شىنخۇا تورى خەۋىرى: 13-ئۆكتەبىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نيۇ يوركتىكى باش ئىشتابىدا، ئانتونىيو گۇتېرېس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى. 71-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلتىيى 13-ئۆكتەبىر چاۋاك چېلىش شەكلى ئارقىلىق قارار ماقۇللاپ، پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى، ب د ت نىڭ سابىق مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئانتونىيو گۇتېرېسنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا رەسمىي تەيىنلىدى.