illikdunya.biz abduheni
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
تۇز
مۇنبەر نازارەتچىسى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 3
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 636
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 344(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەزىز چوققىلىدى .(2010-08-18)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى   مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز‹‹ئۈرۈمچى››نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان،مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام(ياكى شۈبھىلىك) يېمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈر   مەكچىمەن.
بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا دانىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈپ،بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن  ھەم ئۇلۇغ ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن.
ئاپتورى:تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان،تەخەللۇسى ئۈرۈمچى.
لىنشىيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومتىتى بېسىپ تارقاتتى.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
ھازىر مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى
ئېغىر.نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە.بۇنىڭ سەۋەبى،تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى،يېمەكلىك تاللاشتا سەرخللىشىش،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش،شەكىل جەھەتتىن دەۋرلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا‹‹خەنزۇچە››دەپ يېزىلماي،‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى‹‹ھالال››دېگەن خېتى بار يېمەكلىك بولسىلا بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى.ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى،قاننى،چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى بىلەن زىكىرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى››(2-سۈرە بەقەرە173-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە.ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:‹‹روھنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.نەپسى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن)كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ››.(91-سۈرە شەمىس10-ئايەت).بىر مۆئمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا،چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك.ئەگەر ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى.ئۇنى ئايرىپ ئىستىمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان ،مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشيادىكى داشىگۈەن جامەسىدە جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ،بېيجىڭ،تىيەنجىن،خېبېي،شەندۇڭ،يۈننەن،شىنجاڭ قاتالىق رايونلاردا بازارغا سېلىنىۋاتقان ھەر خىل‹‹مۇسۇلمانچە››ئەمەس يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش
قىلىش شەرپىگە ئېرىشتىم.
1-چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى(骨胶)دۇر.سۆڭەك يىلىمى بولسا،تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم،بۇنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ.بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى.تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك،چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى.بۇ ئىنچىكە پىششقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز(口香糖)،كەمپۈت،شاكىلات ۋە تۈرلۈك سۈت كەمپۈتلىرىگە قوشۇلىدۇ.يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېخنىكا يىڭىلاش دەۋرىدە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە.مەسىلەن:‹‹قايماقلىق سۈت پاراشوگى،سۈتلۈك چوكا مۇز،سۈتلۈك ماروژنا،مېۋە ئۇيۇتمىسى........قاتارلىقلار.سۆڭەك يىلىمىنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ،مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەن تىيەنجىن شەھەرلىك سوغۇق ئىچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغۇق ئىچىمىكلەر زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈردۈم.تېخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.
1).بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ.زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
2).پوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراببا ۋە شەربەتلەر،يەنى شاپتۇل،ئامۇت،ئەنجۈر،ئاپلىسىن،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن ئىلگىرى 500گىرام دىتسىلەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەنت سېلىپ،ھاۋانى سۈمۈرىۋېلىپ،ئاغزىنى ھىم ئېتىپ دېزىنفىكسىيە قىلاتتى.ھازىر دىئابىت كېسىلى،زىيادە سېمىزلىك كېسىلى،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرى كۆپەيدى.بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغرۇلۇق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.كېيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىلەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش ئامالىنى قوللاندى.ھازىرقى كونسىرىۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك،تەركىۋىدە ئۇماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز.مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
3).ھازىرقى خالتىلىق ناۋات(يەنى كىرىستاللانغان ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ).يىگەندە چۈرۈك،تەمى تاتلىق،قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى،تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ،ساقلاشقا ئەپلىك،ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
4).مېۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ،بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىرىكى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىرىدىن15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.ياسالمىلىرىغا مەبلەغ ئاز،پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
5).كېسىلگەن چۆپ(挂面)ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سېلىش ــ بىر ئاش كېسىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە،زاۋۇت خادىملىرى بىرگە ئوچۇقلا قىلىپ:‹‹ئەگەر كېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق،سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئۇماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››دېدى.سىز چۆپ كېسىش ئورنىدا كېسىلگەن چۆپنى قازاندا قاينىتىپ،سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كېلىدۇ.
6).پىنتوزا ياساش:پىنتوزا پۇرچاق تۈرىدىكى ئەشيالار،كۆممەقوناق،ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ،يۇقارقى خامئەشيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمۇ قوشۇلىدۇ.بولۇپمۇ لازىچاڭ ۋە تېتىتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ.باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازراق.ئەگەر لازا كونسىرىۋاسىنى بىر كۈن قايناتسىمۇ ئۇماچتەك بولۇپ قالمايدۇ،بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى.سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىر خىل سەي كونسىرىۋاسىنى(菜浆)نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئېرىتسىڭىز،ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز،يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك.
بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:چوشقا سۆڭىكى يىلىمى يۇقارقى ئىستىمال بۇيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ.جوڭگودا1مىليارد300مىليون خەلقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 95%نى ئىگەللەيدۇ.ھەرقايسى شەھەر،ناھىيىلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ،پەقەت تازلىق،سەھىيە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا،تۈرلۈك تېتىتقۇلارنى قوشىۋېرىدۇ.يېمەكلىككە قوشىلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى:چوشقا سۆڭىكى،كالا سۆڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە كالا،قوي سۆڭىكى ئېختىياجنى قاندۇرالمايدۇ.چوشقا سۆڭىكى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ھارام،شەرىئەتكە خىلاپ!ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار،مەسىلەن:دېڭىز يىلىمى،كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرياللارنىڭ تەننەرخى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرخىدىن10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.بۇلار ئاساسلىقى تىببىي داۋالاش،دۆلەت مۇداپىئەسى،تەجرىبە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ.بىر ئادەتتكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىىمىز،ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سېلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان.بۇ ئاساسەن خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ.جاڭيۇ تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرىۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەڭ خەتەرلىكى چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ،مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يېمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۈنئىي سۈت پاراشوگى،سۈنئىي قايماق،تورت مېيى،قاتۇرغۇچ ۋە باشقا تېتىتقۇچلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،چوڭ خوجايىن-بايۋەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسەن چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.يېمەكلىك سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيى سۈرىۋەتسە،يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋانات مېيىدىن چەكلىنىپ،تەمسىز،پۇراقسىز،سۈزۈك،سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرىلىدۇ.97-يىلى چاڭچى خېمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقىرى تېمپىراتۇرا شارائىتىدا ئاساسىي ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيۇنى مۇۋەپەقىيەتلىك چەكلەپ،ھازىرقى يېمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز،غەيرى پۇراقسىز،رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى.سىز بارمىقىڭىزدا سىلاپ بېقىپمۇ شەكلى ئۆزگەرتىلگەن چوشقا مېيىنى پۇراپ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.بىز تىيەنجىن شەھەرلىك سۈنئىي سۈت پاراشوگى(سۈت مەھسۇلاتلىرى)زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرسەك،سۈت پاروشوگىنىڭ ئەسلى مەنبىئىي پۇرچار تۈرىدىكىلەر بولۇپ،پۇرچاق مېيىنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پۈركۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قاتۇرغۇچىغا سىڭدۈرۈپ،سۈنئىي پاروشۇك ياساپ چىقىدىكەن.بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە قاتۇرغۇچى چوشقا مېيىدىن ياسالغان.تورت دۇكانلىرىدا ئەگەر زاۋۇتنىڭ تەم كىرگۈزگۈچى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بۇمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوشقا مېيىنى چەكلەپ سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ،ھەر خىل نام بىلەن رېستۇرانلارنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقارغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرلەر لەنجۇدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.بۇ ھەقتىكى جەمىيەت مۇنازىرىسى بىلەن لەنجۇدىكى سودا-سانائەت،سەھىيە ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ جىددىي تەكشۈرۈپ،ھارام بۇيۇمنىڭ چىقىش مەنبىيىنى ئىزلەپ،تىگخشلىك جازاسىنى بەرگەەندىن كېيىن،مۇسۇلمانلارنى بۇلغايدىغان بۇ قىلمىشلار ئەمدى باشقىچە شەكىلدەباشقا جايلاردا يامرىماقتا.
2.يەنە بىر چوڭ مەسىلە:كالا،قوي،توخۇلارنى بوغۇزلاز مەسىلىسى.خېنەن،خېبېي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم خۇزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە خىلاپ كالا قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى.بىز شەندۇڭ لۇەنشەن ناھىيىسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرىگەندە،بۇ يېزا مەھشۇر پاسساپلار يېزىسى بولۇپ،بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق.ىۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.بەزى قاسساپلار ئۇچلۇق بىگخزنى كالىنىڭ مىڭىسى ئوتتۇرىدىكى نېرۋا مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە،مۇنداق قىلغاندا جان چىقمىغاچ گۆشنىڭ ئومىي ئېغىرلىقى ئاشىدىكەن.مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ.مۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ.خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلارگە مەيلى‹‹ھالال››ياكى‹‹مۇسۇلمانچە››دەپ يېزىلغان بولسۇن،بۇ گۆشلەر قوي-كالا فېرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن.جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارغا يېزىلغان‹‹مۇسۇلمانچە››دېگەن خەتكە ھېچكىم  قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ.ئاشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھېسابلايدىغانلار ئىماننىڭ قارىشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.بۇنداق يېمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ،سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ.بۇ كۆپ يىللاردىن بېرى كۆرىلىۋاتقان ئەمەلىيەت.
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :‹‹زېمىندىكى ھالال پاك نەسىلەردىن يەڭلار،سىلەر مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار››دېدى.(5-سۈرە مائىدە78-ئايەت)
ئاللاھقا كۆپ شۈكرى،بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ،لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك تەلىۋى.ھۈرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار،بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا-قازاغا دۈچ كەلدۇق.نېمىشقا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز سۇس؟ئىمانىمىز زەئىپ؟نېمىشقا ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىترىتەلمەيدۇ؟نېمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قېتىپ قالدى؟سەۋەپ بىرلا،ئۇ بوڭلسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن.ھارامنى يىشىش قەلىبنى بۇلغايدۇ.بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت.
بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمەنكى،ئى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى قېرىنداشلار!قەددىڭىزنى رۇسلاپ،كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسپەتەن يۈكسەك ھۇشيار بولۇڭ.ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق.بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋېتەيلى.نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى.گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭو پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن.ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت،ئىمانى ھايات،ئىمانى داستىخان كېرەك.بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش،سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بولغانمىلارنى بايقاپ،بىرلىكتە نەپسىمىزنى ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا كەرەملىك ئاللھتىن تىلەيلى!
ئى ھەممىگە قادىر ئاللاھ!بىزگە ياردەم قىلغايلا!بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا!ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا!دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا!بىزنى ھالال نەرسىلەر ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغايلا ۋە ساقلىغايلا!بىزدىن رازى بولغايلا!......ئامىن!بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى ئۇرغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن جەڭگىۋار ئەپەندى بولۇپ،بۇ ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يۈتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىپ بۇ توربەتكە يوللىدىم.
ھازىر يۇرتىمىدا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ئېغىر،بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئېلىپ بېرىلىدىغان تاتلىق تۈرمىلەرنىڭ.........

يوللىغۇچىدىن:تېما  ئارىسىدكى بەزى ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى ئەسكەرتىلمىگەچكە،قىسقارتىۋەتتىم.توغرا چۈشەنگەيسىلە~~~~ئەسلى

مەنبە:http://hakaniya.cn/BBS/viewthread.php?tid=94
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-22 00:56 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
Ali_Telak

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1329
شۆھرىتى: 13635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 22638 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 1379 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

گال پاك، دىل پاك
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-22 13:27 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2819
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 817(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۈبھىلىك نەرسىلەرگە  يېقىن  يولىماسلىق  كېرەك .  سىزگە  كۆپ  رەھمەت !
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-22 14:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
bmalik
ئادەمنىڭ نىشانى چوقۇم ئېنىق بولىشى كىرەك .
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 50
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرىتى: 411 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 580 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 48 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-06-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاۋال گالنى يىغىش كىرەك ، ئامال بار شۈبىھلىكى بار يىمەكلىنى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك .
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-22 17:22 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( bmalik ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

aynare
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 207
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 214
شۆھرىتى: 2155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2259 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 216 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 85(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەن بۇ تېمىنى ئىككى يىل ئىلگىرى شەبنەم مۇنبىرىدە ئوقۇپ شۇندىن باشلاپ دىققەت قىلىدىغان بولغان،بەزى نەرسىلەرنى پەقەت بىلگىلى بولمايدىكەن،ساۋابىنى ئاللاھ بېرە،ئەجرىڭىزگە  تەشەككۈر!
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-22 17:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( aynare ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kumlukburisi
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 619
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 102
شۆھرىتى: 1115 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1250 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 128 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بىزنىڭ دىننى ئالىملىرىمىز بىزگە بىر يۇرۇق يول ،توغرا نىشان ،نىمىنى يىيىش ،نىيمىنى يىمەسلىك توغرىسىدا ئىنىق يوليۇرۇق بىرەلمىدى .ھەم بىزدىكى پەن تېخنىكا ،ئىشلەپچىرىش كۈچى ئۇيغۇرنىڭ يىمەكلىك ئىھتىياجىغا ماس ھالدا ھالال نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ .ئەڭ ياخشىسى بۇ يەردە تۇرمىغان ياخشى .
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-22 20:14 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( kumlukburisi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرجان
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 65 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

يىمەك ئىچمەككە دىققەت قىلغان ياخشى ، ئوبدان يوللاپسىز !!!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-22 20:15 | 新疆克拉玛依市

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۇيغۇرجان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

nuzugum

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 15
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2102
شۆھرىتى: 21484 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26320 دوللار
تۆھپە: 123 ھەسسە
ياخشى باھا: 2485 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 387(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

سىزگە  كۆپ  رەھمەت !
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-23 16:23 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( nuzugum ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kumlukburisi
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 619
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 102
شۆھرىتى: 1115 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1250 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 128 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 33(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ماۋۇ تىما ئىنكاس قوزغىشى كىرەك ئىدى.ھېچ بولمىغاندىمۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ باقسا ،كىشىنىڭ دىلى سۈيۈنگىدەك پىكىرلەر چىقسىمۇ بۇلاتتى .ئۇرسىمۇ جىم ،تىللىسىمۇ جىم ،ئەسەرگە ئىنكاس يېزىڭ دىسىمۇ جىم .تازىمۇ بىر خەقلەركەن ماۋۇ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-23 18:25 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( kumlukburisi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 36
يازما سانى : 2819
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 817(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بۇ يەرگە كىرسەك   نۇرغۇن  سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايمىز !

http://www.merifet.net/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1248
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-23 19:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلام يىمەكلىك ساغلام ھايات
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا