يۇنۇس ھەمدۇللا بېكەت باشلىقى سەمەتجان بىلەن بىللە
ئىسمى:يۇنۇس ھەمدۇللا
يېشى:65
يۇرتى:1945-يىلى4-ئاينىڭ15-كۇنى مورى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان
ۋەزىپىسى :ئاشپەز ئۇقۇتقۇچىسى
ئۇنۋانى:جۇڭگو دىكى ئەڭ داڭلىق ئاشپەز ،شىنجاڭ دىكى ئەڭ داڭلىق ئاشپەز،جۇڭگو ئاشپەزلىك جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى،دۆلەتلىك1- دەرىجىلىك باھالىغۇچى،شىنجاڭ ئاشپەزلىك جەمىئىتىنىڭ ئىجىرائىيە ھەيئىيى ھەم مەسلىھەتچىسى،شىنجاڭنىڭ ئالىي دەرىجىلىك باھالىغۇچىسى ئاشپەزلىك ترنىېئىر،شىنجاڭنىڭ ئاشپەزچىلىك مۇتەخەسسىزلەر گۇرپىسىنىڭ ئەزاسى،پەن تىخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىلار جەمىئتىنىڭ ئەزاسى
خىزمەت تەجىربىسى:46يىللىق خىزمەت تەجىربىسگە ئىگە
مىجەزى: ئىنتايىن خۇشچاقچاق:
تىلفۇن نۇمىرى:
بۇ ئورۇندىكى مەزمون يۇشۇرۇلغان ، سىز ئىنكاس قايتۇرغاندىلا كۆرەلەيسىز
ئويغۇرئاشپەز توربىتى ئاشپەز ئارخىپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى
تىلفۇن نۇمىرى:13999072821
ئوتتۇردا :داڭلىق ئاشپەز يۇنۇس ھەمدۇللا، بېكەت باشلىقى سەمەت راخمان،تۇردى ھىمىت،
داڭلىق ئاشپەز تۇرسۇن قاسىم ھەم مۇنبەردىكى تورداشلار خاتىرە سورىتى
يۇنۇس ھەمدۇللانىڭ تەپسىلى تەرجىمىھالىيۇنۇس ھەمدۇللا 1945-يىلى 4-ئايدا مورى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان .مەدەنىيەت سەۋىيىسى ئالىي تېخنىكۇم .ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق كەسپى ئونۋىرسىتىتى ساياھەتچىلىك –ئاشپەزلىك فاكۇلتېتىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى .ئۇ1964-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە مورى ناھىيىسى ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئاشپەزلىك قىلغان .1986-يىلىدىن تا ھازىرغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .ئۇئاشپەزلىك ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 40يىل جەريانىدا ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ كەسىپتە ۋە دەرىس ئۆتۈشتە ئەستايىدىل بولۇپ ،توختىماي ئىزدىنىپ ،ئاشپەزلىك بىلىمى ۋە كەسپى تېخنىكىسىنى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈپكەلدى .
ئۇ1982-يىلى 8-ئايدا 3-دەرىجىلىك ئاشپەز ئۇستا ئۇنۋانىغا ،1992-يىلى ئالاھىدە 3-دەرىجلىك ئاشپەز ئۇستا ئۇنۋانىغا 1994-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مۇسۇلمانچە ئاشپەزلىك مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا ،1994-يىلى 8-ئايدا ئالاھىدە 2-دەرىجىلىك ئاشپەز ئۇستا ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .1995-يىلى 5-ئايدا دۆلەت دەرىجىلىك ئاشپەزلىك دەرىجىسىنى باھالىغۇچىلىققا،1996-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئاشپەزلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئەتلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان .1997-يىلى 9-ئايدا جوڭگو ئاشپەزلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان .1998-يىلى 1-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئالىي دەرىجىلىك باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان .1998-يىلى 4-ئايدا «جۇڭگو ئاشپەزلىكى » دېگەن خەنزۇچە دەرىسلىكنى تۈزۈشكە قاتناشقان .
1998-يىلى 9-ئايدا شەرەپ بىلەن «شىنجاڭنىڭ داڭلىق ئاشپەز پىشۋاسى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن .1998-يىلى ئاشپەز ئۇستىلارنى باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان .2000-يىلى ئۇيغۇر تىلىدا «ھەرخىل قورۇما قورۇش ئۇسۇللىرى » دېگەن كىتاپنى نەشىر قىلدۇرغان .2002-يىلى 8-ئايدا «جۇڭگوچە تائام ۋە قورۇمىلارنى ئوقۇتۇش » دېگەن خەنزۇچە دەرىسلىكنى يېزىشقا قاتناشقان ،2001-يىلى 8-ئايدا «مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر »دېگەن خەنزۇچە كىتاپنى تۈزۈشكە قاتناشقان ،2003-يىلى 4-ئايدا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن «شىنجاڭ ئاشپەزلىكىدە يەككە تۈرلەردىن ئىمتىھان ئېلىش نۇسخىسى » دېگەن خەنزۇچە دەرىسلىكنى تۈزگەن .2003-يىلى «دۇنيا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسىلىرى قامۇسى »غا كىرگۈزىلدى .
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۇنى ئاشپەز پىشۋاسى يۇنۇس ھەمدۇللاغا كۇچادا تۇن كەيدۇرۇلدى
ئۇ ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئاشپەزلىكتە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان ئەمىلىيەت ۋە نەزىرىيە ئۆلچەملىك دەرىسلىكىنى تۈزمەكتە .