خاسىڭ مېغىزلىق تۇخۇ گۇشى(宫保鸡丁) قورىمىسى
ماتىريالى؛ تۇخۇنىڭ توش گۇشى(لوق گوش)200گىرام،خاسىڭ مېغىزى(يەرياڭىقى) 50گىرام كوك مۇچ 1تال
تەم خۇرۇچلىرى؛ تۇز،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن، زەنجىۋىل،كىراخمال،سامساق، غولپىياز، تۇخۇم1دانە سۇماي
تەييارلاش ئۇسۇلى؛خۇسىڭ مېغىزىنى مايدا پىشۇرۇپ پوستىنى ئاقلاپ تەييارلىۋالىمىز تۇخۇ گۇشىنى خۇسىڭ
مېغىزى چوڭلىقىدا توغراپ،تۇز ئاقمۇچ.زەنجىۋىل سۇيى.كاۋۋاچىن ئۇنى.كىراخمال(بىرقۇشۇق) تۇخۇم1(ئېقى) چېقىپ
تەملەندۇرۋالىمىز.كوكمۇچنىمۇ دان-دان توغراپ (تەرخەمەكبولسىمۇ بۇلىدۇ)تەييارلىۋالىمىز.

قۇرۇش ئۇسۇلى؛قازانغا 4چۇمۇچ سۇماي قۇيۇپ قىزىغاندا تەملەندۇرۇلگەن تۇخۇ گۇشىنى سېلىپ مايدىن
ئوتكىزىمىز.قازاندا ئازراق ماي قالدۇرۇپ غول پىياز سامساق زەنجىۋىل سېلىپ قۇرۇپ ئارقىدىن تۇخۇگۇشى
خاسىڭ مېغىزى كوك مۇچلارنى سېلېپ تۇز ئاقمۇچ ئازراق سۇ قۇيۇپ يول كىراخمالدىن ئازراق قۇيۇپ
تۇز تەمىنى تېتىپ تەخسىگە ئۇسىمىز.
