ئۇيغۇرلارنىڭ غىزالىنىش ئادىتى ۋە تاماق تۈرلىرى
ئەجدادلىرىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىككى ۋاق نان-چاي (ئەتىگەن يا كەشتە سۈتلۈك چاي) ، چۈشتە بىرۋاق ئاش بىلەن غىزالىنىدۇ. بۇ بىر ۋاقلىق ئاش ئادەتتە، كۆپ تەركىبلىك خېرىتلەردىن ھازىرلىنىدۇ.مەسىلەن، سۇيۇق ئاشنىڭ ئۇن ،گۆش،ماي، پىياز، چامغۇر ياكى ياڭيۇ، سامساق قاتارلىق خېرىتلەردىن، پولۇ گۈرۈچ،ماي،گۆش ، پىياز، سەۋزە قاتارلەردىن ھازىرلىنىدىغىنىغا ئوخشاش. بەزىدە ئەتىگەنلىك چايدا ھەر خىل مۇراببالارمۇ ئىستېمال قىلىنىدۇ. كەشلىك چايدا ياز كۈنلىرى ئۈزۈم ياكى قوغۇن، قىش كۈنلىرى ياڭاق ياكى ئۆرۈك مېغىزى ، كىشمىش ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىقتىسادېي ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ. شۇنىڭدەك كەچلىكى سۇيۇقئاشمۇ ئىچىلىدۇ.ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۇن تامىقى ۋە گۆش، قىيمىلىق تاماقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ.شۇنىڭدەك تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە قىزىق چاي ئىچىلىدۇ. بىر ئائىلىك ئادەم تاماق ۋاقتىدا جەم بولۇپ داستىخان ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ ئەدەپ بىلەن تاماقلىنىدۇ. تاماق قول، قوشۇق، چوكىدا يېيىلىدۇ.ئۇيغۇر تاماقلىرى مۇنداق چوڭ بەش تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.1.سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلار:ئۇماچ، ئاتىلا، ياما، شوگۈرۈش، ماشخوردا، ئاق ئاش، سۇيۇقئاش.
سۇيۇقئاش -ئۇ چۆپنىڭ شەكلى ۋە ئىتىلىش ئۇسۇلىغا قاراپ، ئۈگرە،ياكى خام قىيما، قورۇما ئۈگرە ، كەسمە، قۇشقاچ تىلى كەسمە ، ئۈزۈپ تاشلاپ سۇيۇقئاش، پوسىلاق ئاش دېگەندەك يەتتە- سەككىز خىلغا ئارىلىدۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2.گۆش ، ئادەتتە مۇنداق ئۇسۇل بىلەن يېيىلىدۇ:
شورپا، ئۇ ھازىرلىنىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئاق شورپا، قورۇما شورپا، چەينەك شورپا دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ .
كاۋاپ،ئۇ ھازىرلىنىش ئۇسۇلىغا قاراپ زىخ كاۋاپ ياكى توغرامچە كاۋاپ، قىيما كاۋاپ، تونۇر كاۋاپ، تاۋا كاۋاپ، قازان كاۋاپ، باراۋەت كاۋىپى، كۆممە كاۋاپ،دۈملىمە كاۋاپ دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
سۈر گۆش،ئۇ قوي، ئات گۆشلىرى تۇزلىنىپ ئىسقا ئېسىلىپ قويۇلىدۇ.
قېزا،ئۇ ئات گۆشى پارچىلىنىپ تۇزلىنىپ ئات ئۈچىيىگە سېلىنىپ سۈرگۆشكە ئوخشاش ئىسلاش ئارقىلىق ھازىرلىنىدۇ.
3.قورۇما تاماقلار: ئەجدادلىرىمىز قورىما تاماقلارنى يېيىشنى ئانچە ئادەت قىلىپ كەتمىگەن. بۇئەجدادلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدىكى غىزالىنىش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمەك قۇرۇلمىسىدىمۇ تەدرىجىي ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇش بىلەن قورۇما تاماق تېيىش ئادىتى شەكىللەنگەن. ئۇ ھازىرلىنىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۇن تەركىبلىك، گۈرۈچ تەركىبلىك قورۇما تاماق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.
ئۇن تەركىبلىك قورۇما تاماقلار: بۇ، لەڭمەن، پەرمان ،قورداق ،نان قورداق ، قىيما قورداق ، چۆپ ، ياپما ، سىقماق، زاڭ، تالقان، شوجۇرا (ھازىر پىنتاڭ ياكى سۇەنتاڭ دەپ ئاتالماقتا) ۋە ھەر خىل قورۇمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گۈرۈش تەركىبلىك قورىما تاماقلار: بۇ پولۇ، شويلا، بەتتە، گاڭپەن، ھېسىپ، سىڭدۇرمە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.قىيمىلىق تاماقلار:قىيمىلىق تاماقلار مانتا، چۈچۈرە، جۇۋاۋا، سامسا ، پەرمۇدە، خوشاڭ، گۆش نان، پۆرە، تۇرمەل، تەپمەك، مۇندەك ، شوڭگۇتماق قاتارلىق تاماقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5.تاتلىق يېمەكلىكلەر:ھالۋا، بۇلىماق، شېكەر مانتا، رىشالە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .مەنبە_(ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى) ئېلىندى.