hantagri illikdunya.biz sohpat
كۈمۈش
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 79 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئىلگىرلەتتى .(2011-03-21)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ھازىر تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئارىمىزدا كۆپ قىسىملىرىمىز ئاڭلاپ باققان پىززا قاتلىمىسى. بەلكىم بۇنىڭغا قىزىقىدىغانلار چىقىپ قالار دەپ ئويلايمەن.


   ئىككى يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋاقتىمدا بىر دوستۇم بىلەن يەنئەن يولىدىكى بىر ئارامگاھقا كىردۇق، قارىسام تاماق تىزىملىكىدە پىززا دەپ يېزىقلىقكەن، شۇنىڭ بىلەن قانداقتۇر، دەپ قىزىقىپ بۇيرىتىپ باقسام، ئۇ نەدىمۇ پىززا بولسۇن، ئىشقىلىپ قوينىڭ مېيىنى ئۈستىگە بولۇشىغا توغراپلا ئەتكەندەك بىر تاماقكەن، بىر چىشلەم يەپلا كۆڭلۈمگە تېگىپ قالغىنىنى يېيەلمەيلا قالدىم. شۇنىڭ بىلەن دۇكان ئىگىسىنى چاقىرىپ پىززا دېگەن بۇنداق بولمايتتى، دەپ چۈشەندۈرسەم، ئايالىمغا بىر چەت ئەللىك مۇشۇنداق ئۆگىتىپ قويۇپتىكەن، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بىر تاماقنى ئۆگەنگەندە كىمنىڭ ئۆگەتكىنىگە ئەمەس، تاماقنىڭ زادى ئەسلى رېتسىپىغا سادىق ياكى ئەمەسلىكىگە قارىشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۆتكەندە بىر ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە ئىتالىيىلىك بىر يىگىت ھەممە تاماق تۈرىدە يېڭىپ چىقىپ ئىتالىيە چۆپىنى تەييارلاشتا ئامېرىكىلىققا ئۇتتۇرۇپ قويدى، شۇنداقلا بىر ئىش.
  ئەمدى بۈگۈن پىززىنى ئۆزىڭىز ئۆيدە تەييارلاڭ. ئەگەر بۇرۇن يەپ باققان، قانداق ئېتىدىغان بولغىيتى دەپ قىزىقىپ قالغان بولسىڭىز، بۇ يازما سىزگە ياردەمدە بولغۇسى.

  لازىملىق خۇرۇچلار: ئۇن بىر پىيالە، شوخلا قىيامى--ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىز قاينىتىڭ، تەييارلاش ئۇسۇلىنى سەل تۇتۇپ تونۇشتۇرىمەن، پىياز، كۆك-قىزىلمۇچلاردىن ئازراقتىن، ئاناناس (بولو)، زەيتۇن، موگۇ....ئىشقىلىپ ئۆزىڭىز تاپالىغان، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسىنى. ئەگەر تاماقتىن ئېشىپ قالغان كۆشلەر بولسا ئۇنىمۇ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىڭىزغا يارىشا ئىرىمچىك.
دىققەت: بۇ يەردە دەۋاتقىنىمىز قازاقلار يەيدىغان ئىرىمچىك ئەمەس، ئادەتتە كەررېفور دېگەندەك تاللا بازارلىرىغا كىرسىڭىز چوقۇم بار.

ئاۋۋال پىززىنىڭ خېمىرىنى تەييار قىلايلى: بىر بال قوشۇق خېمىرتۇرۇچنى بىر بال قوشۇق شېكەر بىلەن قوشۇپ قىزىقراق سۇ قۇيۇپ قويۇپ قويىمىز. تەخمىنەن 15 مىنۇت ۋاقىتقىچە بۇ خېمىرتۇرۇچىمىز كۆپۈپ پىيالىنىڭ تېشىغا چىقىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، شۇ چاغدا بۇنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.
تەييار قىلغان خېمىر تۇرۇچنى ئۇنغا قۇيۇپ، مانتىنىڭ خېمىرىدەك بوش خېمىر يۇغۇرىمىز. ئاندىن ئۇنى ئىسسىق جايغا قويۇپ، ئۈستىگە ھۆل لاتا يېپىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولدۇرىمىز.
خېمىر تەييار بولغۇچە كۆكتاتلارنى لەغمەنگە توغرىغاندەك چوڭلۇقتا قىلىپ توغرىۋالىمىز.
  بولغان خېمىرىمىز ئېلىپ، لېسنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۈستىدىن بېسىپ، تارتىپ دېگەندەك لېسنىڭ ئۈستىگە دەل كېلىدىغان ھالەتكە ئەكىلىمىز. ئۈستىگە شوخلا قىيامىدىن بىر نەچچە قوشۇق قۇيۇپ، خېمىرنىڭ ئۈستىگە ھېچ يېرىنى ئالا قويماي تەكشى يېيىتىپ چىقىمىز. ئاندىن كۆك-قىزىل مۇچلارنى، پىيازنى (پىياز بەك ئاز بولسۇن، سەللا خام بوپ قالسا تەمىنى بەك بۇزىدۇ)، موگۇنى، ئاناناسنى....ئىشقىلىپ نېمە بولسا شۇنى تەكشى يېيىتىپ سالىمىز. ئەڭ ئۈستىگە ئىرىمچىك سالىمىز.
ئىرىمچىكنى سالغاندا، سەۋزە دېگەندەك كۆكتاتلىرىمىزنى قىرىدىغان قىرغۇچ بارغۇ، شۇنىڭغا قىرىپ سالساق بولىدۇ. مەن پىززا قىلسام ئۈستىنى ھېچ يېرى كۆرۈنمىگۈدەك قىلىپ ئىرىمچىك بىلەن توشقۇزىمەن. ئۈستىگە ئەگەر تاپالىسىڭىز بىر نەچچە تېمىم زەيتۇن مېيى تېمىتىۋېتىڭ.
تەييار بولغان پىززىنى ئالدىن قىزىتىلغان دوخۇپكىدا 350-375 گرادۇسقىچە ئاستىدىن قىزىتىپ پىشۇرىمىز. دىققەت: ئۈستىدىن قىزىتسىڭىز ئىرىمچىك بەك ئاسانلا كۆيۈپ كېتىدۇ.
ئىرىمچىك پۈتۈنلەي ئېرىپ، خېمىرنىڭ چۆرىسى قىزارغاندا پىشىپ دەپ ئېلىپ يېسىڭىز بولىدۇ.

تونۇشتۇرۇش:
ئىرىمچىك: غەربتە ئەڭ كۆپ يېيىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. بەلكىم بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ يېگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە ئىرىمچىكنىڭ تارىخى 8000 يىلغا قەدەر سوزۇلىدىغان بولۇپ، تۈركىي قەبىلىلەر ئەڭ بۇرۇن ئىستېمال قىلغان ئىكەن. ھازىر بۇ نەرسە كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايرىلالمايدىغان مۇھىم يېمەكلىككە ئايلاندى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك يىلغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىرىمچىك بايرىمىنىڭ بولغانلىقىغا قاراپمۇ ئىرىمچىكنىڭ نەقەدەر قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ يېنىدىلا بىر ئىرىمچىك دۇكىنى بار. ناھايىتى چوڭ دۇكاندا پەقەت ئىرىمچىك ساتىدۇ. بىرەر يۈز خىل ئىرىمچىك بارمىكىن دەيمەن. كىشىلەر نە-نەلەردىن كېلىپ ئېلىپ كېتىشىدۇ.
ئىنگلىزچىسى: cheese,  خەنزۇچىسى : 干酪
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(ناۋات) ئالاھىدە تائ ..
  • مۇنبەرپۇلى:+80(شىرىن) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • مۇنبەرپۇلى:+200(ئاشپەز) ئەجرىڭىزگە ب ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-18 18:05 | 加拿大 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    توۋا بۇنىڭ ئاخىرىدا خېلى نەرسىلەرنى يازغاندەك قىلغانتىم، قانداق ئىش بوپ كەتتى، يوقاپ كېتىپتۇيا. شوخلا قىيامىنى قانداق تەييارلاشنى يازغانتىم يەنە. بولدىلا ھازىر دەم ئېلىپ كېيىن يازاي بۇنى.
    xukran
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:36 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    uylove
    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    كەچۈرۈڭ، مەن بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك ھېس قىلىۋاپتىمەن.
    ئىتالىيە تامىقى. ئەسلى پىززىنىڭ تۈرى ناھايىتى جىق، ئۈستىگە سېلىنىدىغان خۇرۇچلارنىڭ تۈرىگە قاراپ، خېمىرىنىڭ نېپىز-قېلىنلىقىغا قاراپ ھەرخىل ناملارنى بېرىشكەن ئىكەن. لېكىن مەن ئائىلىدە قولاي بىر خىلنىلا تونۇشتۇردۇم.
    ئىتالىيە تائاملىرىنىڭ ئىچىدە دۇنياغا ئەڭ كەڭرى تارقالغىنى پىززا بىلەن ئىتالىيە چۆپى.
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:47 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئۇنىسى ئېنىق، لېكىن شۇ لەغمەن يوق يەردە ياشىسىڭىز، بەزىدە ئىتالىيە چۆپىنى لەغمەنگە تاۋاپ قىلىپ يېمەكتىن باشقا ئامال يوق دەڭە.
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرىتى:+10(ئاشپەز) قىزققارلىق&nb ..
  • چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 18:54 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    uylove
    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئاۋۇ گۆشناننى كۆرۈپ بىر چاقچاق يادىمغا يېتىپ قالدى. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا ئىنگلىزتىلى مۇئەللمىمىز ئاپىسىنى چوڭ شەھەرلەرنى كۆرۈپ كەتسۇن، دەپ بېيجىڭغا ئەكەپتۇ. ئاپىسىنى پىززا يېگىلى ئاپارسا ئاپىسى تەخسىگە قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، توۋا، ئوقۇپ بارغانچە دۆتلىشىپ كېتىپ بارامسەن نېمە بالام؟ مۇشۇ نېمىنى 100 كويغا ئالدىڭما؟ چەت ئەللىك، چەت ئەللىك دەپ نېمىسىگە شۇنچە قىلىپ كېتىسىلەركىن، قىيمىنى جىلىتنىڭ ئىچىگە تۈگۈشنىمۇ بىلمىگەن....دەپ قاقشاپ كېتىپتىكەن.
    قانداق دەيتتۇق، ئاڭ پەرقى دېگەن مۇشۇكەن. ئۆتكەندە بىرسىگە لەغمەن ئېتىپ بەرسەم يەپ بولۇپ، بەك ئېسىل تاماقكەن بۇ، لېكىن قورساققىمۇ مۇشۇنداق جىق ۋاقىت ئاجراتقان بارمۇ؟ قايسى ۋاقتىڭلاردا ئىشلەپ، قايسى ۋاقىتتا دەم ئالىسىلەر، دەيدۇ جېنىمنى چىقىرىپ. غوجام، مەن بۇ دۇنياغا خىزمەتكە قۇل بولغىلى كەلمىگەن، شۇ ئىشلەپ ياخشىراق يەرمەنمىكى دېمىسە نېمە قىلىدۇ خىزمەت قىلىپ؟ سەن پۇلنى شۇنچە تېپىپ كۈندە ئىككى ھامبۇرگ توقىچى يەپ شۇنىمۇ كۈن دەپ ياشايدىكەنسەن دەپ چىشىغا تېگىپ قويغانتىم.
    بىرىنچى قېتىم يېگەندە ئانچە تېتىماسلىقى مۇمكىن، يېگەنسېرى خېلى ياقتۇرۇپ قالىدىكەن ئادەم.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 19:39 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇ تاماقنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى : pizza، ئوقۇغاندا پىتسا دەپ ئوقۇلىدۇ. پىتسانىڭ تۈرلىرى جىق، چوقۇم گۆش ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھەم چوقۇم پالانى گۆشنى ئىشلىتىش كېرەك دەيدىغان قائىدىمۇ يوق. مەسىلەن پىتسا ھىندىستاندىمۇ ناھايىتى كەڭ تارقالغان تاماق تۈرى، لېكىن ھىندىستاندا چوشقا گۆشى ۋە كالا گۆشى ئىككىسىلا ئىستېمال قىلىنمايدۇ. يۇقىرىدىكى توردىشىمىز دەپ ئۆتكەندەك بۇنى ئۆزىمىزنىڭ تاماق ئادىتىمىزگە ماسلاشتۇرساق تامامەن بولىدۇ.
    ئاللاھ خالىسا بۇ قېتىم تۈركچە پىتسا-لاخماجۇننى تونۇشتۇرماقچىمەن.
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-20 01:45 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئۆزگىرىش بەك چوڭكەن جۇمۇ، پىسا بىلەن ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئەڭ كۆپ يېيىلىدىغان تاماق بوپ كەتكىنىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. بۇنداق بولارىنى بىلگەن بولسام مەنمۇ ئۈرۈمچىدە پىسا بىلەن توخۇ پاچىقى پىشۇرىدىغان ئاشخانا ئاچسام بوپتىكەن.  
    ئەمدىكى يازمامدا تېز تاماقخانىلاردىكى توخۇ قانىتى بىلەن توخۇ پاچىقى پىشۇرۇشنى تونۇشتۇرىمەن، ئاللاھ خالىسا.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 17:21 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    لەغمەننىمۇ ئون خىل قورۇما بىلەن تەييارلىساق ئون خىل لەغمەن بولىدۇغۇ.
    پىتسانىڭمۇ ئاستىدىكى نېنى قېلىن بولغىنى، نېپىز بولغىنى، تۆت چاسا بولغىنى، يۇمىلاق بولغىنى، سوزۇنچاق بولغىنى....دەپ ئايرىلىدۇ. ئۈستىدىكى خۇرۇچلىرىمۇ سىز نېمىنى سالسىڭىز شۇنىڭغا قاراپ ھەرخىل ئىسىملىق بولىدۇ، چامغۇر لەغمەن، گۇيرۇ(ئۇيغۇرچىسى؟) لەغمەن، قىيما گۆش لەغمەن...دېگەندەك. ئىرىمچىكنىڭ نەچچە يۈز خىل تۈرى بولغانكەن، پىتسانىڭ تۈرى جىق بولۇشى تەبىئىي.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-14 19:34 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    خېمىرنى چىڭ يۇغۇرۇپ قويۇپسىز، خېمىر بەكلا بوش، قولىڭىزغا چاپلىشىپ تۇرغۇدەك بولىدۇ.
    لېكىن ئىرىمچىكنىڭ ئېرىمىگىنىگە ھەيران قالدىم. چۈنكى ئېرىمچىكنى قايناق سۇغا سالسىڭىز بىردەمدە ئېرىپ تۈگەپ كېتىدۇ، ئوچاقتا قانداق ئېرىمەي قالغاندۇ؟
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-09 20:08 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈمۈش
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 79 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەسلىدىمۇ پىززىنىڭ خېمىرى سەل چۈرۈكرەك چىقىدۇ. لېكىن بەكلا چۈرۈپ چىقىپ قالغان بولسا ئوتىڭىز بەك بوش بولۇپ قالدىمۇ، يەنە بىر قېتىم سەل يۇقىرىراق قىلىپ تەڭشەپ، پىشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتىڭ.
    ئەگەر پىززىنىڭ خېمىرىنى قېلىنراق قىلغان بولسىڭىز، ئاۋۋال پىززىنىڭ يۈزىگە بىر تال يالتىراق ئاليۇمىن قەغەزنى يېپىپ قويۇپ، ئاستىدىنلا قىزىتىپ 15 مىنۇت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۈستىدىكى قەغەزنى ئېلىۋېتىپ ئىرىمچىك ئېرىپ بەك كۆيۈپ كەتمىگۈچە پىشۇرۇپ ئېلىڭ.
    مۇشۇنداق سىناپ بېقىڭە، يەنە بولمىسا ئىككىمىز ئايرىم دېيىشەيلى، نېمىسى بولمىدىكىن.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-10-17 22:28 | 加拿大

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيغۇر قورىمىلىرى ۋە ئوزلەشتۇرۇلگەن قورىمىلار.
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا