ماتىريالى:قوي قۇۋرىغىسىدىن بىر كىلوگىرام،چوڭراق سەۋزەبىر دانە،سۇيېغى
غولپىياز،كوك-قىزىلمۇچ،سامساق
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،كاۋۋاۋىچىن،زەنجىۋىل،قاقىلە،شاكال بەدىيان،ئارپىدىيان،
لاچىندانە،قۇزاقداچىن،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇرقىيامى،ئاق سېكەر،ئۇچلۇق
قاقمۇچ، قۇشۇمچە:،قىزىلمۇچ قىيامى،
تەييارلاش ئۇسۇلى:مايلىق ھورناندىن12(يوتازا)دانە(ئىھتىياجقاقاراپ)تەييارلايمىز
قۇۋرىغىنى بارماق چوڭلىقىدا پارچىلاپ تەييارلايمىز،سەۋزىنىمۇ ئوخشاش چوڭلىقتا
توغرايمىز،تەم خۇرۇچلارنى بىر قاچىغا مۇۋاپىق تەڭشەپ(چۇشەنمىگەن يەرلىرى
بولسا ئىنكاس ئارقىلىق قالدۇرۇڭ)تەييارلىۋالىمىز، غولپىياز،كوك-قىزىلمۇچلارنى
ئات قۇلاق شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز،
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا بىرچۇمۇچ ياغ قۇيۇپ ئوتتۇراچۇمۇچتىن ئازراق ئاق شېكەر
سېلىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ كۇپۇكچىلەر پەيدا بولغاندا قوۋرىغىنى سېلىپ قورۇيمىز
ئاندىن يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇرقىيامى سېلىپ(قۇشۇمچە:قىزىلمۇچ قىيامى،)
قورۇپ،تەيارلانغان تەم خۇرۇچلارنى سېلىپ ئالتە چۇمۇچ ئەتىراپىدا سۇقۇيۇپ بوش
ئوتتا 40مىنۇت ئەتىراپىدا قاينىتىپ ئاندىن سەۋزىنى سېلىپ قاينىتىمىز
(يۇقىرى بېسىملىق قازاندا 10مىنۇت قاينىتىپ ئاندىن
سەۋزىنى سېلىپ 6مىنۇت قاينىتىپ)پىشقاندا تۇز تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئالىمىز
مايلىق ھورناننى تەخسىنىڭ چورىسىگە رەتلىك تىزىپ مىھمانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ
چىقسىڭىز بۇلىدۇ
