نەسىردىن ئەپەندىدىن بىر نەسىھەت: ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە
- «كىم سەن؟»
- «ھىچ، ھىچكىم» دەپ جاۋاپ ئەپەندىم.
ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ، نەسىردىن ئەپەندىنى مەڭسىتمىگەن ھالدا گېدىيىپ تۇرغان بۇ ئادەمدىن نەسىردىن ئەپەندىم سوراپتۇ:
- «سەن كىم سەن؟»
- «بىر خوجايىن» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ ئادەم.
- «ئۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولىسەن؟» دەپ سوراپتۇ ئەپەندىم.
- «ھەر ھالدا بىر ۋالىي بولىمەن.» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ ئادەم.
- «ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟»
- «ۋەزىر» دەپتۇ ئادەم.
- «ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟»
- «ئىھتىمال ۋەزىرىئەزەم بولالىشىم مۇمكىن.» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئۇ ئادەم.
- «ياخشى، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟» دەپ تەكرار سوراپتۇ نەسىردىن ئەپەندى.
ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى مەرتىۋە قالمىغان بولغاچقا ئۇ ئادەم بوينىنى پۈكۈپ تۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى مەرتىۋىسىنى ئېيتىپتۇ:
- «ھىچ»
- ھەي نادان ئادەم، مەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا سەن نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن كېلەلەيدىغان مەرتىۋىدە، يەنى «ھىچلىك مەرتىۋىسى» دە تۇرسام، يەنە نېمە ئۈچۈن ئالدىمدا بۇنداق گېدىيىپ تۇرىسەن.
قەيسەر مۇھەممەد تەرجىمىسى