ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خوڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى

ۋاقتى : 2016-10-14  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىنوم پېن، 13 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13 – ئۆكتەبىر پىنوم پېندا كامبودژا باش ۋەزىرى خوڭسېن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو – كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بەردى، شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو – كامبودژا دوستلۇقىنى ئورتاق قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى بىردەك قارار قىلىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
   سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دىپلوماتىيە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، مەبلەغ سېلىش، سۇچىلىق، ئاخبارات، دېڭىز – ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى بىر قانچە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى ھەم پىنوم پېن جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا بىللە قاتناشتى.
   ئىككى تەرەپ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ بىرلەشمە باياناتى››نى ئېلان قىلدى.
   سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كامبودژا مۇستەقىللىق خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240-13999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا