بىر كۈنى مەن كوچىدا كېتىۋاتسام ئاشپەز سەمەتجان ئۇچراپ قالدى. نەگە ماڭدىڭىز دەپ سورىسام ،
ئەتىگەن بەش تال نان ئالغانتىم، ئۆيگە ئاپىرىپ قارىسام ئارىسىدىن بىرسى نىپىزرەك تۇرىدۇ،شۇنى
ئالماشتۇراي دەپ ناۋايخانىغا ماڭدىم دەيدۇ.
....................................................
ئاشپەز سەمەتجان ئامىرىكا زۇڭتۇڭى ئوباماغا شوپۇر بولغان كۈنلەردە ئوباما بىر كۈنى جددى بىر
يىغىنغا مېڭىپتۇ. سەمەتجان ماشىنىنى بەك ئاستا ھەيدەپتۇ. ئوبامانىڭ ئاچچىغى كېلىپ چۈشە
ماشىنىدىن ،ماشىنىنى ئۆزەم ھەيدەيمەن سەن ئارقىدا ئولتۇر دەپ ماشىنىنى تېز سۈرئەتتە ھەيدەپ
كېتىۋاتسا چوۋسوغا چۈشۈپ قاپتىكەن قاتناش ساقچىسى توسۇۋېلىپ ،بىر ئوباماغا بىر سەمەتجانغا
قاراپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قاتناش مىنىستىرىگە تېلفۇن قىلىپ، مىنىستىر ئەپەندى مەن بىر
كاتتا ئەرباپنىڭ ماشىنىسىنى تۇتۇۋالدىم قانداق قىلىمەن دەپ سورىسا ، مىنىستىر ،ساقچىدىن قانداق
كاتتا ئەرباپكەن ئۇ دەپ سوراپتۇ. ساقچى مىنىستىرگە قايسى كاتتا ئەرباپ ئىكەنلىگىنى تونۇيالمىدىم،
بىراق شوپۇرى زۇڭتۇڭ ئوباما ئىكەن دەپتۇ.



[ بۇ يازماشىرىنتەرپىدىن2010-08-16 19:47دە قايتا تەھر ]