ئىشىنمەنكى، كۆپىنچىمىز مۇزېيلاردا، باغچىلاردا، تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە ۋە ياكى يول بويلىرىدا كۆرگەزمىلەرنى كۆرگەن. ئەمما سىز دېڭىز ئاستىدا كۆرگەزمە كۆرۈپ باققانمۇ؟
كىچىكىدە، مالايسىيادە تۇرغان جەيسېن كەيرىس تايلور (Jason Caires Taylor) ئۆسۈپ يېتىلگەن مۇھىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا كەڭ تەبىئەتكە ئالاھىدە مېھرى بار ئىدى. چوڭ بولغاندىن كېيىن، بۇ مېھرىنى لوندوندىكى سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەيكەلتراچلىق ئىلىمى بىلەن زىچ باغلاپ، ئۆزىنىڭ دېڭىز ئاستى ئىجادىيەت سەپىرىنى باشلىدى.