گەپنى قەيەردىن باشلىسام بولار،تۇنجى قىتىم ئاق خالاتنى تاقاپ ئاشۇ ئاپپاق رەتلىك قىرى بىلەن چىققان ئاشۇ كاستوم بورۇلكىدە ئاشپەزلىك كىيىمىنى كىيىپ شۇنداق ھىس قىلدىمكى ،نىمانداق كىلىشكەن يىگىت مەن دەپ،ئەينەككە قارۋىتىپ كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،ھاڭ بىقىپ تۇرشۇمغا دوستۇم« لىفىت كەلدى» دەپ چاقىرۋاتىدۇ،بىر لىفىتتا بىز بىلەن تەڭ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ بار ئىدى ،بىز ئاشۇ ھەشەمەتلىك مىھمان ساراينىڭ ئارقا ئاشخانىسىغا كىردۇق،كىرىپ تۇرىشىمغا بىرقىز تەسۋىرلىگۈسىز چىرايلىق تىكىلىپ دوستۇمغا قارىماقتا ئىدى،ئاندىن مەنمۇ بۇرۇلۇپلا قارىدىم نىمىگە قاراۋاتقاندۇ دەپ، قارىسام نىمىش بولۇپتۇ دىمەيسىلەر،ئاۋۇ دوستۇم ئاشپەزلىك كىيمىنىڭ توپچىسىنى ئىگىز پەس توپچىلۋاپتىكەن شۇڭا قاراۋاتقان ئىكەن،ئىچىمدە مىققىدە كۈلۋەتتىم ،ئاشخانىغا يىتىپ كىردق ،ئاشخانا باشلىقى بىزنى تىزىلدۇرۋاپ ئۆزىنىڭ تارىخىنى سۈزلىگىلى تۇردى،گىپىنى ئاڭلاپ بىز ھەممىمىز كۈلىۋەتتۇق،ئاندىن ھەربىرىمىزنىڭ ئالدىغا كىلىپ،گالاستۈكلىرىمىزنى تاقاپ چىگىشنى ئۆگەتتى،بىزنى سوغۇق سەي،ئىسسىق سەي،ئۇن تائام،تورتخانا،غەرىپچە تائام،دىگەندەك قاتارلىق بۈلۈملەرگە بۆلىۋەتكەن ئىدى
[ بۇ يازماشىرىنتەرپىدىن2010-08-30 17:10دە قايتا تەھر ]