بىر ئەر بېلىق تۇتۇۋالغاندا، ئالتۇن بېلىق ئۇنىڭ قارىمىقىغا ئىلىنىپ قاپتۇ. بېلىق بىچارىلەرچە: «مېنى قويۇپ بەرسىڭىز، سىزنىڭ ئۈچ ئارزۇيىڭىزنى قاندۇراتتىم» دەپتۇ. ئەر ماقۇل بوپتۇ.
— سىزگە چوڭ بىر يۈرۈش ئۆي لازىممۇ؟
— ياق، مېنىڭ بەش ھۇجرا، ئۈچ مېھمانخانىلىق ناھايىتى چوڭ ئۆيۈم بار.
— ئۇنداقتا، سىزگە داچا كېرەكمۇ؟
— مېنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك داچام بار.
— ئۇنداق بولسا، مەن سىزگە بىر ئاپتوموبىل بېرەي قانداق؟
— مېنىڭ بىر نەچچە ئاپتوموبىلىم بار.
— ئۇنداقتا مەن سىزنى قەھرىمانغا ئۆزگەرتىپ قويسام قانداق؟ بۇنداق بولغاندا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزگە ھەۋەس قىلىدۇ، سىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ.
— ماقۇل!
ئەر قارىغۇدەك بولسا، ئۈچ تانكا بۇ ئەر تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقۇدەك...