ئائىلىدە تەييارلاش ئۇسۇلى
ئاساسى ماتىريالى :ئۇن سۇ ،تۇز
ئۇنداقتا باشلىدۇق،ئالدى بىلەن بىر چىنە ئۇندا خېمىر يۇغۇرۇپ ئۇنى 3چىنە سۇ بىلەن يېرىم سائەت
ئەتىراپىدا سىقىپ خېمىرنىڭ سۇيىنى چىقىرۋالىمىز ئوپكە پىشۇرۇپ باققانلار بىلىسىلەر شۇنىڭغا
ئوخشايدۇ. سۇيىنى چىقىرىپ 3سائەت تىندۇرۇپ ئۇستىگە يىغىلغان سۇيىنى تۇكىۋېتىپ يېڭىدىن
بىر چىنە سۇقۇيۇپ تۇزىنى نۇرمال تېتىيمىز .قۇيۇق سۇيۇقلىقىنى تەڭشەش ئۇچۇن قولىمىزنىڭ
دومبە تەرىپىگە بىر تامچە تېمىتساق تىزلا يېيىلسا سۇيۇق ،جىم لام تۇرسا قۇيۇق بولغان بۇلىدۇ
ئۇندىن باشقا پىشۇرۇش جەريانىدا يېرىپىپ كەتسە قۇيۇق بۇلۇپ قالغان بۇلىدۇ جانسىز بولسا
سۇيۇق تۇزكام بۇلۇق قالغان بۇلىدۇ .ئەمدى بۇنى نىپىز داكىدىن ياكى قۇيۇق توردىن ئوتكۇزۇپ
يەنە بىر قاچىغا سۇزۇۋالىمىز
پىشۇرۇش ئۇسۇلى :پىشۇرۇش ئۇچۇن قازان ياكى كورا بۇلۇشى ئاغرى يىم يېپىلدىغان بۇلىشى
كېرەك چۇنكى دىرىلداق ھوردا پىشىدۇ.ئىنتايىن تەكشى يۇمىلاق لېگەنگە ئوخشاش نىپىز ئاليومىن
ياكى قەلەي لىس بۇلىشى كېرەپ ئەمىسە قازانغا 10سانتىمىتىر ئاز سۇقۇيۇپ قاينىتىمىز ،
قاينىغاندا لىسقا بىر چۇمۇچ خېمىرنىڭ سۇيىنى(ماز)لىسقا قۇيۇپ قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۇستىگە
ئاستا قۇيۇپ تۇرۇپ تەكسى لىسنىڭ يۇزىگە يېيىتىپ قېتىشقاندا ئاغزىنى يىم يېپىپ 2~3مىنۇت
دۇملەپ تۇۋاقنى ئېچىپ لىسنى ئېلىپ سوغاق سۇنىڭ ئۇستىگە قۇيۇپ سوۋۇتۇپ يۇقۇرقى ئۇسۇل
بۇيىچە تەكرار مەشغۇلات قىلسڭىز بۇلىدۇ
يىيىش ئۇسۇلى :يايما دىرىلداقتىن بىر ئورام،غول پىياز،سامساق،قىزىل-كۆكمۇچ ،قۇرتۇلغان قىزىل
مۇچ،ئاچچىقسۇ،يۇمغاق سۈت،قىزىلمۇچ يىغى،تۇز قاتارلىقلار دىن مۇۋاپىق مىقتاردا. يايما دىرىلداقنى
بىر ئىككى سانتا مىتىر كەڭلىكتە توغراپ تەخسىگە ئىىلىۋالمىز.
غول پىياز،سامساق،قىزىل-كۆكمۇچ،قۇرتۇلغان قىزىلمۇچ،يۇمغاق سۈت قاتارلىقلارنى،ئۇششاق
چانايمىز ئاندىن ئۇنىڭغا ئاچچىقسۇ،قىزىلمۇچ يىغى،تۇز قاتار لىقلار نى ئىلەشتۇرۇپ،يايما دىرىلداقنىڭ
ئۆستىنگە قۇيۇپ ئىستىمال قىلساق بولدۇ.

ئەسكەرتىش: دىرىلداق(راڭپىزا)-بوغداي ئۇنى،ماش،پۇرچاقلارنىڭ كىراخمالىدىن ،تەييارلىندىغان بولغاچقا،
تەبىئىتى سوغۇق ئەتىياز پەسىللىرى ئىستىمال قىلسا تەندىكى قۇرۇق ئىسسىقنى ئالدۇ،ھەزىم قىلىش
تەس بولغاچقا،ئاشقازىنى ئاجىز،شۇنداقلا ئاشقازان ياللۇغى بار،بۇۋاسىر كىسىلى بارلار،ئۈچەي يوللىرىدا
ياللۇغ بار كىشىلەر،ئىچى سۈرۈپ قالغان چاغلاردا،ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.
[ بۇ يازماaxtuziتەرپىدىن2010-09-08 10:53دە قايتا تەھ ]