oznur.cn abduheni
كۈمۈش
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 79 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئىلگىرلەتتى .(2011-03-21)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئارىمىزدا كۆپ قىسىملىرىمىز ئاڭلاپ باققان پىززا قاتلىمىسى. بەلكىم بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار چىقىپ قالار دەپ ئويلايمەن.


   ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋاقتىمدا بىر دوستۇم بىلەن يەنئەن يولىدىكى بىر ئارامگاھقا كىردۇق، قارىسام تاماق تىزىملىكىدە پىززا دەپ يېزىقلىقكەن، شۇنىڭ بىلەن قانداقتۇر، دەپ قىزىقىپ بۇيرىتىپ باقسام، ئۇ نەدىمۇ پىززا بولسۇن، ئىشقىلىپ قوينىڭ مېيىنى ئۈستىگە بولۇشىغا توغراپلا ئەتكەندەك بىر تاماقكەن، بىر چىشلەم يەپلا كۆڭلۈمگە تېگىپ قالغىنىنى يېيەلمەيلا قالدىم. شۇنىڭ بىلەن دۇكان ئىگىسىنى چاقىرىپ پىززا دېگەن بۇنداق بولمايتتى، دەپ چۈشەندۈرسەم، ئايالىمغا بىر چەت ئەللىك مۇشۇنداق ئۆگىتىپ قويۇپتىكەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بىر تاماقنى ئۆگەنگەندە كىمنىڭ ئۆگەتكىنىگە ئەمەس، تاماقنىڭ زادى ئەسلى رېتسىپىغا سادىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۆتكەندە بىر ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە ئىتالىيىلىك بىر يىگىت ھەممە تاماق تۈرىدە يېڭىپ چىقىپ ئىتالىيە چۆپىنى تەييارلاشتا ئامېرىكىلىققا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا بىر ئىش.
  ئەمدى بۈگۈن پىززىنى ئۆزىڭىز ئۆيدە تەييارلاڭ. ئەگەر بۇرۇن يەپ باققان، قانداق ئېتىدىغان بولغىيتى دەپ قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز، بۇ يازما سىزگە ياردەمدە بولغۇسى.

  لازىملىق خۇرۇچلار: ئۇن بىر پىيالە، شوخلا قىيامى--ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قاينىتىڭ، تەييارلاش ئۇسۇلىنى سەل تۇتۇپ تونۇشتۇرىمەن، پىياز، كۆك-قىزىلمۇچلاردىن ئازراقتىن، ئاناناس (بولو)، زەيتۇن، موگۇ....ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز تاپالىغان، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى. ئەگەر تاماقتىن ئېشىپ قالغان كۆشلەر بولسا ئۇنىمۇ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا يارىشا ئىرىمچىك.
دىققەت: بۇ يەردە دەۋاتقىنىمىز قازاقلار يەيدىغان ئىرىمچىك ئەمەس، ئادەتتە كەررېفور دېگەندەك تاللا بازارلىرىغا كىرسىڭىز چوقۇم بار.

ئاۋۋال پىززىنىڭ خېمىرىنى تەييار قىلايلى: بىر بال قوشۇق خېمىرتۇرۇچنى بىر بال قوشۇق شېكەر بىلەن قوشۇپ قىزىقراق سۇ قۇيۇپ قويۇپ قويىمىز. تەخمىنەن 15 مىنۇت ۋاقىتقىچە بۇ خېمىرتۇرۇچىمىز كۆپۈپ پىيالىنىڭ تېشىغا چىقىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، شۇ چاغدا بۇنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
تەييار قىلغان خېمىر تۇرۇچنى ئۇنغا قۇيۇپ، مانتىنىڭ خېمىرىدەك بوش خېمىر يۇغۇرىمىز. ئاندىن ئۇنى ئىسسىق جايغا قويۇپ، ئۈستىگە ھۆل لاتا يېپىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولدۇرىمىز.
خېمىر تەييار بولغۇچە كۆكتاتلارنى لەغمەنگە توغرىغاندەك چوڭلۇقتا قىلىپ توغرىۋالىمىز.
  بولغان خېمىرىمىز ئېلىپ، لېسنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۈستىدىن بېسىپ، تارتىپ دېگەندەك لېسنىڭ ئۈستىگە دەل كېلىدىغان ھالەتكە ئەكىلىمىز. ئۈستىگە شوخلا قىيامىدىن بىر نەچچە قوشۇق قۇيۇپ، خېمىرنىڭ ئۈستىگە ھېچ يېرىنى ئالا قويماي تەكشى يېيىتىپ چىقىمىز. ئاندىن كۆك-قىزىل مۇچلارنى، پىيازنى (پىياز بەك ئاز بولسۇن، سەللا خام بوپ قالسا تەمىنى بەك بۇزىدۇ)، موگۇنى، ئاناناسنى....ئىشقىلىپ نېمە بولسا شۇنى تەكشى يېيىتىپ سالىمىز. ئەڭ ئۈستىگە ئىرىمچىك سالىمىز.
ئىرىمچىكنى سالغاندا، سەۋزە دېگەندەك كۆكتاتلىرىمىزنى قىرىدىغان قىرغۇچ بارغۇ، شۇنىڭغا قىرىپ سالساق بولىدۇ. مەن پىززا قىلسام ئۈستىنى ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك قىلىپ ئىرىمچىك بىلەن توشقۇزىمەن. ئۈستىگە ئەگەر تاپالىسىڭىز بىر نەچچە تېمىم زەيتۇن مېيى تېمىتىۋېتىڭ.
تەييار بولغان پىززىنى ئالدىن قىزىتىلغان دوخۇپكىدا 350-375 گرادۇسقىچە ئاستىدىن قىزىتىپ پىشۇرىمىز. دىققەت: ئۈستىدىن قىزىتسىڭىز ئىرىمچىك بەك ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ.
ئىرىمچىك پۈتۈنلەي ئېرىپ، خېمىرنىڭ چۆرىسى قىزارغاندا پىشىپ دەپ ئېلىپ يېسىڭىز بولىدۇ.

تونۇشتۇرۇش:
ئىرىمچىك: غەربتە ئەڭ كۆپ يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. بەلكىم بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ يېگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئىرىمچىكنىڭ تارىخى 8000 يىلغا قەدەر سوزۇلىدىغان بولۇپ، تۈركىي قەبىلىلەر ئەڭ بۇرۇن ئىستېمال قىلغان ئىكەن. ھازىر بۇ نەرسە كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايرىلالمايدىغان مۇھىم يېمەكلىككە ئايلاندى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك يىلغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىرىمچىك بايرىمىنىڭ بولغانلىقىغا قاراپمۇ ئىرىمچىكنىڭ نەقەدەر قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ يېنىدىلا بىر ئىرىمچىك دۇكىنى بار. ناھايىتى چوڭ دۇكاندا پەقەت ئىرىمچىك ساتىدۇ. بىرەر يۈز خىل ئىرىمچىك بارمىكىن دەيمەن. كىشىلەر نە-نەلەردىن كېلىپ ئېلىپ كېتىشىدۇ.
ئىنگلىزچىسى: cheese,  خەنزۇچىسى : 干酪
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(ناۋات) ئالاھىدە تائ ..
  • مۇنبەرپۇلى:+80(شىرىن) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • مۇنبەرپۇلى:+200(ئاشپەز) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-18 18:05 | 加拿大 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    توۋا بۇنىڭ ئاخىرىدا خېلى نەرسىلەرنى يازغاندەك قىلغانتىم، قانداق ئىش بوپ كەتتى، يوقاپ كېتىپتۇيا. شوخلا قىيامىنى قانداق تەييارلاشنى يازغانتىم يەنە. بولدىلا ھازىر دەم ئېلىپ كېيىن يازاي بۇنى.
    رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:36 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    geyretjan
    دەرىجىسى : پىشقەدەم ئەزا


    UID نۇمۇرى : 885
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 105
    شۆھرىتى: 1075 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1259 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 105 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-11-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇنىمۇ بىلدۇق. لىكىن بۇ قايسى مىللەتكە تەۋە تائامدۇ؟
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:40 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( geyretjan ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    lala425
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 700
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 231
    شۆھرىتى: 2385 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2479 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 242 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەڭگى بەك چىرايلىق ئىكەن
    نامىنى ئاڭلىغان لېكن تېتىپ باقمىغان
    رەھمەت سىزگە
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:45 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( lala425 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كەچۈرۈڭ، مەن بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك ھېس قىلىۋاپتىمەن.
    ئىتالىيە تامىقى. ئەسلى پىززىنىڭ تۈرى ناھايىتى جىق، ئۈستىگە سېلىنىدىغان خۇرۇچلارنىڭ تۈرىگە قاراپ، خېمىرىنىڭ نېپىز-قېلىنلىقىغا قاراپ ھەرخىل ناملارنى بېرىشكەن ئىكەن. لېكىن مەن ئائىلىدە قولاي بىر خىلنىلا تونۇشتۇردۇم.
    ئىتالىيە تائاملىرىنىڭ ئىچىدە دۇنياغا ئەڭ كەڭرى تارقالغىنى پىززا بىلەن ئىتالىيە چۆپى.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:47 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شەمشەر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 30
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 85
    شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
    تۆھپە: 103 ھەسسە
    ياخشى باھا: 146 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    قورساقنى ئاچۇرۇپلا تاشلىدىغۇ ، مۇزدەك كولا بىلەن يىسە ھە ~
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:49 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شەمشەر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 30
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 85
    شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
    تۆھپە: 103 ھەسسە
    ياخشى باھا: 146 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئىتالىيە چۆپىدىن يېنىلا بىزنىڭ لەغمەن ياخشىمىكىن !
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:51 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئۇنىسى ئېنىق، لېكىن شۇ لەغمەن يوق يەردە ياشىسىڭىز، بەزىدە ئىتالىيە چۆپىنى لەغمەنگە تاۋاپ قىلىپ يېمەكتىن باشقا ئامال يوق دەڭە.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+10(ئاشپەز) قىزققارلىق&nb ..
  • رۇڭگېي ئالوي مەھسۇلاتلىرىغا قىزىقامسىز!!!
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:54 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    ناۋات
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم.سۇ بۇلايمۇ،يىلتىز مۇ؟

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 506
    نادىر تېما : 15
    يازما سانى : 580
    شۆھرىتى: 214748344 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483627 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388605 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 253(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    رەھمەت كۈندە بىر يېڭىلىق .
    بۇنىمۇ بىلىۋالدۇق.

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئارىمىزدا كۆپ قىسىملىرىمىز ئاڭلاپ باققان پىززا قاتلىمىسى. بەلكىم بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار چىقىپ قالار دەپ ئويلايمەن.
    مۇشۇنداق تېمىلار مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسا.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:57 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ناۋات ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    شەمشەر
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 30
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 85
    شۆھرىتى: 1405 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1738 دوللار
    تۆھپە: 103 ھەسسە
    ياخشى باھا: 146 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-03-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نەۋاق بۇ تامىقىڭىزغا قاراپ ئولتارغىلى مەن ، كاللامدا مانداق خىيال كېلىپ قالدى بۇنچە ۋاقىت سەرىپ قىپ يۇرىگەندىن 1يېرىم سوملۇق ناندىن ئىككىنى ئېلىپ ، ئوخشۇتۇپ گۇشلۇك ئاچچىق چۇچۇك قىلىپ سەينى قورۇپ ناننى ئۇستىگە بېسىپ ئاخىرى تەخسىكە ئالسىلا ئوڭايكەن !
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+20(ئاشپەز) ھاھاھاھاھاھا
  • چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 19:01 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شەمشەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيغۇر قورىمىلىرى ۋە ئوزلەشتۇرۇلگەن قورىمىلار.
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا