كورېيە گىيوڭبو يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۇلسان شەھىرى يەنياڭ يول ئېغىزىدا 13-ئۆكتەبىر كەچتە بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، 10 ئادەم قازا قىلغان.
ۋەقە شۇ كۈنى كەچ سائەت 10:11لار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى كورېيە خەنخۇا خىمىيە زاۋۇتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان ئىشچى-خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئەمدىلا چەتئەلدە ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىكەن. يولۇچىلار ئاپتوبۇسى داگۇ ئايرودۇرۇمىدىن قايتىش يولىدا توساتتىن ئوت كەتكەن.
كورېيە ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، ماشىنىنىڭ يان تەرىپىدىكى بالون توساتتىن پارتلاپ، ئاپتوبۇس يول بويىدىكى قوغداش رېشاتكىسىغا سوقۇلۇشىدىن ئوت ئۇچقۇنى پەيدا بولۇپ، ئاندىن بۇ ئوت كېتىش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.