قۇياش چىققاندا ئۆزىنىڭ سايىسىنىڭ نەقەدەر ھەيۋەتلىكلىكىنى كۆرگەن بىر بۆرە، ئۆز-ئۆزىگە:
- مۇنداق بىر ھەيۋەتلىك جانىۋار بولغان مەن ئارسلاندىن نىمىشقا قورققۇدەكمەن. ئەمدى ئۆزەمنى ھايۋانلارنىڭ پادىشاسى دەپ ئېلان قىلالايمەن، دەپتۇ. بۆرە مانا مۇشۇنداق خىياللار ئىچىدە تۇرغاندا ئالدىغا بىر ئارسلان چىقىپ قاپتۇ. ئۆزىنىڭ ناھايتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن بۆرە ئارسلاندىن قاچمىدى. ئارسلانمۇ ئوزۇق ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاش زەخمىتىدىن قۇتۇلۇپ ئۇنى پارچىلىدى ۋە قارنىغا يەۋەتتى.
بۆرىنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى شۇ بولدى:
ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈمۈمنى ئۆزۈمنىڭ ئەقىلسىز بېشىم بىلەن ئۆزۈم ھازىرلىدىم.

ھېكمەت: ئىنسانلار كۆپىنچە ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن پالاكەتلەرنى ئۆزىنىڭ كىبىر ۋە ئەقىلسىزلىقلىرى بىلەن ئۆزلىرى ھازىرلايدۇ.