ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

An-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ ئانتونوف رايونىنى قۇتقۇزالامدۇ؟

ۋاقتى : 2016-07-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : قارگۈلى  

ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ ئانتونوف رايونىنى قۇتقۇزالامدۇ؟
11.jpg

ئان-178 تىپلىق توشۇغۇچى ئايروپىلان بولسا، ئۇكرائىنا ئانتونوف لايىھەلەش ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان يېڭى تىپتىكى رېئاكتىپلىق ئوتتۇرا تىپتىكى تىرانسپورت ئايروپىلانى.

22.jpg

ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى ئاساسلىقى كونا تىپتىكى ئان-12، ئان-26، ئان-32 قاتارلىق تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. ھازىر خەلقئارا بازاردا خېرىدار چاقىرىش ۋە ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسىگە سەپلەش پىلانلانماقتا.
 

33.jpg

2015-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى ئان-178 تىپلىق بۇ ئايروپىلان تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناپ ئۇچۇرۇلدى.
 

44.jpg

2009-يىلىدىن باشلاپ ئانتونوف شىركىتى ئىزچىل ھالدا ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىغان. مەزكۇر شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ھەم ئىنژېنېرى كىۋانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئانتونوف شىركىتى ۋولگا دنېپر (Volga-Dnepr) شىركىتى بىلەن ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى بىر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، ئۇلار ئورتاق ھالدا ئان-158 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقماقچى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئايروپىلان ئان-158T دەپ ئاتالغان.

55.jpg

تەرەققىيات پىلانى بويىچە بولغاندا، ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىغا يېڭى بىر ئەۋلاد AI-28 موتور ئورنىتىلماقچى بولغان. بۇ خىلدىكى يەككە موتورنىڭ ئىتتىرىش كۈچى تەخمىنەن 9500 كىلونىيۇتونغا يېتىدۇ. ئېرىك كىرافچىنكو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: AI-28 تىپلىق موتور مۆلچەرىمىزدە 2020-يىلنىڭ ئالدى كەينىدە ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانغا ئورنىتىلىدۇ.
 

66.jpg

ئان-12 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ھەجمى بىر قەدەر كىچىك. ئەڭ چوڭ كۆتۈرۈش ئېغىرلىقىمۇ ئازراق تۆۋەن. لېكىن ئۇچۇش سۈرئىتى ۋە ئېگىزلىكى جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، زامانىۋى ھالدىكى ئۆلچەملىك بولغان ھاۋا مەشغۇلاتىغا لايىقلاشقان ئۇچۇش تېخنىكىسى بار. بۇ يەنە ئان-178 تىپلىق تىرانسپورت ئايروپىلانىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى. بۇ خىلدىكى ئايروپىلان ئانتونوفنى قۇتقۇزالامدۇ؟ بۇ بىر قىيىن مەسىلە.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا