بۇ تېمىنى ئاخىرىدا xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-6-9 00:41
سەپەر سومكامنى قويۇپ ئايرىدۇرۇمدىكى كىشىلەر توپىغا نەزەر سالدىم ، كۆزلىرىم ناھايىتى ئاسانلا چالاشقان چاچلىرىغا يىپەك ياغلىقنى بوش چىگىپ شىپىڭ دۇخاۋا كۆڭلىكىنىڭ تۆپىگە پىنجىك كىيىۋالغان كۆزلىرى چىقىش ئىشىكىنى تەقەزالىق بىلەن ئاختۇرىۋاتقان ئاپامنى تونىۋالدى.
-ئاپا ......
چەكسىز سىغىنىش ھاياجان بىلەن ئاۋازىم تىتىرەپ چىقىپ كەتتى 30نىىڭ قارىسىنى ئالغان ئەركەك بۇلىشىمغا قارىماي ئاپامنى چىڭ قۇچاقلاپ بوقۇلداپ يىغلىۋەتتىم ،
دۇنيادا ئانا قوينىدىنمۇ ئىللىق ماكان بولمىسا كېرەك .10 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىمدا ئەڭ كۆپ يات ئىتىدىغىنىم ،ئەڭ سىغىندىغىنىم ئاپامنىڭ ئىللىق ھىددى كىلىپ تۇرىغان باغرى بولدى ،
ئانا-بالا ئىككىمىز ئۇزۇندىن ئۇزۇن قۇچاقلىشىپ تۇرغاندىن كىيىن كۆز ياشلىرىمىزنى ئىيتىپ ئامانلىق سوراشتۇق ،
-جۇر بالام ،ئۆيگە بارايلى،،،، ئاپام خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي كۆلۇمسىرەپ تىنماي سوزلەيتتى ، باشلىرىمنى سىلاپ قانماي قانماي قارايتتى ، ئايرىدورۇمدىن چىقىپ تاكسى توستۇق ،
10 يىل بوپتۇ بۇ يەرلەر شۇنداق ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ ،يوللار قايتا ياسىلىپتۇ، مەن ماڭغاندا سىلىنغان بىنالار كونىراپ يىڭىدىن زامانىۋى قۇرلۇشلار قەد كۆتۇرۇپتۇ،ئاپام بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ قانداق ئۆيگە كىلىپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن ،ئاپام شۇنچە قىلساممۇ تاكسى كىراسىنى ماڭا تولىگىلى قويمىدى ،
-بۇگۇن سەن ماڭا مىھمان بالام ، يۇۋاشلىق بىلەن جىم تۇر -، دەيتى ئاپام قولۇمنى قايتۇرۇپ ئامالسىز ئوڭايسىز بىر خىل ھىسىياتتا ماشىندىن چۇشتۇم ،
ئۆيگە كىردۇق ،ئاپام مىنى خۇددى ھىيىت داستىرخنىدەك مول پىشۇرۇقلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئۈستەلگە تەكەللۇپ بىلەن باشلىدى ، ئۆزى ئالدىراش چايغا تۇتۇش قىلدى ، بىردەمدە قىزىق بىر چەينەك چاي دەملەپ ئىككى پىيالە بىلەن كۆتۇرۇپ كىرىپ ئۇدۇلىمدا ئولتاردى ،
-ئالا بالام ئالە ،ما باقىلى قات -قاتلاردىن يىگەچ تۇر ، قىزىق چاي بىلەن ئالە ، سەل دىمىمىزنى ئىلىۋىلىپ لەغمەن سەپ بېرەي ، بايا ماڭغىچە ھەممىنى تەييارلىۋىتىپ ماڭغان ، مىنىڭ تاماقلىرىمنى سىغىنغانسەن-ھە ،، توۋا يۇغانلا ئەر بوپ كىتىپسەن ، ئەمدى ياخشى بولدى بىز يەنە جەم بولدۇق ،،،،
ئاپام يەنە تارام تارام ئىقىپ كەتتى ،
ئۇف----يۇزلىرىگە رەھىمسىز يىللار بىر مۇنچە ئىزلارنى سالغان ، يالغۇزلۇق تۇرمۇش بىسىمىدا ئۆز يىشىدىن خېلىلا چوڭ كۆرىنىدىغان ئاپامغا قاراپ مىنىڭمۇ كۆڭلىم بۇزۇلدى ،
خەپ ، مەندەك بىر ئوغلى تۇرۇپ بىچارە ئاپامنىڭ بۇلۇپ كەتكىنىنى ، ئۆز قىزىقىشىمنى دەپ نۇرغۇن ئىشلارغا سەل قاراپتىمەن ، جاھان كېزىپ تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغاقلىرىدا چىنىقتىم،مۇساپىرلىق دەردىنى يەتكىچە تارتتىم ،كۈندۈزلىرى تىرىكچىلىك غىمىدە پايپاسلىسام ، كىچىلىرى يىراقتا قالغان ئانا يەرنى ، ياشلا تۇل قالغان ئاپامنى ،،، نۇرغۇن ئەسلىمىلارنى يات ئىتىپ ئايىقى يوق خىيالارنى قىلىپ بەزىدە قانداق تاڭ ئىتىپ كەتكىنىنى بىلمەي قالغان ۋاقىتلىرىممۇ ئاز ئەمەس، مانا ئەمدى ئاددى -ساددا سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىللىق ئۈيۇمدە ئولتۇرۇپتىمەن ، ئاپام بىلەن تىنىچ-ئامان جەم بولدۇم ، مىنى نۇرغۇن ئىشلار كۈتۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، ئالدى بىلەن ئاپامنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشىم كېرەك ،
چەتئەلدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ئىقساتچىلىق بىلەن يىغىپ تىجىگەن ئاز تۇلا دەسمىيىم بار بىرەر ئىشنىڭ غىمىنى قىلىۋىلىپ ئۆينى ئوبدان بىر تۇزەشتۇرەي ،كۆزۇم كۆرۇپ تۇرۇپتۇ ، بۇ ئۆي پاكىز ئازادە بولغىنى بىلەن دادامدىن قالغان پىتىكەن ،بەلكىم ئاپامنىڭمۇ ياسىداق زىننەتلەنگەن مۇھىتتا ياشىغىسى كىلىدىغاندۇ،ئىسىمدە قىلىشىچە ئاپام تۇلىمۇ زىل ئايال ئىدى ،
تاماق يەيدىغان چىنە -قاچىدىن تارتىپ يۇتقان -كۆرپىلەرگىچە بەك ئەھمىيەت بېرەتتى ، دادام رەھمەتلىك ھايات چېغدا ئىقتىسادىمىز خىلى باياشاتتى ،ئاپام ھەر ئايدا ئۇي سەرەمجانلىرى ئالاتتى ،كىيىن دادام تۇيۇقسىز مىڭە ئوسمىسىگە گىرىپتار بۇلۇپ بىر مەزگىل كىسەل تارتىپ تۈگەپ كەتتى، شۇ چاغلاردا مەن بەلكىم 10 ياشلار چامىسىدا بولسام كېرەك.دادام 3 قىتىم ئوپىراتسىيىگە كىرگەندىن كىيىن بەلكىم پۇلدىن قىسىلدى بولغاي قەتئى دوختۇرخانا تەۋەسىگە قەدەم باسقىلى ئۇنىمىدى ، ئاپام گەپ يىگۇزەلمەي تولا يىغلايتتى ،
بىر كۈنى چۇشتە مەكتەپتىن كەلسەم ئۆي ئىچى ئادەمگە لىق تۇلۇپ كىتىپتۇ ، ئاپام مىھمانخانا ئۆيدە ئاق ياغىلىق قارا كىيىملەرنى كىيىپ پەريات چىكىپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ ،يۈرەكلىرىم قاتتىق سىلىپ كەتتى ، ئاستا دادام ياتقان ئويگە قارىسام ،،،،،،،
-ئاھ خۇدا ،،،،دادامنىڭ ئۈستىگە ئاپپاق رەخىتنى يىپىپ قۇيۇپتۇ ،ئىشىكتىن ماراپ تۇرسام دادامنىڭ يىقىن ئاغىنىسى ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قۇيۇپ ،
- ماڭا بالام ،داداڭ بىلەن خوشلىشىۋال دەپ مۆرەمدىن تۇتۇپ دادامنىڭ يىنىغا ئەكىردى ، دادامنىڭ يۇزىنى كۆرۇپ ئەندىكىپ كەتتىم ،دادامنىڭ ئازاپ بىلەن قىيا يۇمۇلغان كۆزلىرى ، سارغايغان يۈزى ھىلىمۇ كۆز ئالدىمدا .جامائەت مىنى ساخلىشىپ تۇرغان چىغى ، بىشىمغا ئاق سەللە يۇگەپ بىلىمگە ئاق چىگىپ دادامنى تەختىراۋانغا سىلىپ مەسچىتكە ئەپ مىڭىشتى ، ئالدىدا مەن يىغلاپ ماڭدىم ، نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئويگە ئەكەلدۇق . ئۆيدە دۇئا بېرىلگەندىن كىيىن گۈلسايغا قاراپ ماڭدۇق ،
تاۋۇت ئالدىدا ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ مىڭىۋاتىمەن ، دادامنىڭ مىھرىبان چىرايىنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەيمەن ،ئۇنىڭ ماڭا پەخىرلىنىش نەزىرىدە باققان كۆزلىرى ئەمدى يوق ، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئەمدى ئاڭلىيالمايمەن ،
تاۋۇت ئالدىدا كىتىۋاتىمەن ،مۈدۈرۈپ-چۇقۇرۇپ ، كىچىكىنە گەۋدەمنى قورقىنىچ بىسىپ كىتىۋاتىدۇ ، دادىسىز قانداق كۆلپەتلەر مىنى ساخلاپ تۇرغاندۇ ، يىغلاۋاتىمەن ، شۇ كۈندىن كىيىن تا بۈگۈنگىچە بۇنداق يىغلاپ باقمىدىم ،
قەبرە كۆمۇلۇپ بولغاندىن كىيىن جامائەتكە شۇنداق نىدا قىلدىم ،
-دادام ھاياتلىقىدا قانداق ئادەم ئىدى ،
ھالال، پاك ئادەمتى ، كىشىگە ئازار بەرمەيتى ،،،،،،،
جامائەت شۇنداق جاۋاپ بەردى ،،،، ياشلىرىم يامغۇردەك قۇيۇلۇپ كەتتى ،
دادا ،،، جىنىم دادا مىنى ئاپامنى تاشلاپ قانداق كەتكىڭ كەلدى ، مىنىڭ سىنىڭ يايلىغىڭدا مەڭگۈ غەمسىز ياشىغىم بارتى ،كۈچلۈك قوللىرىڭغا چىڭ يىپىشىپ ھايات مەيدانىدا يىتىلگىم بارتى ،
لىكىن سەن كەتتىڭ ، ئاجىز ئاپام بىلەن تېركىشىپ ياشاشقا مەجبۇربىز ، قاچان چوڭ بۇلامەن ،،،،،،
شۇنىڭدىن كىيىن نەزىرلەنى بىرىپ بۇلغىچە دادامنىڭ يوقلىقى ئانچە بىلىنمىدى ، يەتتە نەزىردىن يىنىپ تۇققانلار بىر -بىرلەپ كۈڭۈل ئىيتىشىپ قايتىشىپ ئاخىرى ئاپام ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق ،
ئاپام كىيىم ئىشكاۋىنىڭ يىنىغا بېرىپ دادامنىڭ چاپىنىنى ئالدى ، كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇرۇپ چاپاننى ئۇزاقتىن ئۇزاق پۇراپ يۇزلىرىگە ياقتى ، ئاستا يىنىغا باردىم ، تۇيۇقسىز ئاپام مىنى ئۇزىگە تارتىپ باغرىغا چىڭ بىسىپ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ، مەنمۇ ئىختىيارسىز ئاپامغا چىڭ چاپلاشتىم ، مۇشۇنداق قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ مىسكىن كۈنلىرىمىز باشلاندى .
داۋامى بار
[ بۇ يازماشەخلاتەرپىدىن2010-07-02 19:05دە قايتا تەھر ]