-
«قەشقەر تەسىراتلىرى» قەيسەر ھېسامىددىن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى قەشقەردە مۇۋاپىقيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى - [خەۋەر-يېڭىلىقلار]
2010-11-08
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە سارىيدا قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى،شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ تەكلىپلىك رەسسامى قەيسەر ھېسامىددىننىڭ «قەشقەر تەسىراتلىرى» تېمىسىدىكى ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.
كۆرگەزمىگە ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،قەشقەر ۋىلايەتلىك رەسساملار جەمئىيتى ،قەشقەر سەنئەت مەكتىپىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر،جەمىئىيەت ئەربابلىرى،كەسىپداشلار،كەڭ خەلق ئاممىسى ،شۇنداقلا سەنئەت مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ1000 غا يىقىن كىشى قاتناشتى.
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە 2010-يىلى 9- ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى كۆرگەزمە زالىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ، ئابدۇكېرىم نەسىردىن ، زۆرەم ياسىن ..قاتارلىق داڭلىق رەسساملار بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە كۆرگەزمىگە كىرىش سۆزى يېزىپ بەرگەن ئىدى.
قوشۇمچە:
بۇ قېتىملىق كۆرگەزمە مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان بارلىق ئەسەرلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا «قەشقەر تەسىراتلىرى قەيسەر ھېسامىددىن ماي بوياق ئەسەرلىرى» توپلىمى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ ئىھتىياجلىق شەخىسلەر بىۋاستە ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلاشسە بولىدۇ.
تىلفۇن: 13899147489
بلوگىمىزدىكى قەيسەر مۇئەللىمگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
http://www.blogbus.com/atashart-logs/65399898.html
收藏到:Del.icio.us
评论
مەن تۇنۇگۈن پەتىلەپ بارغاندا پەتىگە چىقىپ كەتكەن ئىكەنسىز.
بولسا بارالىغان بولسىڭىز،يۈز تۇرانە كۆرىشىۋالىدىكەنمىز.