ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى

ۋاقتى : 2016-07-15  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : ئابدۇللا  

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى شۇ يەر ۋاقتى 14-ئىيۇل موسكۋاغا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كەچ سائەت 7:00دىن باشلاپ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
   رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوفنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاشكارىلىشىچە، كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتىدىكى مۇزاكىرە تېمىىسىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۇكرائىنا، سۈرىيە ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
   رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى باياناتچىسى زاھاروۋانىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈرىيە مەسىلىسى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىكى مەركىزىي تېما ئىكەن.
   ئىگىلىنىشىچە، بۇ كېررىنىڭ بۇ يىلدىكى 2-قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتى، شۇنداقلا 2015-يىلى مايدىن بۇيانقى 4-قېتىملىق زىيارىتى ئىكەن. كېررى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم رۇسىيەگە زىيارەتكە كېلىپ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن سۈرىيە، ئۇكرائىنا، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىدە بولغان.
   ئۇكرائىنا كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىدىي ھالەتكە چۈشۈپ قالغان. يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپا، بالتىق دېڭىزى قاتارلىق رايونلاردا مانېۋىر ئېلىپ بارغان، ھەربىي ئىشلار ئەسلىھەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان، بۇنىڭ بىلەن رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى يەنىمۇ «مۇزلىغان». خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە تەرەپ كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى رۇسىيە زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلغان.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 18999939240 (نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2017 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备15003405号

شىنجاڭ ئانا تۇپراق تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا