hantagri daris sohpat
شەخلا

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 311
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 569
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 449(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================






تىمتاسلىققا چۆمگەن تۇندە ،،،،

دەرىزىدىن سۇس ئاي نۇرىغا چۆمىلگەن چەكسىزلىككە باقتىم ، بەلكىم بۇ كىچىدە ئۇيقىسىز ئىنسان پەقەت مەنلا ئەمەس ،

ھايات قەدەملىرىم ئۇشبۇ كۈنگە يەتكىچە ئازاپ -دەرت تۇغرىسىدا ھىچ بىر ئۇقۇمغا ئىگە بۇلۇپ باقماپتىكەنمەن ،

ئىنساننىڭ بىشىغا نىمە كۈنلەر كەلمەيدۇ دەيسىز !

لىكىن غەيرىتىمگە ئېلىپ ھاياتقا كۈلۈپ بىقىپتىمەن ، ھىلى ھەم شۇنداق قىلماقچىمەن ،

ئىستاكاندىكى ئاخىرقى بىر يۇتۇم قەھۋەنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئىچىۋەتتىم ، ئۇ شۇنچىلىك قىرتاق، لىكىن شۇنداق تەبىئى ،،،، خۇددى ماڭىلا ئوخشايدۇ ،

ئەزەلدىن ئەتىراپىمدىكىلەرنىڭ ئەركىلىتىشى ، كۈيىنىشىدە مىنىڭلا راست دەيدىغان مىجەزلىك بۇلۇپ قاپتىمەن .

نەزىرىمدە ئۆزەملا بار ،

مانا ئەمدى دادامدىن ئاكامدىن ئايرىلىپ ئۇزۇن بولماي ئاپامنىمۇ كىسەل يىقىتتى ، ئەجەل نىمە دىگەن رەھىمسىز -ھە.

بەلكىم بىر كۈنلەرگە بېرىپ  مەنمۇ ئۈلۈمدىن قېچىپ قۇتىلالماسمەن ،

ئەجەل ھەممىگە بار ، لىكىن ھاياتلىق ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئېتىدىكەن ،

ھەممىگە پەرۋاسىز قارىساممۇ بۇ دۇنيادىكى يۇلەنچۇكلىرىمدىن ئارقا- ئارقىدى ئايرىلىش ئېغىر كەلگەندەك تۇرىدۇ ،

قېرىنداشنىڭ مىھرى ئاجايىپ  بولىدىكەن ، ياندا بولسا پىتىشمايدىكەنمىز ، كىچىكىنە ئەرزىمەس ئىشلاردىن رەنجىشىپ سوقىشىدىكەنمىز . قېيدىشىدىكەنمىز ،

ئاكام ۋاقىتسىز بىزدىن .ئايرىلغانتى يەر كۆك يېرىلمىدى ،،،،،،،،،،،، لىكىن بىزنىڭ يۈرەك باغرىمىز كۈكۈم -تالقان بۇلۇپ كەتتى ،

ئاتا -ئانىغا ئەركىلەيدىكەنمىز ، خۇددى ئۇلار بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدىغاندەك  ، ھالىمىزدىن خەۋەر ئىلىپ ، باش پاناھ بولىدىغاندەك ھىس قىلىدىكەنمىز ،

لىكىن ئۇلار بىزدىن مەڭگۈلۇك ئايرىلغاندىن كىيىنچۇ.......................................................

كىسەل كارۋىتىدا ھالسىز ئىشتىھاسىز ياتقان ئاپامغا قاراشقا پىتىنالمايمەن ، ئاپامنىڭ يىنىغا كىرىشتىن شۇنداق قوقىمەن ، خۇددى كۆز ئالدىمدا تىنىقى توختاپ قالىدىغاندەك ئازاپلىنىمەن ، ھەدىلىرىمنىڭ ئاپامنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بۇلغان ھالىتىنى كۆرسەم ،خىجىللىقتىن يۈزلىرىم ئوت بۇلۇپ يانىدۇ ،

لىكىن مەندە ئۇنچىلىك جۇرئەت يوق ، ئۆزەمنى شۇنچە زورلىساممۇ ، لىكىن يەنىلا قوقىمەن ،

بۇرۇندىن دادام -ئاپاملارنىڭ ئالدىدا ئاغزىم بىسىقماي سۆزلەيتىم ، بىراق ھازىر ئۇنداق قىلالمايمەن ، ئىككى ئېغىز گەپنى قىلىپلا ئاپامنى چارچىتىپ قويغاندىمەنمۇ دەپ ئويلايمەن ،

ئۇ كۈندىن -كۈنگە نۇرسىزلىنىۋاتقان كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىدە (بەلكىم ھەر بىرسىمىزگە شۇنداق قارىسا كېرەك)ئۇنىڭ قىيالماسلىق ، قانماسلىق ھىسياتى ئىپادىلىنىپ تۇرغان قارچۇقلىرىمدىن ئۆزەمنى تېركىشىپ ئېلىپ قاچىمەن ،

شۇنچە چانداماي دىسەممۇ تۇز يۇلدا كېتىپ بېرىپ پۇتلىشىمەن ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇترۇقسىز سۆزلىرىم كۆپىيىپ كىتىدۇ ، تېرىشىپ بىرەر ئىشقا دىققىتىمنى مەركەزلەشتۇرمەكچى بۇلىمەنيۇ ،

يەنىلا چاندۇرىمەن چاناقلىرىمدا لىغىرلاپ تۇرغان ياش ماڭا ھەرگىز بوي سۇنمايدۇ ،،،،،

ئۇھ........ نىمىشقىمۇ چوڭ بولغاندىمەن ،،،،

باللىقىمغا قايتىقىم بار ،،،،

مىھمانخانا ئۆيدىكى چوڭ ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ دادام -ئاپام ، قېرىنداشلىرىم بىلەن بىر ۋاق كەچلىك تاماق يىگىم بار ،

دادامنىڭ ،،، قىز بالىمۇ سەندەك بولامدۇ ، ماڭ ئاپاڭغا ياردەملەش دىيىشلىرىنى ،

ئاكامنىڭ ،،،، جىم تۇر پالاكەت ،، كىيىمىڭنى ئوڭشاپ قوياي دىيىشلىرىنى ،،، ئاڭلىغىم بار ،

ئاپام قازان بېشىدا ئالدىراش يۈرسىكەن دەيمەن ،

ھەدىلىرىم بىلەن ئەينەك تالىشىپ ،كىيىملىرىنى ئەتىگەندە ئوغۇرلىقچە كىيىپ قىچىپ كەتسەمكەن دەيمەن ،

سىڭلىم بىلەن ھارغىچە ئويناپ چىدىمىسام ئۇرۇشسامكەن دىگىم كىلىۋاتىدۇ ،



بىراق بۇ مۇمكىنمۇ ؟

ناۋادا ؛؛؛؛؛؛؛؛ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولسا ھە !
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-25 11:08 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەخلا ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا