daris sohpat بىلىمزار توربېكىتى
ئىلچى
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 833
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرىتى: 15 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 110 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 4 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

خالىدە ئىسرائىل

مەن نانغا ئامراق.ئاچچىق دەملەنگەن چايدىن ئاندا-ساندا ئوتلاپ قويۇپ،مەززىلىك، سىڭىشىپ پىشقان ئاق ناننىڭ ئوتتۇرسىنى گۇرۇچلىتىپ چايناپ يىيىش مەن ئۈچۈن ئالەمچە ھوزۇر،مەن يەنە ئىسسىق گىردىنىڭ قىپقىزىل يۈزىنى سويۇپ يەۋېلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن.كىچىك ۋاقىتلىرىمدا گىردىنىڭ ئۇلىغا ئامراق ئىدىم،ئەتىگەنلىك چايدا يۇمشاق يۈزىنى يەۋېلىپ، ئۇلىنى يانچۇغۇنغا سېلىۋالاتتىم.تەنەپۇس ۋاقتىدا ئۇشتۇپ ئاغزىمغا سېلىپ شورلىرى بىلەن خۇددى كەمپۈت شۈمۈرگەندەك شۇمۇرۇپ يەيتتىم.
ھېيت-بايراملاردا  ئۆيىمىزگە تۇققانلىرىمىز -ئاق رومال .ارتقان ،ئاق چاچلىق ئاياللار كېلىپ يوغان تونۇرغا  ساڭزا-بوغۇساقتىزىدىغان ھارۋا چاقىدە يوغان ھەمەك نانلارنى ، سەل كىچىكرەك ئاق نانلارنى ،توم نان، قاتلىما، توقاچلارنى ياقاتتى.تونۇردىن يېڭى سويۇۋېلىنغان نانلارنى ئىكى-ئۇچتىن قىلىپ شامال ئۆتۈشىدىغان قىلىپ تىزىپ قويۇشاتتى.ئۆينىڭ ھەمىلا يېرى مەزىلىك ناننىڭ ھىدى بىلەن تولغان شۇنداق كۈنلەردە ئاتا-ئانامنىڭ چىرايىمۇ خۇددى ئاق ناندەك يۇرۇق، يېقىملىق كۆرۈنەتتى.
نان ھىدى ھازىرمۇ ماڭا ئاشۇ ئاق چاچلىق ئانىلارنى ئەسلىتىدۇ.
يىلدا ئىكى -ئۇچ قېتىم ئۆيىمىزگە ئاتۇشتىن بىر  قارۋاي  تۇققىنىمىز كېلەتتى. بىز ئۇنى ئابلىز ئاكا  دەپ چاقىراتتۇق.كوچا بېشىدا ئۇنى كورۇپ قالساق يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا ئېسىلىۋالاتتۇق، كەپسىزرەكلىرىمىز بويۇن باشلىرىغىمۇ چىقىپ قالاتتۇق..تاكى ئۇ ئاپپاق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ،ئېشەككە ئارتقان خورقۇننىڭ ئاغزىنى ئاچقانغا قەدەر ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيتتۇق.
ئۇ  ئەكەلگەن ھەمەك نانلار  ئۇشتۇلماي رېزىنكىدەك سوزۇلۇپ تەستە ئۈزۈلەتتى.تەمىمۇ قايماقتەك مەزىلىك بولۇپ، يىگەنسىرى يىگۈسى كېلەتتى. خۇرجۇننىڭ يەنە بىر كۆزىدە قوناق ئۇنىدا يېقىلغان، قارىماققا شۇ چاغلاردا ئانىلىرىمىز  كىر يۇيىدىغان سوپۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان يۇمۇلاق زاغرا نانلار بار ئىدى.سىرتى قارامتۇل قىزىل، ئىچى يۇمشاق،ئۇۋۇلۇپ تۇرىدىغان ، تەمى تاتلىق سۈت  پۇرايتتى، بىز ئۇنى قۇرت غاجىلىغاندە غاجاپ، تامشىپ يەيتتۇق.
چوڭ بولغانچە بارغان يەرلىرىمنىڭ كۆپ بولىشىغا ئەگىشىپ، خىلمۇ-خىل نانلارنى كۆردۈم.خوتەننىڭ  يېزىلىرىدا  دىھقانلارنىڭ سېرىق قوناق ئۇنىغا لازا،شوخلا، پىننە، سېلىپ ياققان،ئۆستەڭگە تاشلاپ قويۇپ ئايىغىدىن سۈزۈۋېلىپ يۇمشاتقان نانلىرىنىمۇ تالىشىپ يەيتتۇق.ئەشۇ ناننىڭ تەمى ھېلىمۇ ئاغزىمدا.
ئۇرۇمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندىن بۇيان، كۇچارنىڭ  تاۋاردەك نېپىز، يۇمشاق ،قات-قات بىجاق نانلىرى، سىڭىپ پىشقان ، سۈتكە چىلىشى بىلەنلا  ئۆپكىدەك يۇمشاپ  كېتىدىغان تۇرپان نانلىرى داستىخانلىرىمىزدىن ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.
مەن  ھەر قېتىم ئۈرۈمچىنىڭ بۇلاقبېشى ، دۆڭكۆۋرۈك تەرەپلىرىگە ئۆتۈپ قالسام،ھارۋىلارغا دەستىلەنگەن،سۇلياۋ خالتىلارغا سېلىنغان نانلارنى تاماشا قىلىمەن.ئۇنى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكىم ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ تالىشىپ ئەكىتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ  شادلىنىپ كېتىمەن.ئۇنىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي، موسكىۋا،ئالمۇتا، بىشكەك، تانكەنت،ئىستانبول لاردا ، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يېرىدە بازار تېپىۋاتقانلىغىنى ئويلاپ سويىنىمەن.
نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمى خارابىلەردىن تېپىلغان نانلار، ناننىڭ تارىخىنىڭ نەقەدەر ئۇزۇن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.ئۇزاق تارىخداۋامىدىكى مۇرەككەپ ئىجتىمائى ئۆزگۈرۈشلەر،دىن، مەدەنىيەت ئوزگۈرۈشلىرى ۋە خىلمۇ خىل قىسمەتلەر ناننىڭ قىممىتىنى،ھاياتى كۈچىنى يوقىتالمىدى.ئۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ئەجرى،ئۇلارنىڭ ھىممىتى بىلەن ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا ئۇلىنىو ئەتىۋارلىنىپ كەلمەكتە.مانا...تارىخ يېڭى بىر ئېراغا قەدەم قويغان، كىشىلەرنىڭ ماددى  تەلىۋى كۈنسىرى ئېشىۋاتقان ھەممە نەرسىنىڭ قىممىتى  قايتا باھالىنىۋاتقان  مۇشۇ كۈنلەردىمۇ نان يەنىلا ئۆز قەدرى بىلەن ئەتىۋارلىنىپ تۇرماقتا.
مەن مەدەنىيەت قارىشىق تار كىشىلەردىنمۇ ئەمەس،ئەمما ناننى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل يىمەكلىك ،دەپ قارايمەن.ياۋروپالىقلارنىڭ تۆرت-بولكىلىرى يىيىشلىك ،ئەمما ناندەك سېڭىشلىك ئەمەس،ھورنان ئىسسىق چېغىدا قورۇما بىلەن  يىيىشكە مۇۋاپىق.
بىر چاغلاردا قايسى بىر ژورنالدا مىسىرلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تونۇرىنى كۆرۇپ قالدىم،ئۇلارنىڭ تونۇرى بىزنىڭ تونۇرغا ئوخشاپ قالىدىكەن، لېكىن ئۇلار ئوتنى ئىچىگە قالاپ، ناننى سىرتىغا ياقىدىكەن.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەر تونۇرىدا پىشۇرغان تاۋا نانلىرىمۇ بىزنىڭ ناۋايلىرىمىزنىڭ ھارارىتى تاۋلانغان تونۇر ئىچىگە باش تىقىپ، قىزىق  شور ئۈستىگە ياققان  نانلىرى ئالدىدا  چېنىپ قالىدۇ.
بۇ مېنىڭ قارغۇلارچە ماختانغىنىم ئەمەس،ئەلۋەتتە. ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس چەتئەللىكلەرنى كۈتىدىغان ئەڭ ئالىي مىھمانخانىدا ئۇزاق يىل ئىشلىگەن بىر ئاشپەز ئۇستام ئۆز ئاغزى بىلەن بىرنەچچىمىزگە مۇنۇ ھىكايىنى سۆلەپ بەرگەن ئىدى.
يۇگۇسلاۋىيەنىڭ رەئىس جۇمھۇرى، مەرھۇم تېتو 1970- يىللاردا جوڭگۇدا زىيارەتتە بولغاندا ئۈرۈمچىدىكى ئاشۇ مىھمامخانىدا بىرنەچچە كۈن تۇررۇپتۇ. ئۇنى ئۇزىتىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتتە ئۇ مۇشۇ تائاملارنى ئەتكەن ئاشپەز بىلەن كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى ئېيتىپتۇ.ئاشپەز ئۇستام چاقىرىلىپتۇ. تېتو ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشپەز ئۇستامغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سالام قىلىپ كۆرۇشۇپتۇ.ئاندىن شىرە ئۈستىدىكى تائاملارنى ماختاپ كېتىپتۇ  ۋە ئاخىرىدا يۈزىگە كۈنجۈت بىلەن سىيادان سېپىلگەن  ئاق ناننى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ .
-مانا بۇ ھەممىدىن سىڭوىشلىك، ھەممىدىن ئىسىل تائام ئىكەن،- دەپتۇ.
نان داستىخاننىڭ كۆركى، سەپەردە ھەمراھ،ئۇنى قۇرۇق يىيىشكىمۇ، قورۇما بىلەن يىيىشكىمۇ چايغان ياكى سۈتكە چىلاپ يىيىشكىمۇ بولىۋېرىدۇ.
نان كۆز ئالدىمىزدا تۇرسا ، ئۇنىڭ قەدرىگە يەتمەيمىز،بىرنەچچە كۈن كۆرمىسەكلا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىغىمىزنى  ھىس قىلىمىز.
مەن بىر قېتىم خىزمەت بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىشقا توغرا كەلدى،بېرىپ كېلىشىم پەقەتلا  نەچچە ئون كۈن بولسىمۇ  شۇنچىلىك نان سېغىندىمكى سېغىنىشىمنى باسالمايلا قالدىم.پويىزدا ناننىڭ گېپى بولۇپ، بىر  سەپەردىشىم مەملىكەتكە داڭق چىققان بىر ئايال خىروئىن سودىگىرىنىڭ  ئىچكىرى ئۆلكىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشتىن ئىلگىرى  تۈرمە  باشقۇرغۇچىلىرىغا ؛<< قانچىلىك پۇل دىسەڭلار بېرەي، ماڭا نان ئەكىلىپ بەرسەڭلار>> دەپ يېلىنغانلىغىنى سۆزلەپ بەردى.مەن بۇنى ئاڭلاپ ھەقەقەتەن ئىشەندىم.قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا، بەختىگە، كۆڭۈل ئارامىغا زامىن بولغان قانچىلىغان ئەزىزلەرنى ىارۇ-زار قىلغان بۇ قارا كۆڭۈل ئايالنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بىر بۇردا نانغا زار  بولىشى ماڭا بىر ئىلاھىي قىسمەتتەك تۇيۇلدى.
شۇنداق...نان ئۇلۇغ.
ئۇ مىڭ قولدىن ئۆتۈپ، مىڭ خىل ئارزۇ-ئارمان ۋە ساپ تەر بىلەن يۇغۇرۇلۇپ پىشقان.ئۇ ساختا بوياقلاردىن خالىي،ئۇ چىن ۋە تەبىئى ،پاك ۋە ھەقىقى ھالال، شۇڭا مەڭگۈ يوقالمايدۇ، مەڭگۈ ئەزىزلىنىدۇ. مەڭگۈ ھۆرمەتلىنىدۇ.

ئاپتورى..... ش ئۇ ئا ر يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
مەنبە.شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2003- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى.
mukapat
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-08-09 21:34 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئىلچى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 664
شۆھرىتى: 6725 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6880 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 684 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 261(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

خالىدە ھەدىمىز ناھايتى ياخشى يېزىپتىكەن بۇ نەسىرنى، مۇنبەردىكى تېما ئىگىسىگىمۇ كۆپ رەھمەت.  
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-10 12:01 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيغۇرلارنىڭ شىپالىق تائاملىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا