەنۋەر قاسىم ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن >> غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى << ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر 2006 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك ماددىي پاكىتلارغا ئاساسلانغانلىقى، ھەر بىر ماددىي پاكىتنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلغانلىقى ۋە قايىل قىلارلىق ئىلمىي يەكۈن چىقارغانلىقى كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرغان، دېيىشكە بولىدۇ.

<< غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخ >> نى يېزىشتا ئاپتورلار ئاساسەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەر ئارخېئولوگىيىسىدە مەيدانغا كەلگەن نۇرغۇن يېڭى، مۇھىم ماتېرىيال، بولۇپمۇ غەربىي يۇرتنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىدە بارلىققا كەلگەن يادىكارلىقلارنى پاكىت قىلىپ تۇرۇپ، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ تېمىنى ئومۇميۈزلۈك يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.
شىنجاڭنىڭ تارىخىي دەۋرلەر ئارخېئولوگىيىسىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى شۇڭى، مول ۋە رەڭگارەڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، شۇنداقلا ئەينى دەۋرلەردە ياشىغان ئاھالىلەرنى يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايوندا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەر تەرىپىدىن يارىتىلغان نۇرغۇن قەدىمكى تىل - يېزىقتىكى قوليازمىلارمۇ تېپىلغان. بۇ ھۆججەتلەرمۇ غەربىي يۇرتتا ياشىغان قەدىمكى ئاھالىلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن مول ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ. ئاپتورلار ئۆزلىرىنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىش ۋە مول ئارخېئولوگىيىلىك بىلىمگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخىمىزنى يورۇتۇپ بېرىشتە قىينالمىغانلىقتىن، بۇ ئەسەر مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغان.
ئاپتورلار << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> نى بايان قىلىشتا، ئاساسلىقى، ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا، تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغان. تەبىئىيكى، كونا تاش قورال دەۋرىدىن دەسلەپكى تۆمۈر قورال دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگىچە بولغان زامانلاردىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشتە، پۈتۈنلەي ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلارغا؛ غەربىي خەن دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىن تاكى سۇڭ، يۈەن  دەۋرلىرىگىچە بولغان زامانلاردىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بايان قىلىشتا ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن باشقا، خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى ئالاقىدار بايانلارغىمۇ ئاساسلانغان. دېمەك، ئاپتورلار بۇ تېمىنى ئىشلەشتە شىنجاڭدا ئىشلەنگەن ئارخېئولوگىيىلىك خىزمەتلەر، كونا تاش قوراللار دەۋرىدىن سۇڭ، يۈەن دەۋرلىرىگىچە بولغان زامانلار ئارخېئولوگىيىسىنى ئاساس قىلغاچقا، << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن دەۋرلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى ھېسابلىنىدۇ.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، يېمەك - ئىچمەك ئىنسانلارنىڭ بىرىنچى ئېھتىياجى، شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. مۇقەررەركى، ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ھەر بىر مىللەت ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جۇغراپىيىلىك مۇھىت، ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، تۇرمۇش مۇھىتى، ئەنئەنىۋى ئادىتى ۋە كۆز قارىشى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە ئۆزگىچە مىللىي ئاھىدىلىكلەرنى ياكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمدىن كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان غەربىي يۇرتتا ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر غەربىي يۇرتنى بىرلىكتە ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش يولىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىش، ياخشى ئەنئەنىلىرىنى ئۆزئارا قوبۇل قىلىش ياكى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا، يېمەك - ئىچمەك جەھەتتە، ئۆز خاسلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن ئورتاقلىققا ئىگە بولۇپ، غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى مول مەزمۇنغا ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان.

كىتابنىڭ ئاخىرىدا قەدىمكى زامان يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز توغرىسىدا مۇپەسسەل بايان بېرىلىپ، قېزىۋېلىنغان ماددىي يادىكارلىقلار بىلەن خەنزۇچە تارىخنامىلەر، ساياھەتنامىلەر، <<  تۈركىي تىللار دىۋانى >> ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھۆججەتلەر، << ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى >>، << بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت >>  قاتارلىق نوپۇزلۇق ئەسەرلەرنى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىپ، شۇ دەۋردىكى تائام مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەسۋىرلەپ بېرىلگەن. بولۇپمۇ مەھمۇد قەشقىرى << تۈركىي تىللار دىۋانى >> دا تىلغا ئالغان ئۇن تائاملىرى، نانلار، گۆش تائاملىرى ، مېۋە - چېۋىلەر، كۆكتاتلار، ئىچىملىكلەر ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ، خەلقىمىزنىڭ 11 - ئەسىردىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، بوستانلىق ۋە يايلاق مەدەنىيىتى مۇھىتىدىكى يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز ئەتراپلىق ۋە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەھمۇد قەشقىرى ياشىغان دەۋر ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەكلىرى، دىن، تەبىئىي شارائىت ۋە ياشاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۆزگىرىۋاتقان دەۋر بولۇپ، كىتاب ئاپتورلىرى بۇ دەۋرنى ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ تونۇپ، ئۇنى جانلىق، ئىلمىي ۋە پاكىتلىق ھالدا ئوقۇرمەنلەرگە سۇنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرى نوپۇزلۇق يازمىلاردا تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدىمۇ مۇۋاپىق توختىلىپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ، تائام مەدەنىيىتىمىزنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلغان.

ئوملاشتۇرغاندا، << غەربىي يۇرت يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى >> ناملىق بۇ كىتاب بىز يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر قاتار ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەسۋىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئاشكارىلاپ، ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى ئۇزاق يىللاردىن بېرى تولدۇرۇلماي كەلگەن بوشلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تولدۇرغانلىقى بىلەن ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرىدۇ.


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-15 18:23 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بودەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئۇيغۇرئاي
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 957
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 2052
شۆھرىتى: 20780 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 21969 دوللار
تۆھپە: 108 ھەسسە
ياخشى باھا: 2180 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 451(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كوپ رەھمەت بودەك!ھارمىغايسىز~سىز ئارقىلىق كوپ بىلىملەرنى بىلىۋالدىم جۇمۇ!ياخشى ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەۋاتىسىز بىزنى تەشەككۇر!
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-15 20:18 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرئاي ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2756
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 808(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  ئۇيغۇر  ئاشپەزلىكىنى  دۇنياغا  تونۇتۇشتىن  بۇرۇن  يىمەك  - ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنى  دۇنياغا  تونۇتىشىمىز   كېرەك .   بۇ  ناھايىتى  ياخشى  تېمىكەن .      بودەككە  كۆپ  رەھمەت  !    
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-15 21:20 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئەلتىكىن
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

راسلا  ياخشىكەن رەخمەت  ھە   نەچچە  كۈندىن بۇيان ئىشىم چىقىپ قېلىپ كىرەلمىدىم كەچۈرەسىلەر
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-15 21:48 | 新疆

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەلتىكىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1729
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇيغۇر يىمەك ئىچمەك تارىخمىزدىن بىزنى خەۋەردار قىلىپسىز
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-16 01:31 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

شاھزادە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 761
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 276
شۆھرىتى: 2805 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 3009 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 333 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەممىمىزبىلىۋىلىشقا تىگىشلىك تىمائىكەنغۇ
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-16 01:52 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شاھزادە ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

يارايمەن
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 75 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بودەكگۈل قىممىتى بار تىمىنى يوللايۋاتىسىز ،يارايسىز!!!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-16 13:01 | 新疆

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( يارايمەن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

aqqik
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 86 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك  تىمىلارنى توردا تاش ئابىدە سۈپىتىدە ساقلىساق دەيمەن.
تىما ئىگىسىگە ۋە ئەسەر ئاپتۇرىغا رەھمەت!
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-17 12:15 | 新疆

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( aqqik ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

2071
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 2140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 184
شۆھرىتى: 1860 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1860 دوللار
تۆھپە: 0 ھەسسە
ياخشى باھا: 193 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 63(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ياىشىمۇ سىز بودەكگۇل سىزنى قارشى ئالمىز رەخمەت سىزگە       
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2011-02-11 10:58 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 2071 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا